ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مانا مال كەلدى، HP Stream

مانا مال كەلدى، HP Stream

ۋاقتى: 2015-02-04 ئاۋاتلىقى: 1790 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مانا ھازىرلا تاپشۇرۇپ ئالدىم، ھازىرچە رەسىملەردىن ھوزۇرلانغاچ تۇرۇڭلار.
بىرىنچى تەسىراتىم: ھەقىقەتەن قالتىس.
مانا ھازىر ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاۋاتىمەن، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى ۋە كوررېكتورىنى قاچىلاۋاتىمەن.
سۈرئىتى ھەقىقەتەن تېز،ئېكران ئېنىقلىقىمۇ بەك ياخشى، ناۋادا 9 سۇڭ ياكى 10 سۇڭ بولسا كېلەڭسىز بولۇپ قالاركەن دېدىم ئۆزەمچە.

===================
ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنىغا بۇ مال ئۆز باھاسى بويىچە تىزىلدى، 3 تىللىق لۇغەت ئالغانلارغا ئۆز باھاسىدا ئېلىپ بېرىمىز.
===================================
(1) خۇيپۇ (Stream 7) تاختا كومپيۇتېر
باھاسى: 669 يۈەن
(2) ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (3 تىللىق)
باھاسى: 90 يۈەن
(3) يەتكۈزۈش ۋە مۇلازىمەت
باھاسى: 21 يۈەن
====================================
جەمئىي 780 يۈەن ئەۋەتسەڭلار، بىز سىلەرگە ۋاكالىتەن ئېلىپ ئەۋەتىپ بېرىمىز. مال يەتكۈزۈش ۋاقتى ئادەتتە 5 كۈندىن 7 كۈنگىچە ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ.
ئۈرۈمچىدىكىلەر ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمىدىن ئېلىۋالساڭلار بولىدۇ، باشقا جايدىكىلەرگە تېز يوللانمىدىن ئەۋەتىپ بېرىمىز. پېچەتنى سۆكمەيمىز.
مىكروسوفت تور دۇكىنىدىن ئۆزۈڭلار بىۋاسىتە ئالالىساڭلار تېخىمۇ ياخشى، لېكىن ئالالمايدىغانلار بولسا بىز ئۆز باھاسى بىلەن ياردەملىشىپ بېرىمىز.

ئۈندىدار دۇكاننىڭ ئادرېسى: dukan.uighursoft.com
ئەمما بۇ ئىشلەپچىقىرىش تىپىدىكى كومپيۇتېر ئەمەس، گەرچە Photoshop, Word, Excel ۋە ئۇيغۇرسوفت لۇغەتلىرىنى ئىشلەتكىلى بولسىمۇ، ئېكرانى سەل كىچىك. ئەمما ئىچىگە نەرسىلەرنى قاچىلاپ قويۇپ، توردا خەۋەر كۆرىدىغان، ناخشا-مۇزىكا ئاڭلايدىغان، مەندەك كۈندە Email نى تەكشۈرىدىغانلار كۆپرەك ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېردۇر.
ئۆيۈڭلاردا ئۈستەل كومپيۇتېرى، سومكاڭلاردا خاتىرە كومپيۇتېرىڭلار بارلار يەنە بۇنىڭغا قانائەت تاپماي، 3 ياكى 4 كومپيۇتېرلىق بولسام بولاتتى، زادى ئالمىسام بولمايتتى دېسەڭلار، بىز ۋاكالىتەن ئەكەلتۈرۈپ بېرەيلى.
مانا ھازىر تىركەش ئىسىملىك بىرەيلەن بىزنىڭ تۇنجى خېرىدارىمىزغا ئايلاندى.
===============



















=============
ماڭا قايلاپ قالماي، ئېۋۇ كومپيۇتېرغا ئوبدان قالاڭلا،

مال
========


















بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى