«ئۈندىدار»ىمىزغا بانكا كارتىمىزنى قانداق باغلايمىز؟
يانفوندا كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سالۇنى» خۇش كەلدىڭىز، ئىزدەش نومۇرى: uighursoft
ئۇنداقتا ئۈندىدارىمىزغا بانكا كارتىمىزنى قانداق باغلايمىز؟ بۇ يىل كىتاب ئوقۇش يىلى، تۆۋەندىكى يازما چۈشەندۈرۈشلەرنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىڭ.
ئۈندىدارىڭىزنى قوزغىتىپ، ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى 我 (مەن)نى بېسىپ، تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ.
(1) 钱包 (ھەميان)نى بېسىڭ. (1-رەسىم)
======================
(2) 钱包 (ھەميان)نى بېسىڭ. (2-رەسىم)
========================
(3) 添加银行卡 (بانكا كارتىسىنى قوشۇش)نى بېسىڭ. (3-رەسىم)
==================
(4) 支付密码 (پۇل تۆلەش مەخپىي نومۇرى)نى كىرگۈزۈڭ، مېنىڭچە بانكا كارتىسى بىلەن ئوخشاش بولمىسۇن. (4-رەسىم)
=====================
(5) 卡号 (كارتا نومۇرى) دېگەن جايغا باغلىماقچى بولغان بانكا كارتىڭىزنىڭ نومۇرىنى كىرگۈزۈڭ، 持卡人 (كارتا ئىگىسى) دېگەن جايغا خەنزۇچە ئىسىم-فامىلىڭىزنى كىرگۈزۈڭ. (5-رەسىم)
ئارىسىدىكى چېكىت توغرا بولسۇن، ناۋادا بىلەلمىسىڭىز ئىنتېرنېتكە ئۇلاپ، شۇ بانكىنىڭ تور بېكىتىگە كىرىپ سۈرۈشتە قىلىڭ ياكى بانكىغا بېرىپ مۇلازىمەتچى خادىملاردىن پۇل ئالسىڭىز، ئۇلار سىزگە چىقىرىپ بەرگەن پۇل ئېلىش ئىسپاتىدا خەنزۇچە ئىسىم-فامىلىڭىز يېزىلغان بولىدۇ، چېكىتكە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ.
===================================
(6) 手机号 (تېلېفون نومۇرى) دېگەن جايغا بانكا كارتىڭىزنى بېجىرگەندە بانكا خادىملىرىغا قالدۇرغان تېلېفون نومۇرىنى كىرگۈزۈڭ، ناۋادا تېلېفون نومۇرىڭىز ئوخشىمىسا ياكى يېڭى تېلېفون نومۇرىغا ئالماشتۇرغان بولسىڭىز، بۇ باسقۇچتىن ئۆتەلمەيسىز. (6-رەسىم)
=====================================
(7) بۇ باسقۇچتا تېلېفون نومۇرىڭىزنى دەلىللەش ئۈچۈن تېلېفونىڭىزغا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىدۇ ھەمدە دەلىللەش نومۇرىنى ئاپتوماتىك تولدۇرىدۇ. بۇ يەردىن 下一步 (كېيىنكى قەدەم)نى بېسىڭ. (7-رەسىم)
=======================================
(8) ئالدىنقى باسقۇچلار ئوڭۇشۇق تاماملانغان بولسا، ئۈندىدارىڭىزغا باغلانغان بانكا كارتىڭىز كۆرۈنىدۇ. (8-رەسىم)
==========================================
كۆچمە ئىنتېرنېت مۇلازىمەتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.