كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ رەقەملىك دۇنيا ] دېگەن سەھىپىدىكى يازمىلار
جۇڭگونىڭ دوراپ ياساش سانائىتى ئىزچىل دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ، ئاشۇ iPhone شەكىللىك Android يانفون لارنى كۆرسىڭىزلا بۇ سۆزۈمنىڭ يالغان ئەمەسلىكىگە ئىشىنىسىز. ھەتتا GooApple غا ئوخشاش نۇرغۇن يانفونلار، ھەتتا سېستىمىسىدىن تارتىپ ئۆز-ئەينى قىلىۋەتكەن، بىراق تۆۋەندە تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ تاغتۇرا مەھسۇلات باشقىلارنىڭ ئۆزىنى iPhone 4 دەپ قاراپ قېلىشىنى ئانچە خالىمىسا كېرەك، چۈنكى بۇ يانفون ھەقىقەتەن …..
ئەلقىسسە، ئالما شىركىتى ئامېرىكا ۋاقتى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 10 دا ئالما شىركىتىنىڭ باش شىتابىدا يېڭى ئەۋلاد iPhone نىڭ تارقىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا تەكلىبنامە ئەۋەتىشكە باشلىدى. بىراق تا ھازىرغىچە بۇ قېتىملىق مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېلان قىلىنىدىغان يېڭى ئەۋلاد iPhone نىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىرمۇ ئېنىق مەلۇمات يوق. …..
كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بەزىدە يانفون دىكى قىسقا ئۇچۇر لارنى زاپاسلاپ خاتىرە قىلىپ ساقلاپ قويۇش ئېھتىياجى چىقىپمۇ قالىدۇ. SMS Backup بولسا دەل يانفوندىكى قىسقا ئۇچۇر لارنى ئاپتوماتىك ھالدا gmail غا زاپاسلاپ ماڭىدىغان قورال، Gmail نىڭ مۇقىملىقىغا كەلسەك، يەنە نەچچە ئون يىلغىچە جاھاننىڭ ئالدىدا مېڭىشىغا ئەلۋەتتە گەپ كەتمەيدۇ…
ھەرقانداق يانفون ئىشلەتكۈچى ئۈچۈن، يانفوندىكى ئالاقە دەپتىرىدىن مۇھىم ئۇچۇرلار بولمىسا كېرەك. بەزىدە يانفون يۈتۈپ كېتىش، ئېھتىياتسىزلىقتىن بۇزۇپ قويۇش دېگەندەك سەۋەپلەر بىلەن، يانفوندىكى مۇھىم ئالاقە نومۇرلىرىدىن ئايرىلىپ قالىمىز، ناۋادا بۇ نومۇرلار باشقا بىر جايدا ماس قەدەمدە زاپاسلىنىپ ماڭغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە؟
ئالدىنقى كۈنى مىكروسوفت Windows 8 پروگرامما ئاچقۇچىلار سىناق نەشىرىنى تارقاتتى. خېلى كۆپ قىسىم تورداشلارمۇ شۇ ھامان بۇ ئەڭ يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ سىناپ باقتى. ئىشىنىمەنكى، خېلى كۆپ قىسىم تورداشلار Windows 8 بىلەن iOS ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر گە قىزىقىدىغۇ دەيمەن. مىكروسوفت Windows 8 تە كىشىگە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغان نۇرغۇن يېڭى ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بېرىپتۇ، مەيلى قاتتىق دېتال جەھەتتە …..
NOKIA يانفونلىرى توغرىلىق سۆز بولۇنسا، ھەممەيلەننىڭ ئېسىگە ئاشۇ ئىككى قول تۇتۇشقان قوزغىلىش رەسىمى ۋە Nokia Tune ناملىق قوڭغۇراق مۇزىكىسى يادىغا كېلىشى مۇمكىن. يەنى، NOKIA Tune دىن ئىبارەت بۇ كلاسسىك قوڭغۇراق مۇزىكىسى NOKIA غا ئىزچىل ھەمرا بولۇپ كەلدى، ئەتراپىمىزدا مۇشۇ مۇزىكا سايرىغان ھامان، بۇ يانفون نىڭ NOKIA ئىكەنلىگىنى ھەممىمىز ھېس قىلالايمىز، تۆۋەندە بۇ كلاسسىك يانفون مۇزىكىسىنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى …..
