نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > كىنو-فىلىملەر
كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ كىنو-فىلىملەر ] تۈرىگە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

Tviglo دىن يەنە بىر قانچە ئەسەر - Contra VS Tetris

ئالدىنقى قېتىم Super Mario بىلەن پۇرچاق يېگۈچىنىڭ جېڭىنى يوللىغاندىن كېيىن كۆرۈلۈشى خېلى يامان ئەمەس ئېشىپ قاپتۇ، تور ئارىلاۋېتىپ بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئىشلىگەن ئوخشاش تۈردىكى نۇرغۇن سىنلىرىنى بايقاپ قالدىم، بۇنىڭ ئارىسدا سىپارتا بىلەن نورېس، نارۇتو بىلەن ئەزرائىل، ئەركىنلىك ئىلاھە ھەيكىلى بىلەن گېسىلا قاتارلىقلارنىڭ جېڭىمۇ بار، تۆۋەندەك ۋەكىل خاراكتېرلىك بىر قانچىنى قالدۇرۇپ قوياي.

ھازىرغىچە 400 قېتىم كۆرۈلدى

چەتئەللىك تورداشلار 200 دوللار سەرپىيات بىلەن ئىشلەپ چىققان «ھازىرقى زامان ئۇرۇشى2» فىلىمى!

«مەجبۇرىيەت چاقىرىقى: ھازىرقى زامان ئۇرۇشى2» ئويۇنى(使命召唤:现代战争2) بۇ يىلقى ئەڭ مودا ئويۇنلارنىڭ بىرى. خۇددى ئالدىنقى «400 دوللار سەرپ قىلىپ ئىشلەنگەن ئۈنۈمى قالتىس كىرىشتۈرۈلگەن 街霸 قىسقا فىلىمى»گە ئوخشاش، بۇداقىسى چەتئەللىك تورداشلار 200 دوللارلىق تۆۋەن سەرپىيات بىلەن ئىشلەپ چىققان يۇقىرى سۈپەتلىك قىسقا فىلىم «ھازىرقى زامان ئۇرۇشى2» بولۇپ، فىلىمنىڭ ئۈنۈمىنى ھەتتا بەزى دۆلەتلەر ئىككى مىليون دوللار سەرپ قىلىپ ئىشلەپ چىققان فىلىمدىن ئېسىل دېيىشكە بولىدۇ، مەزكۇر ئويۇننىڭ مەستانىلىرى قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغان نادىر فىلىم…

ھازىرغىچە 1,411 قېتىم كۆرۈلدى

تەلۋىلەشكەن ئىنسان تەسەۋۋۇرى - سەۋەپ قىلسىڭىز مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق!

بۇ يېقىندا تورداشلار رەتلەپ چىققان توپلانما سىن بولۇپ، بۇ توپلامدا بىز كىشىلىك تۇرمۇشتا مۇمكىن بولمايدۇ دەپ قارايدىغان بىر قىسىم ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلار بىزگە ئوخشاش ئىنسانلار تەرىپىدىن ئورۇندالغان نەقمەيدان كۆرۈنۈشلەر تەسۋىرلەنگەن، ئىشقىلىپ سەۋەپ قىلسىڭىز، ھەرقانداق ئىشنى قىلىش مۇمكىنچىلىكى باردەكمۇ قىلىدۇ جۇمۇ!

ھازىرغىچە 1,200 قېتىم كۆرۈلدى

Evian ئېلانى - مۇز تېيىلالايدىغان ۋە كوچا ئۇسۇلى ئوينىيالايدىغان شادىمان بوۋاقلار!

بۇ فىرانسىيەنىڭ مەلۇم مېنىرال سۇ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىنىڭ ئېلانى بولۇپ، YouTube غا چىقىرىلغان كۈنى بىردىنلا چېكىلىشى شىددەت بىلەن ئېشىپ نام چىقارغان، سىندا بىر قانچە نەپەر زاكا ئورىۋالغان بوۋاقلار بىر تەرەپتىن مۇز تېيىلىش ئايىغى بىلەن يۈگۈرۈپ يۈرسە، بىر تەرەپتىن كوچا ئۇسۇلى ئويناپ، ئورۇنداش قىيىن بولغان ھەر خىل ماھارەتلەرنى ئورۇندايدۇ…

ھازىرغىچە 1,555 قېتىم كۆرۈلدى

ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىشلەنگەن تەسىرلىك سىن - دۇنيانى ياراتقۇچى

گەرچە بۇ سىن ئېلان قىلىنغىلى خېلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، بىراق توردىكى چېكىلىشى ئىزچىل ئېشىپ بېرىۋاتقان سىنلارنىڭ بىرى. سىن ئاپتورى Bruce Branit بولسا دۇنيادىكى داڭلىق ئالاھىدە ئۈنۈم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ بىرى، نۇرغۇن فىلىملەرنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈملىرى ئۇنىڭ قولىدىن چىقىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مەزكۇر سىننى ئىشلەشكە 2 يىلغا يېقىن ۋاقىت كەتكەن ئىكەن، پۈتكۈل سىن مەيلى ۋەقەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىن بولسۇن، ياكى تېخنىكا جەھەتتىن بولسۇن، مۇئەييەن بىر پەللىنى يارىتىپ بېرەلىگەن، فىلىمنىڭ قويۇلىشىغا ئەگىشىپ ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان ۋەقەلىكمۇ بارا-بارا كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ، قىززىقسىڭىز كۆرۈپ بېقىڭ…

ھازىرغىچە 1,250 قېتىم كۆرۈلدى

ئەسلى ئامېرىكا تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ھەممىسى مۇنداق سۈرەتكە ئېلىنىدىكەن!

بۇ بولسا بىر قانچە ئامېرىكا كۆپ قىسىملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرىنىڭ فىلىم ئىشلەش جەريانىدىكى پارچە كۆرۈنۈشلەر بولۇپ، كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ھازىرقى كىنو-فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسىنىڭ ھەقىقەتەن نەقەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن. مۇشۇنداق تەرەققىي قىلىپ ماڭسا، ئەتە ئۆگۈن بىر ئۆيدىن چىقمايلا پۈتۈن بىر فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىشمۇ تامامەن مۇمكىن بولغۇدەك!!!

ھازىرغىچە 2,533 قېتىم كۆرۈلدى

400 دوللار سەرپ قىلىپ ئىشلەنگەن ئۈنۈمى قالتىس كىرىشتۈرۈلگەن 街霸 قىسقا فىلىمى

ھېكايە ۋەقەلىكىدە Ryu دۇنياۋى ئايلانما مۇسابىقىگە ماڭغان چاغدا، Ken ئۇنىڭغا ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئۆزى بىلەن بىر قەپەس ئېلىشىپ مېڭىشنى ئېيتىدۇ، پۈتكۈل ئۇرۇش مەيدانى ۋە ئۈنۈمى ھەقىقىي ئويۇنغا يۈكسەك دەرىجىدە يېقىنلاشتۇرىۋېتىلگەن….

ھازىرغىچە 1,319 قېتىم كۆرۈلدى

روسىيەلىك تورداشلار كىرىشتۈرۈپ چىققان قىزىقارلىق سىن - Pac-Man VS Super Mario

بۇ بولسا روسىيەدىكى داڭلىق كۆڭۈل ئېچىش تور بېكىتى Tviglo دىن تارقالغان ئەسەر بولۇپ، پۈتكۈل ئەسەر ئاجايىپ مول تەسەۋۋۇر ۋە كۈلكە تۈسىنى ئالغان، مەزكۇر سىندا پۇرچاق يېگۈچى(Pac-Man) بىلەن مارىيو(Super Mario) ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان قىزىقارلىق جەڭ تەسۋىرلەنگەن، قايتىدىن ھاياتلىق بېرىلگەن بۇ پېرسوناژلار ئوتتۇرىسىدىكى جەڭدە زادى كىم يېڭىپ چىقار؟ قېنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى…

ھازىرغىچە 1,229 قېتىم كۆرۈلدى

ئۆيدە ئولتۇرۇپلا F1 ھەيدەش - مۇنداق ئۈنۈمدە ئويۇن ئوينىسا نېمىگەن ھوزۇر ھە؟!

كومپيۇتېردا ئاپتوموبېل ئويۇنلىرى ئويناش ئاللىبۇرۇن ئومۇملاشقان بىر ئىش. بىراق كومپيۇتېردا بىزگە مۇسابىقە ئاپتوموبېلىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن بېرىلگىنى پەقەتلە تۆت دانە يۆنىلىش كۇنۇپكىسى، ناۋادا ھەقىقىي ئاپتوموبېلغا ئولتۇرۇپ ھەيدىگەندەك ئۈنۈمدە ئوينىغىلى بولسا قالتىس بولاتتىدە؟
بىراق بەزىلەر ئاللىبۇرۇن بۇ خىل ئۈنۈمدىن ھوزۇرلىنىشنى باشلىغاندەك قىلىدۇ، سۈرئەت تېزلەتكەندىكى ئۈنۈم بەك قالتىسكەن، دۆلەت ئىچىدىكى باھاسى قانچە پۇلدۇ؟

ھازىرغىچە 1,380 قېتىم كۆرۈلدى

YouTube دا بىر كۈندە كۆرۈلىشى 1مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن سىن

تەڭداشسىز تەسەۋۋۇر، ئاجايىپ لايىھە!!! ئارتۇق گەپ قىلماي، كۆرمىگەنلەر كۆرۈپ بېقىڭلار، پۈتكۈل قۇرۇلمىنى لايىھەلەش ۋە قايتا-قايتا سىناق قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كەتكەندۇ؟

ھازىرغىچە 1,612 قېتىم كۆرۈلدى