كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ كىنو-فىلىملەر ] دېگەن سەھىپىدىكى يازمىلار
[942 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
ھېكايىنىڭ باشلىنىش قىسمى ئىنتايىن ئىللىق باشلىنىدۇ، Alma ئىسىملىك بىر قىز ئۆزى يالغۇز ھالدا قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان بىر تار كوچىدا كېتىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز بىر ئويۇنچۇق دۇكىنى نىڭ دېرىزىسىدىن ئۆزىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بىر قونچاقنى كۆرۈپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەجەپلەنگەن ھالدا ئويۇنچۇق دۇكىنىنىڭ ئىشىكىگە قاراپ ماڭىدۇ…
[942 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
بۇدۇنيادا ئىچى پۇشقاندا ھەرخىل ئىشلارنى قىلىپ باقىدىغان بىكارچى خەقلەر ھەقىقەتەن كۆپ. ئەسلىدە تىك-تاك توپنى مۇنداقمۇ ئويناش ئۇسۇلى بار ئىكەن، بىز بۇ يەردە بۇ سىندىكى ماھارەتلەرنىڭ زادى قانچە قېتىم تەكرار سىناشلار ئارقىسىدا بارلىققا كەلگەنلىكىنى ياكى بىرەر ئالاھىدە تېخنىكا بىلەن كىرىشتۈرگەنلىكىنى مۇنازىرە قىلىپ ئولتۇرمايلى، ئاۋال بىر سىننى كۆرۈپ چىقايلى…
[943 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
12 دانە iPhone/iTouch تا زادى نېمە قىلغىلى بولىدۇ؟ يەنە نېمە قىلغىلى بولاتتى، ئەلۋەتتە پارچە ئېكرانلارنى بىرىكتۈرۈپ چوڭ كىنو ئېكرانى ياساپ كىنو قويغىلى بولىدۇ ! Mongoose دەپ ئاتىلىدىغان بىر گۇرۇپپا مۇشۇنداق بىر ئېكراننى ياساپ چىققان. ئەمىلىيەتتە جەمئىي 13 iPhone ياكى iTouch كېتىدىغان بولۇپ، بىر دانە iPhone ئارقىلىق قالغان 12 دانە iPhone نى كونترول قىلىش ئارقىلىق بۇ …..
[944 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
كىشىلىك تۇرمۇشتا بەزى ئىشلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يۈز بېرىدۇ. مەسىلەن يولدا كېتىۋاتقان چېغىڭىزدا يېنىڭىزدىن تېز سۈرئەتتە ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبېل سەۋەبىدىن چاچرىغان يول بويىغا يىغىلىپ قالغان يامغۇر سۈيى، سكونتىغا نەچچە يۈز مېتىر سۈرئەتتە كېتىۋاتقان ئوقنىڭ ئەينەكنى تېشىپ ئۆتۈشى دېگەندەك…تۆۋەندىكىسى چەتئەللىك تورداشلار ئالىي دەرىجىلىك كامېرادا سۈرەتكە ئالغان بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر …..
[946 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
Super Mario (بىز كىچىك چېغىمىزدا سەيموگو دەپ ئاتىۋالىدىغان ئويۇن شۇ) نىڭ دۇنيادىكى ئەك كلاسسىك ئويۇنلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ، ئارىمىزدا بۇ ئويۇننى ئويناپ باقمىغانلار يوققۇ دەيمەن؟ يېقىندا بىر تورداشنىڭ بۇ ئويۇننىڭ بارلىق ئۆتكەللىرىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە تاماملىغان سىن خاتىرىسىنى كۆرۈپ قالدىم، تېز تاماملىغىنىغۇ بوپتۇ، بىراق بۇنداق يۇقىرى تېخنىكا بىلەن …..
[946 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
ئالدىنقى قېتىم تەڭداشسىز قىزىل ئارمىيىمىز مايكېل جېكسوننىڭ Beat It ناخشىسىنى ئېيتقاندىن كېيىن توردا بىراقلا داڭ چىقىرىپ، ھەممىنىڭ دىققەت نەزىرىنى ئۆزىگە تارتتى. بۇدا قىزىل ئارمىيىمىز بىز كىچىك چېغىمىزدا ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان ياپونىيەنىڭ 101 قىسىملىق كارتون فىلىمى « ۋاسكېتبول ماھىرى »نىڭ ناخشىلىرىنى ئورۇنداپ، ئۆزىنىڭ كۆپ خىل تىلدا ناخشا ئېيتالايدىغان ئۇنۋېرسال خاراكتېردىكى كەسپى قوشۇن ئىكەنلىكىنى يەنە …..