ئەسلىدە كەسپىي ساھەدە مۇۋاپىقىيەت قازىنالمايدۇ دەپ قارالغان مەھسۇلات iPad مۇ بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ئىزچىل ياشلارنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشتى، بۇنىڭ ئارىسىدا ھەتتا ئوقۇغۇچىلارمۇ بار. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىلىمۇ توشتى، بەلكىم بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار تەتىلدە ئىشلەپ تاپقان، ئاتا-ئانىسى بەرگەن پۇللارنى يىغىپ iPad ،iPhone دېگەندەك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالماقچى بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. يېقىندا، چەتئەل …..
سان-فرانسىسكودىكى Aatma Studio گۇرۇپپىسى توردىكى iPhone5 كە دائىر ئاشكارىلانغان ماتېرىياللارغا ئاساسەن، iPhone 5 نى تۇتقۇ قىلىپ تۇرۇپ ئىنتايىن يۇقىرى تەسەۋۋۇر غا ئىگە بىر ئۇقۇمنى بارلىققا كەلتۈرگەن. يەنى بۇ يېڭىچە iPhone5 مەۋھۇم تەسۋىر كۇنۇپكا تاختىسىغا ئىگە بولۇپ، بىز بىۋاستە ئايفونغا تەگمەي تۇرۇپمۇ خالىغانچە E-mail، قىسقا ئۇچۇر قاتارلىقلارنى يوللىيالايدىكەنمىز. جوبز بەلكىم بۇ تەسەۋۋۇرنى كۆرگەن …..
تەخمىنەن ئۈچ ئاي ئىلگىرى، ئۇيغۇرچە Android يانفون مەشغۇلات سېستىمىسى ھەققىدە تورداشلارغا بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى تەمىن ئەتكەن ئىدۇق. بۈگۈن بۇ يانفون سېستىما بولاقچىسى ئاخىرى ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال ئىجادىيەتخانىسى تەرىپىدىن رەسمى تارقىتىلىپتۇ!
Rimino بولسا شىۋېتسىيەلىك لايىھەلىگۈچى Amid Moradganjeh تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن بىر تۈرلۈك ئېلىكترونلۇق قەغەز كۆچمە ئۈسكۈنىسى. كۆرۈنمە يۈزگە ھېچقانداق كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان، ئەكسىچە ئىشلەتكىنى ئېلىكترونلۇق قەغەز بولۇپ، باسما ماتېرىيال ياكى تەشۋىقات ئېلانىغا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. فانتازىيە تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇپ، يانفون ئىقتىدارىدىن باشقا يەنە، تېمپراتۇرا، يورۇقلۇق، پۇراق قاتارلىقلارنى سېزىش ئىقتىدارى …..
جەمىيەت تەرەققى قىلىپ بۈگۈنگىچە ، پەن – تېخنىكا ئىنسانلارغا ئاز بولمىغان ھەيران قالارلىق نەتىجىلەرنى ئېلىپ كەلدى، يانفون بولسا شۇلارنىڭ بىرى، كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ يانفون بولسا 李娜 ،徐村 ،田飞 قاتارلىق بىر قانچە جۇڭگولۇق ستۇدېنت لاھىيەلەپ چىققان ئۇقۇم يانفونى Line Phone !
دۆلىتىمىز ئىزچىل ھالدا خەلقئارا دوراپ ياساش سانائىتىدە ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ جۇمۇ؟ ئەمما بۇدا شۇنداق بىر يېڭىچە يانفون بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تاشقى لايىھەلىنىشى iPhone 4 كە 1:1 نىسبەت بويىچە مۇكەممەل يېقىنلاشقان، تېخىمۇ ئاقسا يېرى شۇكى، بۇ يانفون غا قاچىلانغان Android مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ كۆرۈنىشى iOS قا تامامەن دېگۈدەك …..
خەنچە ياماقتا ۋىروس باكەن .. چۈپ بولغىچە يۇيۋەتتى ..