كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ تەسەۋۋۇر ] دېگەن خەتكۈشكە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
ھوللىيۋود فىلىم لىرىنى ياخشى كۆرىدىغان تورداشلىرىمىز ئادەتتە ھەرۋاقىت ئۆزگىچە رەڭدار لايىھە لەنگەن ھوللىيۋودچە فىلىم تەشۋىقات رەسىملىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ، ناۋادا سىز تەپسىلىي ئەسلەپ باقسىڭىز، ھەر قېتىم يېڭى بىر فىلىم چىقماقچى بولغاندا، سىزدە بۇ تەشۋىقات رەسىمى ئىلگىرى بىر يەردە كۆرگەندەك خاتا تۇيغۇ پەيدا بولۇشى مۇمكىن. بىراق بۇ خاتا تۇيغۇ ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئوخشاش …..
تۆۋەندىكىسى، hyundai شىركىتىنىڭ ئىناۋەت كارتىسى توغرىسىدا ئىشلەنگەن قاتۇرما كارتون شەكىللىك ئېلان بولۇپ، ئېلان غا iPad ،iphone لاردىكى سەزمە ئېكران تېخنىكىسىنىڭ ئېلىمېنتلىرى يۇغۇرۇلغان، شۇ ئارقىلىق بۇ خىلدىكى كارتىنىڭ ھەرقانداق جايدا ناھايىتى ياخشى ئەسقاتىدىغانلىقى كۈچلۈك يورۇتۇپ بېرىلگەن.
تېمىسىغا ۋە يازما رەسىم ىگە قاراپ ئىچىدە نېمە بارلىقىنى ئانچە-مۇنچە بىلىپ قالدىڭلارغۇ دەيمەن. ئويلىغىنىڭلار توغرا، بۇ ئەسەردە ھەرخىل رەڭلىك قەغەزلەرنى كېسىش، چاپلاش ئارقىلىق ناھايىتى ئۆزگىچە تەسەۋۋۇر بىلەن نۇرغۇنلىغان ئادەم، زاۋۇت ۋە ئىشخانىلار ياساپ چىقىلغان. تەپسىلىي كۆرسەڭلار سىلەرمۇ مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورىنىڭ ئىنچىكىلىكىگە، چىدامچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايسىلەر. مەن كىچىكىمدە قەغەز كېسىپ ، چاپلاپ …..
Eran Amir نەگە بارسا شۇ يەرنى سۈرەت كە تارتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ يولدا ئۇچرىغان 500 ئادەمگە قولىغا رەسىم تۇتقۇزۇپ سۈرەتكە تارتقان ، ئاندىن بۇ سۈرەتلەرنى 100 سكونتلۇق بىر كۆرۈنۈش شەكلىدە ئۇلاپ چىققان، ئىنتايىن ئۆزگىچە چىققان دېيىشكە بولىدۇ! ئەلۋەتتە، چەتئەللىكتە تەسەۋۋۇر كەم ئەمەس، ۋاقىت كەم ئەمەس، يولدىكى ئاۋۇ بىكارچى 500 ئادەمدە زېرىكىش دېگەن نەرسە تېخى …..
سان-فرانسىسكودىكى Aatma Studio گۇرۇپپىسى توردىكى iPhone5 كە دائىر ئاشكارىلانغان ماتېرىياللارغا ئاساسەن، iPhone 5 نى تۇتقۇ قىلىپ تۇرۇپ ئىنتايىن يۇقىرى تەسەۋۋۇر غا ئىگە بىر ئۇقۇمنى بارلىققا كەلتۈرگەن. يەنى بۇ يېڭىچە iPhone5 مەۋھۇم تەسۋىر كۇنۇپكا تاختىسىغا ئىگە بولۇپ، بىز بىۋاستە ئايفونغا تەگمەي تۇرۇپمۇ خالىغانچە E-mail، قىسقا ئۇچۇر قاتارلىقلارنى يوللىيالايدىكەنمىز. جوبز بەلكىم بۇ تەسەۋۋۇرنى كۆرگەن …..
بۇ قانداق سېھرىگەرلىك بولۇپ كەتتى ئەمدى؟ قاراپ تۇرۇپ بىر راھىپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا دەرۋىشكە ئايلىنىپ قالدى دىسە؟ ئەجىبا بۇ رىۋايەتلەردىكى غازىباي چاچ چىقىرىش سوپۇنىنىڭ كارامىتىمىدۇ؟
ئىلگىرى تورخۇماردا ئېلان قىلىنغان رېئال ئاۋاز ئۈنۈمىگە ئىگە موگو ئويۇنى ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئۇ سىندا بىز ھېچقانداق مۇزىكا سەپلەنمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، مارىيو تاغىنىڭ ساپ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئىدۇق. مەزكۇر سىندا، چەتئەللىك بىر ياش ئالتە خىل ئاۋاز يولىنى بىر ئادەم ئورۇنلاپ ئاخىرىدا بىرىكتۈرۈپ مۇكەممەل بىر يانداش مۇزىكا قىلىپ چىققان. تونۇش مۇزىكا، يېڭىچە تەسەۋۋۇر !
رېئال تۇرمۇشنىڭ تىرىك مودىلى دېسەك ئارتۇق كەتمەس؟ ئامېرىكىلىق فوتوگراف Sam O’Hare جەمئىي 35000 پارچە سۈرەتتىن پايدىلىنىپ نىيۇيورك شەھىرىنىڭ بىر كۈنىنى خاتىرىلىگەن. سۈرەتكە تارتىش تېخنىكىسىغا ئالاھىدە ئۈنۈم ئىشلىتىپ، پۈتكۈل مۇھىتنى كىچىكلىتىپ، خۇددى قۇرۇلۇش مودېلى مىدىرلاۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرگەن، ئاجايىپ قالتىس دېيىشكە بولىدۇ!
بۇ KIA ئاپتوموبېل ىنىڭ يېقىندا ئىشلەپ چىققان « One Epic Ride » ناملىق ئېلان ى بولۇپ، ئېلان يۈكسەك تەسەۋۇر ۋە مول فانتازىيە ئېلىمېنتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، ھوللىيۋود فانتازىيە فىلىملىرىدىن قېلىشمىغۇدەك بىر ئۈنۈمنى ياراتقان، ھەقىقەتەن قالتىس ئىشلىنىپتۇ! ئاپتوموبېل ھەۋەسكارلىرى مۇنداق ئېلانلاردىنمۇ ھوزۇر ئېلىپ قويساق بولغۇدەك!!!
ھازىر نىيۇيورك شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق Jamie Beck بولسا بىر نەپەر فوتوگراف. ئۇ بىر قىسىم GIF شەكىلدىكى فوتو-سۈرەتلەر نى ياساشقا ماھىر بولۇپ، بىر سۈرەتنىڭ كۆپ قىسىم ھالىتىنى تىنچ قويۇپ، پەقەت ئىنتايىن ئاز بىر قىسىمىنى ھەرىكەت ھالىتىدە ساقلاپ قالغان ئاساستا ئىنتايىن ئۆزگىچە بىر يۈرۈش فوتو-سۈرەتلەرنى ياساپ چىققان. تۆۋەندە ئۇنىڭ بىر قىسىم …..
ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ Google نىڭ ئېلانى ئەمەس، بەلكى Lady Gaga گۇگېلنىڭ باش شىتابىدا زىيارەت قوبۇل قىلماقچى بولغاندا ئىشلەنگەن فىلىم بېشى. Google ئۆزىنىڭ ھەرخىل مۇلازىمەتلىرى(مەسىلەن، YouTube، گۇگېل تەرجىمانى ۋە رەسىم ئىزدىگۈچ) ئارقىلىق Lady Gaga نى قارشى ئالغان. مۇشۇ ئاددى بىر سىندىنمۇ Google نىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا نەقەدەر باي ۋە ئىنتىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس …..
دەرس ۋاقتىدا بەك زېرىكىپ كەتكەندە، قۇرۇق خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇش، كونسىپىكنىڭ بىكار ۋاراقلىرىغا ئۆزىمىزنىڭ تەسەۋۋۇر ىنى سىزىپ چىقىپ چاقناتقانغا يەتمەيدۇ. ornana films دىكى ساۋاقداشلار، بىزنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىمىزدىكى ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بۇ ئەسلىمىلەرنى « بىئولوگىيە دەرس خاتىرىسى » نامىدا قاتۇرما شەكىللىك كارتون قىلىپ ئىشلەپ چىققان. بۇ توغرىلىق سۆزلىسەك يەنە شۇ مەكتەپتىكى چاغلار ئېسىمىزگە …..
«تارزان»نىڭ 3-بۈلۈمى