ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

10 مۇنەۋۋەر شەخس ۋە بېشىمدىكى دوپپا

10 مۇنەۋۋەر شەخس ۋە بېشىمدىكى دوپپا

ۋاقتى: 2015-01-31 ئاۋاتلىقى: 1009 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


بېيجىڭغا كېلىشتىكى بىرىنچى ئىش يىغىن ئۈچۈن ئىدى، 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى (يەكشەنبە) بېيجىڭ ئولىمپىك كەنتى قۇش چاڭگىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان دۆلەت يىغىن زالىدا كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ھەر قايسى ساھەلەردىن مۇنەۋەر شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش ئېلىپ باردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئادۋۇكات، كارخانىچى، يېڭىلىق ياراتقۇچى،…دېگەندەك شەخسلەر بار ئىكەن. مەن بۇ قېتىم «جۇڭگونىڭ پەخرى. 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو دەۋىردە يېڭىلىق ياراتقان 10 مۇنەۋۋەر شەخس» دېگەن (خەنزۇچە) خەت يېزىلغان لوزۇنكىنى بەدىنىمگە ئوراپ، بېشىمغا چىمەن دوپپا كىيىپ، يېڭىلىق ياراتقانلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ سەھنىگە چىقىپ باشلىقنىڭ قولىدىن گۇۋاھنامە تاپشۇرۇپ ئالدىم. بۇ قېتىم دوپپا كىيىپ سەھنىگە چىققان بولغاچقا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن تەكلىپ قىلغان رىياسەتچى مېنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ قويدى. زادى دوپپا دېگەننىڭ پايدىسى كۆپ ئىكەن-جۇمۇ؟ بېشىمدىكى ئۇيغۇر دوپپىسىغا كۆپ رەھمەت ! بولمىسا، ئالىم مۇئەللىمنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى قانداقمۇ بىلسۇن؟ بىر قىسىم مۇخبىرلار ئىسىم كارتۇچكىسىنى تەڭلەپ، مەن جۇڭگو ياشلار گېزىتىدىن، مەن ئىقتىساد گېزىتىدىن زىيارەت قىلىۋالساق دەپ تۇرىۋالدى، ئەمما، رىياسەتچى پائالىيەت تېخى تۈگىمىدى-دەپ، ۋەكىللەر سەھنىنىڭ يېنىدىكى چوڭ رەختكە ئىمزا قويۇڭلار دەپ تەكلىپ قىلدى، مەن بېرىپلا ئۆزەمنىڭ ئىسمىمنى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە يېزىپ قويدۇم. كىچىك ۋاقتىمدا ئۆينىڭ كەينىدىكى دەرەخكە ئىسمىمنى جىجىلاپ قوياتتىم. مانا ئەمدى جۇڭگودىكى ئەڭ كاتتا زامانىۋى يىغىن زالى-دۆلەت يىغىن زالىدىكى رەختكە ئىسمىمنى يېزىپ قويدۇم.

بۇ مۇكاپاتنى تەشكىللىگۈچى ئاساسىي ئورۇن جۇڭگو ئىقتىساد گېزىتى، جۇڭگو مەدەنىيەت-سەنئەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، نوپۇزلۇق شەخسلەر ژۇرنىلى،…قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ھەر قايسى جەمئىيەتلەر بولۇپ، ئىلگىرى 11 قېتىم ئۆتكۈزگەن ئىكەن. ئىلگىرى ئەلى بابا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مايۇن ئەپەندىمۇ بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن ئىدى. بۇ قېتىم ماڭىمۇ بۇ شەرەپنى بەردى، ئىلگىرى مايۈنمۇ «جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى 10 مۇنەۋەر ياش»نىڭ بىرى بولغان ئىدى. مەنمۇ كەينىدىنلا باھالاندىم، قارىغاندا مايۈننى قوغلاپلا يۈرۈپتىمەن. قارىغاندا بۇ قېتىمقى سەپىرىمدە مايۈننىمۇ ئىزدەپ باقايمۇ-يا؟

