ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

Android, Google, Yahoo نىڭ توغرا ئىملاسى قانداق بولىدۇ؟

Android, Google, Yahoo نىڭ توغرا ئىملاسى قانداق بولىدۇ؟

ۋاقتى: 2015-01-31 ئاۋاتلىقى: 1244 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچى تارقىتىلغاندىن كېيىن توردىن چۈشۈرگەنلەرنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، كۈندە ئاكتىپ ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانى 4000 مىڭدىن ئېشىپ، كۈندە %10 لىك سۈرئەت بىلەن ئېشىۋاتىدۇ. ھازىر كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مۇشۇنداق بىر دېتالغا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
بىرنەچچە كۈندىن بۇيان بۇ دېتالنىڭ ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك چۈشكەن ئىنكاسلارمۇ ئاساسەن بىريەرگە بېرىپ توختىدى. ھازىر بۇ دېتالىمىز %95 دىن ئارتۇق كىشىلەرنىڭ كومپيۇتېرىدا راۋان خىزمەت قىلىپ، يەنە بىر قېتىم چوڭ يېڭىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئاساسلىقى يەنە بىر قىسىم كۆپ ئۇچرايدىغان ئىسىملارنىڭ شەخس، كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىشى قوشۇلىدۇ، يەنە تورداشلار خاتا يېزىۋاتقان سۆزلەرنى ئاپتوماتىك توغرىلاش ئىقتىدارى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۈچەيتىلىدۇ، ئەڭ توغرا نامزات سۆزنى ئەڭ ئالدىغا كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىقتىدارى ئېچىۋېتىلىدۇ.

ئەمما تۆۋەندىكى بىرنەچچە سۆزنىڭ ئىملاسى تېخى قېلىپلاشمىغان بولغاچقا، ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىغا قوشۇلمىغان ئىدى، تورداشلارمۇ بۇ سۆزلەرنى بىرنەچچە خىل يېزىۋېتىپتۇ، بۇنىڭ توغرا ئىملاسىنى ۋاقتىدا قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم. ئۇلار تۆۋەندىكىدەك:

(1) يان تېلېفوندىكى ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىنگلىزچە نامى Android نى ئۇيغۇر تىلىدا قانداق يازىمىز؟ خەنزۇچە 安卓 دەيدۇ. ئۇنىڭ توغرا ئىملاسى زادى قانداق بولىدۇ؟
1. ئاندروئىد
2. ئاندىروئىد
3. ئاندرويىد
4. ئاندىرويىد
5. ئەنجو
6. ئەنجورئىد
7. ئەنجوريىد
8. ئەنجۈر

بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرسى توغرا بولۇشى كېرەك. ئەرەب، پارس يېزىقلىرىدىن ئىزدەپ باقسام ئۇلار «ئاندرويد» دەپ يازىدىكەن. بۇنداق دۇنياۋى ئاتالغۇلاردا ئوخشاش يېزىق سىستېمىسى ئىشلىتىدىغانلار بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالسا بولمايدۇ دەيدىغان ئۆلچەم بارمۇ-يوق؟ مەسىلەن، بەزىلەر ئاندروئىد دېسە، بەزىلەر ئاندوريىد دېيىشمەكتە. ئەمما ئۇيغۇر تىلىدا «-يىد» بىلەن ئاخىرلاشقان بىرمۇ سۆز يوق. مەن بۇ جەھەتتە دىيارىمىزدا ئەڭ بۇرۇن Android بىلەن ھەپىلەشكەن بىلكان شىركىتى بىلەن بىردەك بولۇشنى ئويلاشتىم. ئەمما ئۇلاردىمۇ 2 خىل يېزىلىۋېتىپتۇ، ھازىرچە مېنىڭ تەكلىپىم «ئاندرويد»، سىلەرنىڭ قانداق پىكىرىڭلار بار.

(2) يەنە بىرسى دۇنيادىكى داڭلىق ئىزدەش ماتۇرى Google نىمۇ تۆۋەندىكىدەك يېزىۋېتىپتۇ.
1. گوگېل
2. گوگىل
3. گوگول
4. گوگۇل
5. گۇگول
6. گۇگۇل
7. گوگلې
بۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ بىرسى توغرا بولۇشى كېرەك. ئۇيغۇر تىلىدا «ۇ» دىن كېيىن «و» كېلىدىغان سۆزلەر پەقەت كىرمە سۆزلەردە كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن: جۇڭگو، گىلۇكوزا،….دېگەندەك.
بۇنىڭ ئەسلىدىكى تىلدىكى توغرا تەلەپپۇزىغا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان ئۇيغۇرچە يېزىلىشى گۇگول بولۇپ، باشقىلىرى سەل يىراقلاپ كېتىدۇ، شۇڭا ھازىرچە تەكلىپىم گۇگول دەپ يېزىش ئىدى.

3. Chrome تور كۆرگۈچ
1. كىروم (مېنىڭ كۆز قارىشىم مۇشۇ)
2. خىروم

4. Skype پاراڭلىشىش دېتالى
1. سىكايپى
2. سىكايپ (مېنىڭ كۆز قارىشىم مۇشۇ)

5. Yahoo
بۇنى نۇرغۇن كىشىلەر ياخۇ دەپ ئاتايدۇ، گېزىتلەردىمۇ شۇنداق ئېلىنىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ سەۋەبى خەنزۇچە 雅虎 دېگەن تەرجىمىسىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ تەلەپپۇزى «ھ»غا يېقىن كېلىدۇ، شۇڭا «ياھۇ» دېسەك بولامدۇ-يوق؟ ياكى خاتا ئادەت كۈچىگە بويسۇنامدۇق؟
قېنى تەكلىپ-پىكىر بولسا بېرەرسىلەر، رەھمەت.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى