ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مىكروسوفتنىڭ «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى»دىكى خەۋىرى

مىكروسوفتنىڭ «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى»دىكى خەۋىرى

ۋاقتى: 2015-03-20 ئاۋاتلىقى: 1520 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

21-فېۋرال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ئورگىنى(UNESCO)نىڭ «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» بولۇپ، تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كۆپ تىللىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
مىكروسوفت ھەر يىلى كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغان سوۋغاتلار ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ يىل يەنە بىرنەچچە تىل تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنى ئېلان قىلدى. ئېسىڭىزدە بارمىكىن، 2012-يىلىدىكى «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» دە Windows 8 گە ئۇيغۇرچە قاتارلىق بىرنەچچە يېڭى تىلنىڭ قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. http://www.alimahat.com/?p=1116
ms-til
(1) Microsoft تەرجىمە تىلى
مىكروسوفتنىڭ ئەركىن ماشىنا تەرجىمە سىستېمىسى-مىكروسوفت تەرجىمانى(Microsoft Translator)غا يېڭىدىن 2 تىل قوشۇلۇپ، جەمئىي 47 تىلغا كېڭەيتىلدى. ئۇلار مايان ۋە ئوتومى تىلىدىن ئىبارەت. بۇ تىلنى مېكسىكا ۋە بېلىزدا ئىشلىتىدىغان بولۇپ، گەرچە بۇ تىلدا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ سانى ئازىلاۋاتقان بولسىمۇ، مىكروسوفت تەرجىمانىغا بۇ ئىككى تىل قوشۇلدى. دېمەك مىكروسوفتنىڭ يېڭىدىن تىل قوشۇشى پۈتۈنلەي پۇل ئۈچۈن ئەمەس، ئىشەنمىسىڭىز «مىكروسوفت تەرجىمانى كوللېكتىپى بىلوگى»نى زىيارەت قىلىپ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىڭ.

http://blogs.msdn.com/b/translation/

(2) چېخچە Office
مىكروسوفت Office ئورگان بىلوگىنى زىيارەت قىلىڭ.

http://blogs.office.com/

(3) Microsoft / Matuto Partnership
بۇنىڭ بىز بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق،

(4) ئۇنىۋېرسال شەكىللەش ماتورى – Universal Shaping Engine
مىكروسوفت ئۇنىۋېرسال شەكىللەش ماتورى (Universal Shaping Engine)نى ئېلان قىلدى، بۇ يېڭىچە يېزىق ھاسىللاش تېخنىكىسى بولۇپ، دۇنيادىكى بارلىق يېزىق سىستېمىسىنى توغرا كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.

http://blogs.windows.com/bloggingwindows/2015/02/23/windows-shapes-the-worlds-languages

Windows 10 غا يېڭىدىن قوشۇلىدىغان تىل يوق. بەلكىم نۇرغۇن مىللەتلەردىكى بىر قىسىم كىشىلەر ھەي ئېسىت بىزنىڭ تىلىمىز نېمە ئۈچۈن قوشۇلمىدى دەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. Windows قا تىل بولىقىنىڭ قوشۇلۇشى ئۇنچىۋالا ئاسان ئىشى ئەمەس، قەدرىگە يېتىدىغانلار بۇنى تولۇق ھېس قىلالايدۇ.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى