كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ مۇزىكا ] دېگەن خەتكۈشكە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
ئىلگىرى تورخۇماردا ئېلان قىلىنغان « ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ iPhone دا ئورۇنلىشىدا: ئاي يۈزۈڭنى كۆرمىدىم » ناملىق سىن يادىڭىزدا بارمۇ؟ ئەلۋەتتە، تەڭداشسىز iPhone نىڭ قۇدرىتىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ. تۆۋەندىكىسىمۇ مەلۇم بىر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ iPhone دىكى Gyro Air Drums ناملىق مەۋھۇم چاتما دۇمباق يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ئورۇندىغان ماھارىتى…
ئارام-ئېلىش كۈنلىرىگە قاتتىق قۇرۇق نەرسە تەييارلاپ بولالمىدىم، بىر قىسىم كونا كلاسسىك ناخشىلار بىلەن قوشۇلۇپ يەنە بىر قىسىم يېڭى لاتىنچە ناخشىلارنى كىچىك بىر توپلام قىلىپ قويدۇم، ناخشا -مۇزىكىغا ھېرىسمەن دوستلارنىڭ بلوگ يېزىپ چارچىغاندا ھاردۇقىنى يەڭگىللىتىشكە ئازراق بولسىمۇ پايدىسى بولار…
魂斗罗 ئويۇن ىنى ئارىمىزدا ئويناپ باقمىغانلار يوققۇ دەيمەن؟ ئەلۋەتتە، ئويۇن بىلەن قوشۇلۇپ ئاشۇ تونۇش مۇزىكا ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ. تۆۋەندىكىسى پىئانىنودا چېلىنغان 魂斗罗 ئويۇنىنىڭ بارلىق ئۆتكەللىرىنىڭ مۇزىكىسى بولۇپ، مۇزىكا بىلەن قوشۇلۇپ، بالىلىق دەۋرىمىزدىكى ئاشۇ تالىشىپ ئوينىغان ئۆتكەللەرنى بىر ئەسلەپ چىقايلى…
ئارام ئېلىش كۈنلىرىگە قاتتىق قۇرۇق نەرسە ئېلىپ كەلگىلى بولمىدى، ئۆزۈممۇ چارچاپ قاپتىمەن. كۆپچىلىك بىرگە بىر قانچە تاللانما ناخشىنى بىرلىكتە تىڭشاشنى ماقۇل كۆردۈم. زېرىككەندە، خىيالغا پاتقاندا، قىلغىلى ئىش تاپالمىغاندا ۋاقىت ئۆتكۈزگەچ تىڭشاپ قويىدىغان تاللانما ناخشىلار …
خىزمەت ۋاقتىدا دائىم ئاڭلايدىغان بىر يۈرۈش كلاسسىك ياۋروپاچە ناخشىلار ، ھەر بىر ناخشا كىشىگە ئۆزگىچە ۋە يېقىملىق تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. ئالدىنقى ناخشىلارنىڭ ئۇدار تۇيغۇسى سەل كۈچلۈك، كېيىنكىلىرى بىر قەدەر يۇمران تۇيغۇدىكى ناخشىلار، شۇڭا ئىككىگە بۆلۈپ تىڭشىساق ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەچلىگى بۇنداق يۇمران ناخشىلار تېخىمۇ بەك …..
سەپەرنىڭ ھەممىسى كۆڭۈللۈك بولۇشى ناتايىن، بىراق ياخشى ناخشىلار ھەمرا قىلىنغان سەپەرلەر تولىسى كۆڭۈللۈك بولىدۇ. تۆۋەندىكىسى توردىن رەتلەنگەن 50 دانە تۈركچە-ئەرەپچە ناخشا توپلىمى بولۇپ، بىر قىسىم يېڭى كۈيلەرگە كلاسسىك مۇڭ ناخشىلار قوشۇلۇپ تېخىمۇ بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلىنغان، تۈركچە ۋە ئەرەپچە ناخشىلار نى ياخشى كۆرىدىغان تورداشلار ئۈچۈن ياخشى تاللاش بولالىغۇسى…
تېخى يېقىندا كۆپچىلىككە intel نىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە كىرىشتۈرۈلگەن فىلىمى « ئىز قوغلاش » نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدىم، تورداشلارنىڭ ئىنكاسىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان، بۈگۈن كۆپچىلىككە داۋاملىق ئىنتايىن ئۆزگىچە كىرىشتۈرۈلگەن بىر MV نى تونۇشتۇراي، باشتىن ئاخىر بىر كۆرۈنۈشتىلا سۈرەتكە ئېلىنغان بۇ MV دىكى يېڭىلىق لاردىن بىرلىكتە بەھر ئېلىپ باقايلى!
iOS تىن ئىبارەت بۇ سىرلىق يانئەسۋاب مەشغۇلات سېستىمىسى بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، كىشىلەرنىڭ ھاياجىنى ئۈزۈلمىدى. ھازىر چەتئەلدە iPad ئارقىلىق مۇزىكا ئورۇنداش ئاللىبۇرۇن يېڭىلىق ئەمەس، ھەتتا ئىلگىرى بىر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ iPhone دا ئېيتقان ناخشىسىنى ئاڭلاپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئەمما يېقىندا بىر قانچە يىگىتنىڭ بېشىغا ھەجۋى دوپپا كىيىپ، چېركوۋدا روژدېستىۋو مۇزىكىسى ئورۇندىغان كۆرۈنۈشى زىيارەتچىلەرنى ئۆزىگە قاتتىق قىززىقتۇرىۋاتىدۇ ۋە شۇ تۈردىكى يازمىلارنىڭ كۆرۈلۈشى شىددەت بىلەن ئېشىۋاتىدۇ. …..
ئىجادى تەپەككۈر بىزدە بىر قەدەر كەمچىل بولسىمۇ، بىراق يەنىلا توختاپ قالغىنى يوق. گەرچە بىر قىسىم ئىجادىيلىقلار زېرىكىشلىكتەك تۇرسىمۇ، بىراق كىشىگە بېرىدىغان ھوزۇرى يەنىلا ئوخشىمايدۇ، خۇددى تۆۋەندىكى ناخشا تېكىستى دېئاگراممىسى غا ئوخشاش. زېرەك تورداشلارنىڭ قانداق قىلىپ ناخشا تېكىستىنى ئىنتايىن ئوبرازلىق دېئاگراممىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم كېچىسى ئىشلىگەچ م ۇڭ مۇزىكىلار دىن ھوزۇرلىنىش، بۈگۈن بۇ يەردە، ئوخشاش ھەۋىسى بار دوستلار ئۈچۈن بۇ تاللانغان 50 دانە مۇڭ مۇزىكا توپلىمىنى تەقدىم قىلاي، ھەر بىر مۇزىكىدىن ئۆزگىچە رېتىم ، مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ، كېچىلىك خىزمىتىڭىزدە چوقۇم ياخشى ھەمرا بولالىغۇسى!
گەرچە ئېنگلىزچە ئۇقمىساقمۇ، تىڭشىغۇچ (耳机)تىن كەلگەن ئاشۇ نوتىلارنىڭ يېنىك تەۋرىنىشى ئاستىدا، يۈرىكىمىزنىڭ بىر يەرلىرىدە يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەسلىمە پارچىلىرى ئويغىنىپ قالسا، سۇلغۇن مېلودىيەلەر نېرۋىمىزغا يېنىك سانجىلىپ بىزنى بىردەملىك بولسىمۇ بىھوش قىلسا ئەجەپ ئەمەس…
بەزى ۋاقىتلاردا ئاشۇ بىر بۆلەك مۇزىكىلارمۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى دولقۇنسىمان تۇيغۇغا سالالايدۇ، چوقۇم ناخشا تېكىستى بولۇش شەرت ئەمەس، بەلكى پەقەت ئاشۇ يېنىك ۋە ساپ مۇزىكىلا خۇشال ۋاقتىمىزدىكى ياكى ئازاپلىق مىنۇتلاردىكى ھېس-تۇيغۇلارنى ئويغىتالايدۇ. ئۇنداقتا تۆۋەندە مۇزىكا توغرىلىق مۇنازىرە قىلىشىپ يۈرمەيلى، قۇلاققا تىڭشىغۇچنى سېلىپ، لېرىك ۋە لەرزان مۇزىكىلار دىن بىرلىكتە ھوزۇرلىنايلى! come …..
مەنمۇ كۆرەپ باقاي