[947 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
بۇنداق قىزىقارلىق ۋە مەنىلىك فىلىم كۆرۈپ باقمىغىلىمۇ خېلى ئۇزۇن بوپتۇ، قايتا-قايتا نەچچە قېتىم كۆرۈش جەريانىدا ئاز بولمىغان نەرسىلەرنى ھېس قىلدىم، ئۈچ مىنۇتقا يەتمەيدىغان بىر قىسقا فىلىمدە، ئىنسان تەبىئىتىدىكى قارا ئۆڭكۈر ۋە ئىنسانلارنىڭ تۇيۇقسىز ئېرىشكەن كۈچ-قۇدرەت ئالدىدا خۇدىنى يوقىتىپ قويۇشتەك چوڭقۇر بىر مەنا ئىپادىلەنگەن…
[950 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
ئالدىنقى قېتىم Super Mario بىلەن پۇرچاق يېگۈچىنىڭ جېڭىنى يوللىغاندىن كېيىن كۆرۈلۈشى خېلى يامان ئەمەس ئېشىپ قاپتۇ، تور ئارىلاۋېتىپ بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئىشلىگەن ئوخشاش تۈردىكى نۇرغۇن سىنلىرىنى بايقاپ قالدىم، بۇنىڭ ئارىسدا سىپارتا بىلەن نورېس، نارۇتو بىلەن ئەزرائىل، ئەركىنلىك ئىلاھە ھەيكىلى بىلەن گېسىلا قاتارلىقلارنىڭ جېڭىمۇ بار، تۆۋەندەك ۋەكىل خاراكتېرلىك بىر قانچىنى …..
[951 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
«مەجبۇرىيەت چاقىرىقى: ھازىرقى زامان ئۇرۇشى2» ئويۇنى(使命召唤:现代战争2) بۇ يىلقى ئەڭ مودا ئويۇنلارنىڭ بىرى. خۇددى ئالدىنقى « 400 دوللار سەرپ قىلىپ ئىشلەنگەن ئۈنۈمى قالتىس كىرىشتۈرۈلگەن 街霸 قىسقا فىلىمى »گە ئوخشاش، بۇداقىسى چەتئەللىك تورداشلار 200 دوللارلىق تۆۋەن سەرپىيات بىلەن ئىشلەپ چىققان يۇقىرى سۈپەتلىك قىسقا فىلىم « ھازىرقى زامان ئۇرۇشى2 » بولۇپ، فىلىمنىڭ ئۈنۈمىنى ھەتتا بەزى دۆلەتلەر ئىككى مىليون دوللار سەرپ قىلىپ ئىشلەپ …..
[953 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
بۇ يېقىندا تورداشلار رەتلەپ چىققان توپلانما سىن بولۇپ، بۇ توپلامدا بىز كىشىلىك تۇرمۇشتا مۇمكىن بولمايدۇ دەپ قارايدىغان بىر قىسىم ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلار بىزگە ئوخشاش ئىنسانلار تەرىپىدىن ئورۇندالغان نەقمەيدان كۆرۈنۈشلەر تەسۋىرلەنگەن، ئىشقىلىپ سەۋەپ قىلسىڭىز، ھەرقانداق ئىشنى قىلىش مۇمكىنچىلىكى باردەكمۇ قىلىدۇ جۇمۇ!
[953 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
بۇ فىرانسىيەنىڭ مەلۇم مېنىرال سۇ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىنىڭ ئېلانى بولۇپ، YouTube غا چىقىرىلغان كۈنى بىردىنلا چېكىلىشى شىددەت بىلەن ئېشىپ نام چىقارغان، سىندا بىر قانچە نەپەر زاكا ئورىۋالغان بوۋاقلار بىر تەرەپتىن مۇز تېيىلىش ئايىغى بىلەن يۈگۈرۈپ يۈرسە، بىر تەرەپتىن كوچا ئۇسۇلى ئويناپ، ئورۇنداش قىيىن بولغان ھەر خىل ماھارەتلەرنى …..
[953 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
گەرچە بۇ سىن ئېلان قىلىنغىلى خېلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، بىراق توردىكى چېكىلىشى ئىزچىل ئېشىپ بېرىۋاتقان سىنلارنىڭ بىرى. سىن ئاپتورى Bruce Branit بولسا دۇنيادىكى داڭلىق ئالاھىدە ئۈنۈم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ بىرى، نۇرغۇن فىلىملەرنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈملىرى ئۇنىڭ قولىدىن چىقىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مەزكۇر سىننى ئىشلەشكە 2 يىلغا يېقىن ۋاقىت كەتكەن ئىكەن، پۈتكۈل …..
ئابومجووووووووووووووووووووون بىكامىتىلە ؟