كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ رەسىم ] دېگەن خەتكۈشكە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
«قەھرىمان» ئىسىملىك بۇ رەسىم ، ئاپتور Miguel Endara نىڭ ئاتىسىنىڭ بىر پارچە پورتىرىت رەسىمى(قارىماققا يۈزىنى سىكەننېرگە چاپلاپ تارتقان سۈرەتتەكلا) بولۇپ، ئاپتور پۈتكۈل رەسىمنى سىزىش جەريانىدا تالالىق سىياھ قەلەم ئارقىلىق قەغەز يۈزىگە بىردىن بىردىن چېكىپ سىزىپ چىققان، جەمئىي 32 مىليون دانە چېكىت ئۇرۇلغان. بۇ ئەسەرنىڭ ئۆزىلا بىر سەنئەت بۇيۇمى بولۇپ قالماستىن، پۈتۈپ چىقىش …..
ئىنتايىن ئۆزگىچە چىققان 3D يەر يۈزى رەسىملىرى ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ بىر يۈرۈش Lego ئارمىيىسى ناملىق رەسىم لەر، سەنئەت كار Leon Keer نىڭ جۇڭگودا كۆرگەن بىر قىسىم مەنزىرىلەردىن كەلگەن ئىلھامىغا ئاساسەن سىزىپ چىقىلغان ئىكەن…
Adobe MAX 2011 ئىجادكارلار يىغىنىدا، Adobe كۆپچىلىككە PhotoShop ئۈچۈن تۈزۈن چىققان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تېخنىكا: تۇتۇق رەسىمنى ئېنىقلاشتۇرۇش (Deblurring) نى ئاشكارىلىدى. نۆۋەتتە بۇ تېخنىكا تېخى ئېچىش باسقۇچىدا بولۇپ، كېيىنكى ئەۋلاد photoshop (مەنچە PhotoShop CS6 بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن) بىلەن قوشۇلۇپ كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىشى مۇمكىن…
مىسرانىم مۇنبىرىدىكى sarsan821 ئىسىملىك توردىشىمىز AliasSketchBookPro ۋە Photoshop ئارقىلىق توققۇز سائەت سەرپ قىلىپ دوستىنىڭ پورتېرت رەسىمىنى سىزىپ چىقىپتۇ. پۈتكەن رەسىم بىلەن ئەسلى رەسىمنى سېلىشتۇرۇپ قارايدىغان بولساق، نەقەدەر ھەقىقىي سىزىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. بۇنداق نادىر ئەسەرلەر چەتئەللىك تورداشلارنىڭلا قولىدىن چىقىدۇ دەپ كىم دەيدۇ؟ قېنى ھەممىمىز بىرلىكتە بۇ گۈزەل قىز نىڭ سىزىلىش جەريانىنى …..
GIF رەسىمنىڭ رەزمېرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتىش ھەمىشە ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان بىر مەسىلە. مەسىلەن، بەزىدە QQ پاراڭلىشىۋاتقان چېغىمىزدا، بىرەر ھەرىكەتچان چىراي ئىپادىسىنى ئەۋەتمەكچى بولساق، رەسىم نىڭ رەزمېرى بەك چوڭ بولۇش سەۋەپلىك يوللانمايدىغان ئەھۋال بولىدۇ، ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ چاغدا GIF Resizer بىزگە دەل ئەسقاتىدىغان قورال دۇر!
تېمىسىغا ۋە يازما رەسىم ىگە قاراپ ئىچىدە نېمە بارلىقىنى ئانچە-مۇنچە بىلىپ قالدىڭلارغۇ دەيمەن. ئويلىغىنىڭلار توغرا، بۇ ئەسەردە ھەرخىل رەڭلىك قەغەزلەرنى كېسىش، چاپلاش ئارقىلىق ناھايىتى ئۆزگىچە تەسەۋۋۇر بىلەن نۇرغۇنلىغان ئادەم، زاۋۇت ۋە ئىشخانىلار ياساپ چىقىلغان. تەپسىلىي كۆرسەڭلار سىلەرمۇ مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورىنىڭ ئىنچىكىلىكىگە، چىدامچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايسىلەر. مەن كىچىكىمدە قەغەز كېسىپ ، چاپلاپ …..
بىۋاستە ئوخشىمىغان رەڭ سۇيۇقلىقلىرىنى بىر يەرگە تۆكۈپ، رەڭلەرنىڭ ئۆزلىكىدىن بىرىكىشى ئارقىلىق ئاجايىپ نەپس بىر مەنزىرىنى ھاسىل قىلىش. بەزىلەر بۇنى بىر خىل مۇستەققىل سەنئەت دەپ قارايدۇ، بەزىلەر بولسا بۇنى ھېچقانداق يېڭىلىق يوق، چۈنكى بۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە تايىنىپ ھاسىل قىلىنغان ئەمەس، ھېچقانداق مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ دەپ قارايدۇ. ئەلۋەتتە، سەنئەتتىن قانداق ھوزۇرلىنىش، ھەر بىر …..
تالانت ئىگىلىرى ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس جۇمۇ؟ تۆۋەندىكىسى بىر پارچە 1000000 ھەسسە چوڭايتقىلى بولىدىغان سىرلىق رەسىم بولۇپ، ھەقىقەتەن شۇنچىلىك كۆپ 0 بارمۇ بۇنى بىلمىدىم. بىراق بۇنى لايىلىھەگەن ئادەمنىڭ تەسەۋۋۇرىنىڭ ئۆزگىچىلىكىگە قايىل بولماي تۇرغىلى بولمىغۇدەك. ناۋادا سىزگىمۇ شۇنداق ئۆزگىچە بىلىنگەن بولسا، تېخىمۇ كۆپ تورداشلار بىلەن بىرلىكتە ھوزۇرلىنىشنى ئۇنتۇماڭ…
XnView بولسا بىر تۈرلۈك ھەقسىز رەسىم-سۈرەت كۆرۈش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، ئىقتىدارى كلاسسىك رەسىم كۆرۈش يۇمشاق دېتالى Acdsee دىن ھەرگىزمۇ قېلىشمايدۇ. قوللايدىغان سۈرەت -رەسىم فورماتى 100 خىلدىن ئاشىدۇ، ھەتتا ئۆزىدە بىر قىسىم كۆپ ئىشلىتىدىغان رەسىم-سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارلىرىنىمۇ تەمىنلىگەن.
Photobucket بولسا، چەتئەلنىڭ ھەقسىز تور ئالبوم ى بولۇپ، چىقارغان رەسىم لەرنى سىرتقا ئۇلانما قىلىشنى قوللايدۇ. ھەقسىز ئەزالارغا 500MB بوشلۇق بېرىلگەن بولۇپ، چىقارغان رەسىمنىڭ سىغىمىغا نىسبەتەن چەكلىمە يوق، فورماتىغىمۇ چەكلىمە قويۇلمىغان. ھەر ئايدا 25G ئېقىم مىقدارى سەپلەپ بېرىلگەن. بۇ شارائىت ئادەتتىكى ئەزالارغا نىسبەتەن تامەن يېتىپ ئاشىدۇ، مۇنبەرگە باش رەسىم بەلگىلەش ، بلوگ قىستۇرما رەسىملىرىنى …..
بۇ بىر يۈرۈش ئادەمنى ئەجەپلەندۈرىدىغان ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى CG رەسىملەر نىڭ ھەممىسى روسىيەلىك Alex Andreyev نىڭ قولىدىن چىققان. گۈزەل- سەنئەت ئەسەرلىرىگە قىززىقىدىغان ۋە ھوزۇرلىنىشنى ياقتۇرىدىغان تورداشلار بىلەن بىرگە ھوزۇرلىنىپ باقايلى…
Pixlr بولسا بىر تۈرلۈك توردا رەسىم تەھرىرلەش كە بولىدىغان، Flash نى رامكا قىلىپ تۇرۇپ ئىشلەنگەن مۇھىت بولۇپ، Photoshop نىڭ تور بېكەت نۇسخىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل يۇمشاق دېتال، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە كۆرۈنمە يۈزمۇ Photoshop قا ئىنتايىن ئوخشاپ كېتىدۇ.
مەنمۇ كۆرەپ باقاي