ئالىم مۇئەللىم مەكتەپنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپلا قالماستىن، يىغىن تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ «دۆلەت يىغىن زالى»غا كېنىشكىسى يوقلارنىڭ كىرىشى بولۇپمۇ خالىغانچە رەسىم تارتىدىغانلارنىڭ كىرىشى چەكلىنىدۇ، سىنئالغۇغا ئېلىش ۋە رەسىم تارتىش ئىشلىرىنى يىغىن تەشكىلىي كومىتېتى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇردۇق-دېگەن تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، سىنئالغۇ ۋە رەسىم ئاپپاراتلىرىنى ياتاقتا تاشلاپ قويۇپ بارغان ئىدى. لېكىن، بەزى يولداشلار يانچۇقلىرىغا ئاپپاراتلارنى سېلىپ، دۆلەت يىغىن زالىدىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن قانداق ئۆتكەندۇ؟ ھەيران قالدىم. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئاپپاراتلىرىدا ئانچە-مۇنچە رەسىمگە چۈشتۈم، كېيىن ئۇلاردىن سوراپ ئالغاندىن كېيىن يوللاپ قويارمەن، ھازىرچە يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۆزەمنىڭ تېلېفونىدا تارتقان، يۇقىرىقى سۈرەتلەرنى يوللاپ قويدۇم. ئاۋۇ رەسىملەرنى باسسىڭىز، يەنە ئازىراق چوڭىيىدۇ.

بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئازادلىق ئارمىيە مەلۇم قىسىمغا بارىدىكەنمىز، جۇمھۇرىيەت قوغدىغۇچىلارنىڭ ھەر خىل ماھارەتلىرىنى كۆرىدىغان ئوخشايمىز. ۋەتەننى بىز قوغدايمىز، سىلەر خاتىرجەم تىرىشىپ ئىشلەپ، داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىڭلار-دەپ ماھارەت كۆرسىتىدىغان ئوخشايدۇ. ئەتە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىغا بارىدىكەنمىز. قارىغاندا ئوقۇغۇچىلار بىلەن رەسىمگە چۈشىدىغان ئوخشايمىز.

ئادىل مىجىت ئاكىمىزمۇ 10 يىل بۇرۇن تېلېۋىزىيەدە، بۇ يىل بېيجىڭدىكى نورۇزدا ئوينىغان «دوپپا» دېگەن ئىتوتنى ئوينىغان بولسا، بەلكىم، چوڭ يىغىنلاردا ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ يۈرەركەنمىز. دوپپا بازىرىمۇ ھازىرقىدەك ئانچە كاسات بولماسكەن. يۇمشاق دېتال بازىرىمۇ دەل شۇنداق، ھازىرچە بېشىمدىكى دوپپىغا يەنە بىر رەھمەت !

بىلوگ دېگەن مۇشۇنداق ئۇچۇر يەتكۈزۈش سۈرئىتى تېز بولىدىكەن، ئەمدى بىلوگ توغرىسىدا سۆزلەپ قالىدىغان بولسام،….

چۈشتىن كېيىنكى پائالىيەت

چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 دە جۇڭگو ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇل ئەتىرىتى(中国人民解放军陆海空三军仪仗队)گە بېرىپ، ھۆرمەت قاراۋۇلىنىڭ ماھارەتلىرى كۆردۇق، تېخى ئالدىنقى ھەپتە ئۆزبېكىستان پرېزدېنتى ئىسلام كەرىموف بېيجىڭغا كەلگەندە، مەن تېلېۋىزوردىن رەئىس خۇجىناۋ بىلەن بۇ ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم. بىزمۇ بۇنداق مۇراسىمنى نەق مەيداندا تۇرۇپ كۆردۇق، ئۇلارنىڭ مېڭىش-تۇرۇشلىرى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ۋە رەتلىك ئىدى. بۇ يەردىمۇ نۇرغۇن خاتىرە رەسىمگە چۇشتۇق. ئۆزەمنىڭ ئاپپاراتلىرىنى ئېلىۋالغان ئىدىم، لېكىن، ھەربىي رايون باشلىقىنىڭ خالىغانچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشسەڭلار بولىدۇ، لېكىن توردا تارقىتىشقا بولمايدۇ، بۇ ھۆرمەت قاراۋۇلىغا ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ-دېگەن سۆزى بولغاچقا، رەسىملەرنى يوللىمايمەن.
كەچتە، بېيجىڭنىڭ بەشىنچى چەمبىرەكنىڭ سىرتىدىكى بىر ئارامگاھدا بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. داڭلىق ئارتىسلار ئويۇن قويۇپ بەردى. ئاساسەن «ئىناقلىق، تەرەققىيات، يېڭىلىق يارىتىش» دېگەن مەزمۇندىكى ناخشىلار ئىدى.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى