ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

Microsoft بىلەن HP بىرلىشىپ راستتىنلا ساراڭ بولۇپتۇ!!!

Microsoft بىلەن HP بىرلىشىپ راستتىنلا ساراڭ بولۇپتۇ!!!

ۋاقتى: 2015-01-31 ئاۋاتلىقى: 1406 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۈگۈن مىكروسوفت تور دۇكىنىغا كىرىپ ھەيران قالدىم، Microsoft بىلەن HP بىرلىشىپ 669 يۈەنلىك كومپيۇتېر ئىشلەپچىقىرىپتۇ، ئۇلار راستتىنلا ساراڭ بولۇپتۇ. ئىچىدە تېخى ھەقلىق Windows 8.1 بار ئىكەن، ئېسىڭلاردا بولسۇن بۇ Windows 8 RT ئەمەس ئىكەن، يەنى بۇ بىر تاختا ئويۇنچۇق ئەمەس، بىر ھەقىقىي كومپيۇتېر ئىكەن، شۇڭا Photoshop نى، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ دېگەن گەپ، ئېنىق ئېيتساق كومپيۇتېردا ئىشلەيدىغان بارلىق يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ دېگەن گەپ. ئۇلار راستتىنلا ساراڭ بولۇپ قاپتۇ. بۇنچىلىك پۇلغا كومپيۇتېر ئەمەس، تېلېفونمۇ كەلمەيدىغان تۇرسا.
مىكروسوفت تور دۇكىنىنىڭ ئادرېسى: store.microsoft.com

HPStream-0

سەپلىمىسى:
4 يادرولۇق Intel بىر تەرەپ قىلغۇچ
نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللار قاچىلاپ قويۇلغان
كۆڭۈل ئېچىش\ئىشخانا ئىشلىرىنى قىلىشنىڭ بىرسىمۇ كەم ئەمەس
سۈزۈك IPS ئېكران سەپلەنگەن.
Windows 8.1 قاچىلانغان بۇنى تېخى ئۇيغۇرچە قىلالايسىز.
ئېكرانى: 7 دىيۇم
سىغىمى: 32 گېگابايت (ئەنسىرمەڭ ھازىر بۇلۇت دەۋرى نەچچە 100 گېگابايتلىق دىسكىنى نېمە قىلىسىز ئىشلىتىپ)
ئىچكى ساقلىغۇچ: 1 گېگابايت (كەلگۈسىدە Windows 10 نى قاچىلىسىڭىزمۇ چاتاق يوق)
ئېغىرلىقى: ئاران 350 گىرام (تېلېفوندەكلا، لېكىن بۇ كومپيۇتېر جۇمۇ)
====================
src="http://www.alimahat.com/wp-content/uploads/2015/01/HP-stream-1.jpg" alt="HP-stream-1" class="aligncenter size-full wp-image-4364" />
==============
HP-stream-1
قاراڭ ماۋۇلارنى، Photoshop نى ئويناپ كېتىپتۇ.
==============
HP-stream-1

HP-stream-1

HP-stream-1

HP-stream-1

HP-stream-1

HP-stream-1

HP-stream-1

HP-stream-1

HPStream-11
====================
باھار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن 669 يۈەندىن ساتقان ئوخشايدۇ، ئەسلىي باھاسى 999 يۈەن ئىكەنتۇق.
ئالىم مۇئەللىممۇ دەرھال بىرنى سېتىۋالدى مانا، مىكروسوفتتىكىلەر ئالىم مۇئەللىم بىلوگىڭدا ئېلان بەرگىن دېمىگەن بولمىسا، شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ كەتمىنىنى چېپىپ قوياي، سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلار بىۋاسىتە مىكروسوفت تور دۇكىنىدىن سېتىۋېلىڭلار. بەلكىم بىزمۇ ئانچە مۇنچە كەلتۈرۈپ، پايدا ئالماي ئۆز باھاسىدا سېتىشىمىز مۇمكىن.

بۇ كومپيۇتېرنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ كومىتېتى پۈتۈن دۇنيادىكى بالىلارغا تەۋسىيە قىلىپتۇ يەنە ھازىرقى زاماندا ياشاۋاتقان بالىلارنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىتىش ھوقۇقى بار دەپتىمىش، بۇ گەپنى تاپسام ئۇلانمىسىنى قالدۇرۇپ قويىمەن.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى