تورخۇمار
تورخۇمارلار كۇلۇبىنىڭ قۇرغۇچىسى
ئەسلى تەخەللۇسۇم تەدبىركار، تورخۇمارلار كۇلۇبىدا كۆپچىلىك تورخۇمار دەپمۇ ئاتاپ قويىدۇ، يەنە رىۋايەتلەردىكى Mr.Teddy دەپ ئاتىلىدىغان ۋارىيانتلىرىممۇ بار. بىكار قالسام بلوگ يازىدىغان، بولمىسا زېرىكىشلىك خىياللارنى تولا قىلىدىغان ئادەممەن. شۇنداق قىلىپ دۇنيا بويىچە ئەڭ مەسئۇلىيەتسىز يېزىلغان بىر تەرجىمىھال مۇشۇنداقلا دۇنياغا كەلدى...
مەزكۇز يازمىنىڭ ئاپتورى ھەققىدە
[42 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
ئىلگىرى تورخۇماردا كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن « سىرلىق تەجرىبە! كامېرا + سۇ + ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئېقىۋاتقان سۇنى توختاتقىلى، ھەتتا تەتۈرىسىگە قاراپ ئاقتۇرغىلى بولىدىكەن! » دېگەن يازمىدىكى پرىنسىپقا ئوخشاش، تەۋرىنىۋاتقان سۇ ئېقىمىنى كامېرا ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە سۈرەتكە ئالغاندا، ناۋادا تەۋرىنىش چاستوتىسى ۋە كامېرانىڭ سۈرەتكە ئېلىش چاستوتىسى ماسلىشىپ قالسا، ئۇنداقتا خۇددى بىز كىنولاردا دائىم كۆرىدىغان ماشىنا ئالدىغا كېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما چاق قارىماققا تەتۈر چۆرگىلەۋاتقاندەك مەنزىرە ھاسىل …..
[42 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
ئۆزىنىڭ گۈللۈگىنى بۇ نەپس مىكرو ئىمارەتلەر بىلەن توشقۇزغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە ئەتراپتىكى بىكار بوشلۇقلارنى داۋاملىق قېزىپ يېڭى قۇرۇلۇشلارنى تاماملاشقا باشلاپتۇ، كۆپ قىسىم ۋاقتىنى ماشىنا ئىسكىلاتىدا بۇ مىكرو ئىمارەتلەرنى ياساش بىلەن ئۆتكۈزگەن بوۋاي، مەزكۇر «مىكرو كەنت» نى داۋاملىق كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن… 67 ياشلىق ئەنگلىيەلىك …..
[44 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
ئىلگىرى سۇلياۋ پلاستېردا ئادەم يۈزىنى ئوراپ تارتقان بىر يۈرۈش سۈرەتلىرى بىلەن تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن فوتوگراف سەنئەتكار Wes Naman بۇدا يەنە يېڭى بىر يۈرۈش فوتو-سۈرەتلەرنى ئېلىپ كەپتۇ. بۇ قېتىمقىسى، ئادەمنىڭ يۈزى پۈتۈنلەي رېزىنگە بوغقۇچ بىلەن مەھكەم ئورىۋېتىلگەن بولۇپ، چىراينىڭ تارتىشىپ سەتلىشىپ كەتكەنلىگىنى دېمىسەممۇ كۆردۈڭلار ھەقىچان… تۆۋەندىكىسى، …..
[45 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
ئالما شىركىتى يېقىندا iOS 7 Beta نى چۈشۈرۈشكە تەمىنلىگەندىن كېيىن، ئەسلىدە پروگرامما ئاچقۇچىلار بولمىغان بىزلەرمۇ قىززىقىپ سىناپ ئۈلگۈردۇق. ئالدىنقى يازمىدا ئۆزۈمنىڭ iOS 7 دىن خېلىلا رازى ئىكەنلىگىمنى، بەزى نەرسىلەرگە كۆنۈشكە ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن ئىدىم. بۈگۈن، رازى بولمىغان ياكى ئۆكۈنگەن جايلىرىم ھەققىدە ئازراق توختىلىشنى لايىق تاپتىم. …..
[45 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
ئاۋال شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتسەم، بۇ يېقىندا iOS سۇپىسىدا ئېلان قىلىنماقچى بولغان « جەسەتلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەر2: زامان ھالقىش » ئويۇنى ئەمەس. Popcap شىركىتى يېقىندا E3 چوڭ يىغىنىدا، «ئۆسۈملۈكلەر ۋە جەسەتلەر» تىپىدىكى ئەڭ يېڭى FPS ئويۇنى « ئۆسۈملۈكلەر ۋە جەسەتلەر: گۈللۈكتىكى جەڭ(Plants vs. Zombies: Garden Warfare) » نى ئاشكارىلىدى، بۇ ئويۇن تۇنجى بولۇپ، مىكروسوفتنىڭ Xbox سۇپىلىرىدا ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، 2014-يىلى PC قاتارلىق سۇپىلاردا رەسمىي ئېلان قىلىنماقچى! …..
[46 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
Activision يېقىندا « مەجبۇرىيەت چاقىرىقى: ئەرۋاھ (Call of Duty: Ghosts) » نىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇ بىر قانچە يۈرۈش سىندىن شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس، ئويۇندىكى باش پېرسوناژ بىر ئاپشاركا بىلەن تەڭ ھەرىكەت قىلىپ يۈرىدىكەن، قارىماققا ئاپشاركىغا بۇيرۇق قىلغىلى بولىدىغاندەكمۇ قىلىدۇ، ئەمما ئۇنى كونترول قىلغىلى بولامدۇ يوق ئۇقمىدىم. ئۇنىڭدىن باشقا، سۇ …..
[47 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
ئالدىنقى يىلىدىكى ئەڭ كاتتا كىنو نىڭ بىرى شۈبھىسىزكى «خوببېتلار: كۈتۈلمىگەن سەپەر» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھۆكۈمران ئۈزۈك قىسسىلىرىنىڭ مۇقەددىمىسى بولغان بۇ فىلىم قويۇلۇش بىلەن دۇنيادىكى نەچچە مىليون ھۆكۈمران ئۈزۈك مەستانىسىنىڭ كۈچلۈك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. يېقىندا، مەزكۇر يۈرۈشلۈك فىلىملەرنىڭ 2-بۆلۈمى بولغان «خوببېتلار2: دەشتى سىماگ»نىڭ ئەڭ يېڭى تەشۋىقات فىلىمى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، …..
[48 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
2013-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 11 دە، ئالما شىركىتى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان ئاچقۇچىلار يىغىنى WWDC ئېچىلدى. يىغىندا Apple شىركىتىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرىدىن، Mac Pro، MacBook Air، OS X قاتارلىقلار ئېلان قىلىندى. شۇنداقلا، كۆپچىلىكنى ئەڭ قىززىقتۇرىدىغان ۋە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يېڭى يانفون مەشغۇلات سىستېمىسى – iOS 7 رەسمىي ئېلان …..
[54 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
«تۆمۈر پالۋان3» فىلىمىنىڭ كۆپ قىسمى North Carolina(شىمالى كارولىنا شىتاتى)دا سۈرەتكە ئېلىنغان. ئۇنىڭ باشقا سۈرەتكە ئېلىش ئورۇنلىرىدىن يەنە Florida(فلورىدا شىتاتى)، Los Angeles(لوس-ئانژېلىس) ۋە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلىقى بار. ئوپېراتور John Toll ئىشلەتكەن كىنوكامېراسى ARRI Alexa. كىرىشتۈرۈلۈش قىسمىدىكى 2D دىن 3D غا ئالماشتۇرۇش جەريانىغا StereoD مەسئۇل بولغان… جەمئىي 17 …..
[55 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
جەسەتلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئويۇنى ئارىمىزدا ھېچكىمگە ناتونۇش ئەمەسقۇ دەيمەن؟ ئويۇن شىركىتى PopCap يېقىندا رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر ئويۇننىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد نەشىرى «جەسەتلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەر2: زامان ھالقىش» 7-ئاينىڭ 18-كۈنى دۇنيا بويىچە بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە PopCap نىڭ بىلدۈرىشىچە، «جەسەتلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەر2» پەقەت iOS سۇپىسىنىلا قوللايدىغان بولۇپ(بىر مەزگىلگىچە شۇنداق …..
[58 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يېشىمىز بارغانسىرى چوڭىيىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما قەلبىمىزدىكى بالىلىق ئەسلىمىسىنىڭ تېخى تولۇق يوقالمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا ئامالسىزمىز. بۈگۈن بالىلار بايرىمى، بالىسى بارلار باللىرىڭلارنى ئېلىپ باغچىلارغا، ئويۇنچۇقخانىلارغا، كىتابخانىلارغا ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ بۇ بىر كۈنى ئۈچۈن ۋاقتىڭلارنى ئاجرىتىڭلار. بالىسى يوقلار ياكى توي قىلمىغان بويتاقلار تورخۇماردا بالىلىقىمىزغا …..
[60 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
دۇنيادىكى يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىمەنە چاقچاقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟ ئەسنەش! بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ مەسىلىگە مەنمۇ ئانچە دىققەت قىلماپتىكەن، بۈگۈن بۇ يازمىغا رەسىم ئىزدەپ كېتىۋېتىپ ھېس قىلدىم. ئېتىراپ قىلىمەن، بىر توپ ئەسنەپ تۇرغان رەسىمگە قاراپ تۇرسىڭىز، ناۋادا نورمال ئادەم بولسا چوقۇم ئەسنەپ كېتىدىكەن. ئەسنىيەلمىگەن تەقدىردىمۇ ئاغزىنى …..
160 دىن ئاشسا ئادەم قانداق تىنالايدۇ دەيمەن، مەن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 90 دىن ئاشۇرۇپ بېقىپتىمەن، لىكىن 80 دىن ئاشتىمۇ ئادەم نەپەسلىنەلمەي قالدىكەن