كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ سۈرەت ] دېگەن خەتكۈشكە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
تېخنىكا ساھەسىدىكى تەرەققىيات كۈندىن-كۈنگە تېزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئىشىنىمەنكى نۇرغۇن كىشىلەر يېڭى تېخنىكىلارنى ناھايىتى ئاسانلا قوبۇل قىلالايدۇ، بۇنداق پەيتتە، ۋاقتى ئۆتكەن تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار تولىسى ئادەمنىڭ نەزىرى چۈشمەيدىغان بىر بۇلۇڭدا ئاسارە-ئەتىقىغە ئايلىنىپ قالىدۇ. خۇددى ھازىر قولىڭىزدا iPhone بولغاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى چاقىرغۇغا قاراپ قويمىغاندەكلا بىر ئىش…
ھوللىيۋودتىكى فىلىملەر دە، مەيلى قەدىمكى قورال -ياراغ ياكى تېلېفون بولسۇن، ياكى ئۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان ھەر خىل قوراللار بولسۇن ھەممىنى تاپقىلى بولىدۇ! تۆۋەندىكىسى دەل مۇشۇ بايلىقلار ساقلىنىدىغان ئامبار بولۇپ، ئىچىدىكى ھەر بىر بۆلەك، ھوللىيۋود كىنو لىرىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. بۇ بەلكىم، دۇنيادىكى ھازىرغىچە ئەڭ تولۇق ۋە دادىل ئاشكارىلانغان قورال-ياراغ ئامبىرى …..
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش ىغا ئاز دېگەندىمۇ 60~70 يىل بولۇپ قاپتۇ، يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئاشۇ ۋەھشىيانە ھەمدە ئازاپلىق بولغان ئەسلىمىلەر مۇ بارا-بارا كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. Sergey Larenkov ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى كونا سۈرەتلەر بىلەن ھازىرقى زاماندىكى يېڭى سۈرەت لەرنى ئۆز-ئارا بىرىكتۈرۈپ، ئوخشاش بىر جاي، ئوخشىمىغان ۋاقىت ئارقىلىق ئۇرۇش بىلەن …..
گەرچە ئۇقۇم فوتو-ئاپېراتى ھازىرقى پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئانچە يىراق كەلگۈسى دە بولمىسىمۇ، بىراق بەزى تەرەققىياتلار ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كەلگۈسىگە بولغان تەقەززاسىنى كۈچەيتمەي قالمايدۇ. خۇددى مەزكۇر سىندىكى فوتو-ئاپېراتتەك، كامېرا بېشى بىلەن ئاپېرات سىمسىز تور ئارقىلىق ئۇلانغان، كامېرا بېشىنى خالىغان جايغا قويۇپ قويۇپ ئۆزىمىز خالىغان ھالەتكە تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن رەسىمگە تارتساقلا …..
ھېچقانداق ئالاھىدە چاپلاشتۇرىدىغان نەرسە ئىشلىتىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، تاش بىلەن تاشنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرسا قانداق ھادىسە يۈز بېرىدىغاندۇ؟ سەنئەتكارلار ساپ سۈركىلىش كۈچى ۋە ئېغىرلىق كۈچىدىن پايدىلىنىپ، دېڭىز ساھىلىدىكى تاشلارنى سىرلىق ھالدا بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ چىققان، ئەسلىدە قاتار يېتىپ كەتكەن قۇرام تاشلارغا شۇ ھامان «جان» كىرگەن! گەپنى جىق قىلماي دەرھال بۇ تاشلارنىڭ ئەتراپىغا …..
خېلى بۇرۇنلا توردا سومالىدىكى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ گونلاندىيەدە سوتلىنىپ تۈرمىگە قامالغانلىقى، كېيىن تۈرمە شارائىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە ياخشىلىقى تۈپەيلى مۆھلىتى توشقاندا تۈرمىدىن ئايرىلىشقا قىيماي قالغانلىقىدەك بىر خەۋەرنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە، بۈگۈن توردىن گوللاندىيەدىكى بىر ئادەتتىكى تۈرمىنىڭ بىر قانچە پارچە سۈرىتىنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئەسلىدە ئۇلارنىڭ تۈرمىدىن چىقىشقا قىيماي قالغانلىقى ئەجەپلىنەرلىك …..
يېقىندا ئامېرىكا ئالەم ئىشلىرى ئىدارىسى خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئېگىزدىن تارتقان بىر قىسىم يەرشارى مەنزىرىسىنىڭ سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن يەرشارى دىكى بىر قىسىم شەھەرلەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ئىپادىلەنگەن.
1999-يىلى تارتىلغان بىر پارچە سۈرەت نىيۇيوركتا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشتا تۆت مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق يۇقىرى باھا بىلەن سېتىلغان. بۇ بىر پارچە سۈرەت نىڭ نامى Rhein II(رېيىن دەرياسى ئىككىنچى نومۇر) بولۇپ، 1981-يىلى ئۈچ مىليون 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىلغان بىر پارچە نامسىز سۈرەتنىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت بىر پارچە سۈرەت كە …..
ھازىر مۇئەللىم بولۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، شۇنداقلا بۇ كەسىپنى تاللايدىغان كىشىلەرمۇ بارغانچە ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەش بولسا بارغانسىرى تەسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، شۇڭا مۇئەللىم لەرمۇ ھەرخىل ئۆزگىچە ئۇسۇللار بىلەن ئوقۇچىلارنى دەرسكە قىززىقتۇرۇشقا تىرىشىشى كېرەك! نېمە؟! دىۋاندا ئولتۇرۇپ كۈلىۋاتقان قايسىڭ؟! بۇ سائەت دەرسنى دوسكىنىڭ يېنىدا ئۆرى تۇرۇپ ئاڭلايسەن! ۋۇ …..
فوتوگرافلىق تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان بىر خىل خىزمەت، ئەمما تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، سىزدە بەلگىلىك سەنئەت ھۈجەيرىسى بولۇشى كېرەك، بۈگۈن بۇ بىر پارچە يازمىدا كۆپچىلىككە 21 پارچە تەسەۋۋۇرغا تويۇنغان سايە چۈشۈرۈش ئۈنۈمىدىكى فوتو-سۈرەت ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي، بۇ نادىر مەنزىرىلەر ھەممىسى فوتوگراف نىڭ كامېراسىدا دەقىقە ئىچىدە خاتىرىلىۋېنغان، بىرلىكتە ھوزۇرلىنايلى…
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بىر پارچە سۈرەت بولۇپ، 111 گىگا پېكىسلدا تارتىلغان ئىكەن. رەسىمدىكى ھەر بىر ئورۇننى خالىغانچە چوڭايتىشقا بولىدىكەن، ناۋادا بۇ خىلدىكى سۈرەتكە تارتىش تېخنىكىسى كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى كەڭ تۈردە ئومۇملىشىپ كېتىپ قالسا، قورقۇنچ ھېس قىلىپ قالارمىزمۇ؟ مەيلى بىر قانچىلىك يىراقتا بولايلى، ئۆزىمىز بىلمىگەن ھالدا باشقىلارنىڭ كامېراسىغا چۈشۈپ …..
Adobe MAX 2011 ئىجادكارلار يىغىنىدا، Adobe كۆپچىلىككە PhotoShop ئۈچۈن تۈزۈن چىققان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تېخنىكا: تۇتۇق رەسىمنى ئېنىقلاشتۇرۇش (Deblurring) نى ئاشكارىلىدى. نۆۋەتتە بۇ تېخنىكا تېخى ئېچىش باسقۇچىدا بولۇپ، كېيىنكى ئەۋلاد photoshop (مەنچە PhotoShop CS6 بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن) بىلەن قوشۇلۇپ كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىشى مۇمكىن…
مەنمۇ كۆرەپ باقاي