ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قۇتيار شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىسى

قۇتيار شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىسى

ۋاقتى: 2015-03-20 ئاۋاتلىقى: 2068 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار،
قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىمىز ئىشلەپ بازارغا سالغان قۇتيار شوپۇرلۇق ئىمتىھان سىستېمىسىنىڭ يانفون، تور ۋە كومپيۇتېر نۇسخىسى 2014-يىلى 1-ئايدا بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، باشقا ئوخشاش شوپۇرلۇق ئىمتىھان سىستېمىلىرى بىلەن بىرلىكتە رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر تىل يېزىقىدا شوپۇرلۇق ئىمتىھان بېرىش ئىستىكىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە ۋە ئىشلەتكەندىن كېيىنكى ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلدى، بۇ يىل بىز يەنە ئەسلىدىكى سىستېمىمىزنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوئال ئامبىرىنى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى تارقاتقان سوئال ئامبىرى بىلەن ماس قەدەمدە يېڭىلاپ 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىمىزغا تەۋە قۇتيار تورى ۋە قۇتيار شوپۇرلۇق ئىمتىھان سىستېمىسى ئورگان تورىدا رەسمىي ئېلان قىلدۇق.
تەپسىلاتنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

قۇتيار شوپۇرلۇق ئىمتىھان سىستېمىمىز نۆۋەتتە تور بېكەت، يانفون، (Android) ۋە ئۈستەل يۈزى نۇسخىسىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل نۇسخىدا تارقىتىلغان بولۇپ، سىستېمىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ۋە ئىقتىدارلىرى كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجى ۋە قوللىنىشىغا ئەڭ يېقىنلاشتۇرۇلغان شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سىستېمىدىكى سوئاللار ئۇيغۇرسوفت كورېكتورى ۋە خادىملىرىمىزنىڭ ئەستايىدىل ئىملا تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن بولۇپ، مەزمۇنلار چۈشىنىشلىك، ئۇقۇملار ئېنىق، سۆز جۈملىلەر راۋان، سىزنىڭ شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ كېتىشىڭىزدىكى توغرا تاللىشىڭىز بولالايدۇ.

سىستېما ئىجرا مۇھىتى ۋە قىسقىچە ئىقتىدارلىرى:
تور بېكەت نۇسخىسى: توردا ئەزالىق شەكلىدە شوپۇرلۇق نەزەرىيەسىنى مەشىق قىلىدىغان سىستېما بولۇپ، سىز بۇ سىستېما ئارقىلىق مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ چەكلىمىسىسىز شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھانى بىلىملىرىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئىگىلىۋالالايسىز؛
يانفون نۇسخىسى: 2.3 Android ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشرىدىكى Android سىستېمىلىق يانفون ۋە باشقا كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ۋاقىت ۋە ئورۇننىڭ چەكلىمىسىسىز ئۆگىنىش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز؛
ئۈستەل يۈزى نۇسخىسى: Windows مەشغۇلات سىستېمىسىغا ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەنگەن بولۇپ، سىز سىستېمىنى قاچىلاپ ئىشلەتكەندىن كېيىن سىستېما تەمىنلىگەن ھەرخىل مەشىق ئۇسۇللىرى تەقلىدى ئىمتىھان سوئاللىرى ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان تەلىپىگە يېتەلەيسىز؛
(تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئورگان تور بېكىتىدىن كۆرۈڭ.)

تۆۋەندە سىستېمىغا مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنمە يۈزلەر بېرىلدى.

تور بېكەت نۇسخىسى

 

يان تېلېفون نۇسخىسى

ئۈستەل يۈزى نۇسخىسى

ئاخىرىدا بىزنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان ھەرقايسى شىركەت، شوپۇرلۇق مەكتەپلىرى ۋە كەڭ ئىستىمالچىلىرىمىزغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا بىزگە ئۆز سەھنىسىدىن ئورۇن بەرگەن ئالىم ئەھەت مۇئەللىمگە چىن كۆڭلىمىزدىن تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز!

 

قۇتيار شوپۇرلۇق تورى

قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى
2015-يىلى 11-مارت

 

مەزكۇر سىستېمىغا ئائىت ئەڭ يېڭى ۋە تولۇق ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولاي دېسىڭىز قۇتيار شوپۇرلۇق سىستېمىسى ئورگان تورىغا كېلىڭ! 

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى