ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

سىز ئالىمكامغۇ؟

سىز ئالىمكامغۇ؟

ۋاقتى: 2015-01-31 ئاۋاتلىقى: 852 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىشلىرىم تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ماشىنامنىڭ بۇ يىللىق سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇردۇم، مۇلازىمەت ئورنىغا ئاپىرىپ چاقلىرىنى يازلىق چاققا ئالماشتۇردۇم، موتۇرنىڭ ئاپتۇلىنى يازلىق ئاپتۇلغا ئالماشتۇردۇم، چوڭ بازاردىكى قۇرۇلۇش بانكىسىغا بېرىش زۆرۈر بولۇپ قالدى، مەن ماشىنا توختىتىش ئۈچۈن چوڭ بازاردىكى كەررىفور تاللا بازىرى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا كەلدىم، ئىشىك تۈۋىدە بىرسى ئىشارەت قىلدى، ئۇلار قائىدە بويىچە ماشىنىنى تەكشۈرۈپ كىرگۈزىدىكەن. مېنى كۆرۈپلا «ھە، سىزمۇ؟»-دەپ بىرەر قۇر تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، «بولدى، ماڭسىڭىز بولىدۇ»-دەپ كىرگۈزۈۋەتتى.

ھەپتە ئاخىرى بولغاچقا، ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى چوڭ ئۆيىگە ماڭدۇق. ئاز قالغاندا، مەكتەپ ئارقا دەرۋازىسىدىكى پۈتۈشكە ئاز قالغان رۈيدا (瑞达) بىناسىدىن ئۆي ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپ بېقىش ئۈچۈن كىردىم. بىر بالا ئالدىمغا كېلىپ، «ۋوي ئالىمكامغۇ سىز؟ بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇڭ، سىزنى مەن تېلېۋىزوردا كۆرگەن»-دەپ ئۇرۇندۇققا مەرھەمەت قىلدى.

چوڭ ئۆيدىن يېنىپ، يەنئەن يولى كىتابخانا بىناسىدىكى ئىشخانامغا كىرىپ ئازىراق ئىشلىگەندىن كېيىن، ئۆيگە قايتىپ ماڭدۇق. ساي يولى رېمۇنت قىلىنىۋاتقان بولغاچقا، ئايلىنىپ ئۆتۈشكە توغرا كەلدى، ئالدىمىزدىكى ئاچال يول ئېغىزىغا كەلگەندە، دوقمۇشتىكى ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان ساقچىلار ماشىنامنى توستى، ئاندىن خەنزۇچە «پىراۋىڭىز بىلەن كىملىكىڭىزنى كۆرسىتىڭ»-دېدى. پىراۋامنى ۋە كىملىكنى كۆرۈپلا، ئۇيغۇرچە «ئوخخو، ئالىمكام ئىكەنسىزغۇ؟»-دېدى، ماشىنامنى بىرەر قۇر تەپسىلىي تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن «ماڭسىڭىز بولىدۇ»-دېدى. مەن: «ھاراق ئىچكەن شوپۇرلارنى قاتتىق تەكشۈرۈۋېتىپسىلەر-دە؟ مەنغۇ ئۇنداق زىيانلىق نەرسىنى ھەرگىز ئىچمەيمەن»-دەپلا ئاستا كېتىپ قالدىم. يېنىمدا ئولتۇرغان قىزىم، ماڭا قاراپ: «دادا، سېنىڭ دوستۇڭ بەك كۆپ ئىكەن-ھە؟ ئۆتكەندىمۇ بېيجىڭغا مېڭىشتىن بۇرۇن ياڭاق مېغىزى ئالغاندا، ھېلىقى ئاكاش ماڭا بىر سىقىم مېغىزنى بېكارغا بەرگەن ئىدى، ھەممىسى سېنىڭ دوستۇڭما؟» دەپ سورىدى. مەن: «شۇنداق، ئۇلار مېنىڭ دوستۇم، بىز ھەممىمىز ئەسلىدە دوست ئىدۇق، لېكىن، بىز باشقىلارنىڭ خىزمىتىنى چۈشەنسەك ئەڭ توغرا بولاتتى، مەنمۇ بىر سىقىم مېغىزغۇ دېمەي، ئۇ باققال ئاكاشقا ئاز بولسىمۇ پۇل بەرگەن بولسام، ياخشى بولار ئىدى»-دېدىم.

لېكىن، باشقىلار تۇنۇۋالسىمۇ ياخشى ئەمەس جايلىرىمۇ بار ئىكەن. قۇرۇلۇش بانكا كارتام ماگنىتىسىزلىنىپ ئىشلەتكىلى بولمىغاچقا، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن كارتامنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن بانكىغا بارسام، بىر ئۇيغۇر قىزى بار ئىكەن، مەن بارلىق جەدۋەللەرنى تولدۇرۇپ بەردىم، مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزۈپ بەردىم، قالدۇق سوممىنىمۇ توغرا ئېيتىپ بەردىم، ھەر ئايدا مۇئاش كىرگەندە، تېلېفونۇمغا كېلىدىغان ئۇچۇرنىمۇ كۆرسەتتىم، ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم قاچان ئىشلەتكەنلىكىمنىمۇ دەپ بەردىم. ئەمما، ئۇ قىز «ئەينى ۋاقىتتا بېجىرگەندە، كىملىك نومۇرى خاتا ئىكەن، ئالماشتۇرۇپ بېرەلمەيمەن»-دېدى. مەن: «ئۇنداقتا، بايا ئۇنى-بۇنى سورىماي نەق گەپنى دېسىڭىز بولمامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن يەنە گۇمانلىنىسىلەر؟ بۇ مېنىڭ كارتام تۇرسا، ھەر ئايدا مۇئاشىم مۇشۇ كارتىغا كىرىدۇ، تېلېفوندىمۇ ھەر ئايدا كېلىدىغان ئۇچۇرمۇ بار»-دېدىم، لېكىن، ئۇ قىز: «سىزمۇ ئوبدان بىلىسىز، كومپيۇتېردا بىر نومۇر خاتا بولسا، كېيىنكى مەشغۇلاتقا ئۆتمەيدۇ»-دەپ تۇرىۋالدى، مەن بارلىق ئۇچۇرلارنى ئىنتايىن توغرا دەپ بەردىم، ئەمما، كارتا بېجىرگەندە، مەن كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنىمۇ بەرگەن ئىدىم، بۇنى كومپيۇتېرغا ئەلۋەتتە سىلەر كىرگۈزىسىلەر، بۇ مەندىكى خاتالىق ئەمەس»-دېدىم، لېكىن، ئۇ قىزمۇ شاتۇتىدەك «كىملىك نومۇرى خاتا ئىكەن»-دەپلا تۇرىۋالدى. مەن يەنە گەپ تالىشىشتىن، جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋېلىشتىن خىجىل بولدۇم. چۈنكى، بايا: «سىزمۇ بىلىسىز، كومپيۇتېردا،…» دېدى، مېنى تۇنۇپ قالسا، سەت ئەمەسمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، بۇ مەندىكى خاتالىق ئەمەس ئىدى، ئىچىمدە ھەرگىز قايىل ئەمەس ئىدىم. لېكىن، مەن: «سىز بىلەن گەپ تالاشقىم يوق، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشقا بولىدۇ؟ ئامالىنى كۆرسىتىڭ»-دېدىم. ئۇ قىزنىڭ دېگىنى بۇيىچە، مەكتەپكە بېرىپ، بىر سائەتنىڭ ئىچىدە ئىسپات ئېلىپ كەلدىم. ئىسپاتنى كۆرۈپلا بىردەمدە بېجىرىپ بەردى. مەن ئىچىمدە: «ھازىر تەشۋىقاتلاردا ئادەمنى ئاساس قىلىمىز دەيتتۇق، ئەمما، بۇلار بىر ۋاراق ئىسپاتنى ئاساس قىلدى، ئىسپات دېگەننىڭ يالغىنىمۇ بولىدۇ، نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ساختىسى بار تۇرسا؟ ھەي، مەن كارتىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى ھەقىقىي دەپ بەرسەممۇ بېجىرىپ بەرمىدى، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئادەمنى ئاساس قىلىش دېگەندەك يوليۇرۇقنى ئاڭلىمىغان ئوخشايدۇ بۇلار»-دېدىم.

يەنە بىر مىسال: بىر كۈنى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم تېز تاماقخانىغا كىرىپ، «چوڭ تەخسلىك توخۇ قوردىقى» بۇيرۇتتۇم، ئەمما، دەل شۇ ۋاقىتتا تېلېفون كېلىپ، مېھمانلار كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن دەرھال ئاۋۇ تاماقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۆي لەغمىنىگە ئۆزگەرتىپ بېرىڭ دېدىم، بۇ ۋاقىتتا مۇلازىمەتچى قىزچاق مەندىن پۇلنى ئېلىپ بولغان، لېكىن يېنىمدىن تېخى كەتمىگەن ئىدى. ئەمما، ئۇ مۇلازىمەتچى قىزچاق «ئاكا سىزمۇ كومپيۇتېرنى ئوبدان بىلىسىز، قۇلۇمدىكى بۇ ئالقان كومپيۇتېردا كۇنۇپكىنى باسقان ھامان، كەينىدىكى ئاشپەز ئۇستاملار توخۇنى قازانغا سېلىپ قۇرۇشقا باشلايدۇ، لەغمەنگە ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ»-دەپ تۇرىۋالدى، لېكىن، بۇ تاماق يېرىم سائەتتىن كېيىن ئاران تەستە چىقتى، مەن ئۆزەم يالغۇز بىر چوڭ تەخسىلىك توخۇنى يەپ ئولتۇرسام، باشقىلار كۆرسە، نەدە ئاچ قالغاندۇ، بۇ بالا-دەپ قېلىشى ئېنىق ئىدى. شۇڭا، يېمەيلا تاماقنى خالتىغا سېلىپ ئېلىپ ماڭدىم.

يەنە بىر مىسال: بۇ يىل قىشلىق تەتىلدە ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ ماشىنا ھەيدەپ يۇرتۇمغا قايتتىم، ئەتىگەن مېڭىپ، كەچ بولاي دېگەندە ئاران كەلدۇق، ئەمما، كىرىش ئېغىزىدا تەكشۈرۈش قىلىۋېتىپتىكەن، ساقچى بالىلار «ۋوي ئالىم مۇئەللىم، قارشى ئالىمىز، ئاتا-ئانىڭىزنى يوقلاپ كەپسىزدە، بولدى، مېڭىۋېرىڭ»-دەپ ئۆتكۈزۈۋەتتى. ئالدىراپ ماڭغاندا بۇ ئەلۋەتتە خۇشياقتى.

يەنە بىر مىسال: 6 يىلنىڭ ئالدىدىكى قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە، يېڭى ماشىنا ھەيدىگەن چاغلىرىم ئىدى. ماشىنا ھەيدەشنى مەشىق قىلىپ، سېرىق چىراقتىن قىزىل چىراققا ئالماشقانلىقىنى كۆرۈپلا تۇرمۇزلىماي ئۈتۈپ كەتتىم، ناۋادا، تورمۇزلىغان بولسام مۇزدا تېيىلىپ يانغا سوقۇلۇش ئېھتىماللىقى بار ئىدى، لېكىن، بىر ئوتتۇرا ياشلىق قاتناش ساقچىسى قوغلاپ ئالدىمنى توسۇۋالدى، ئاندىن پىراۋام ۋە كىملىكىمنى تەكشۈردى، ئۇ ۋاقىتتا پىراۋام چىققىلى تېخى بىر قانچە ئاي بولغان ئىدى، ئۇ ساقچىمۇ مۇنداق دېگەن ئېسىمدە: «ئەسلىدە يېڭى شوپۇر ئىكەنمىزدە، تېلېۋىزوردا كومپيۇتېردا مۇنداق مەشغۇلات قىلىمىز، ئۇنداق مەشغۇلات قىلىمىز-دەپ سۆزلەيمىز، ماشىنا ھەيدىگەندىمۇ مەشغۇلات تەرتىپى ۋە قائىدىسى بولىدۇ، قىزىل چىراقنى كۆرسەك دەرھال توختايمىز، ماۋۇ قوش سېرىق سىزىقنى دەسسىمەيمىز، قارىسام تېخى شىنجاڭ داشۆنىڭ ئوقۇتقۇچىسىكەنمىز، ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تېخىمۇ ئاڭلىق بولۇش كېرەك ئىدى، بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىڭلار، يەنە تۇتىۋالماي جۇمۇ»-دەپ قاتتىق گەپ قىلىۋەتتى، بەك خىجىل بولۇپ كەتكەن ئىدىم.

يۇرۇتقا بارغاندا، بەزىلەر مەن بىلەن پاراڭلاشقاندا، شىركەت ئىسمىنى توغرا دېيەلمىسىمۇ، سىز ھېلىقى «ئۇيغۇرچە مېتال شىركىتى»نىڭ باشلىقىغۇ؟-دەپمۇ قويىدۇ، يەنە بەزىلەر بۇ كىشى «ئۈرۈمچى ئەلكاتىپ شىركىتى»دىن ئالىم ئەھەت دەپ تونۇشتۇرىدۇ، شۇڭا، باشقىلار تۇنۇۋالسا يامان تەرەپلىرىمۇ خېلە بار ئىكەن، ھەقىقەت سىز تەرەپتە تۇرسىمۇ، باشقىلار بىلەن تىللاشقىڭىز، ئۇرۇشقىڭىز كەلمەيدىكەن، ناۋادا، بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويسىڭىزغۇ تۈگىشىدىكەنسىز، ئېغىر گەپلەر بىلەن سىزنى قاتتىق خىجىل قىلدۇرىدىكەن. زادى دىققەت قىلمىسا بولمايدىكەن. مەن ئىچىمدە «قارىغاندا، ئادىل ھوشۇر، ئابدۇكېرىم ئابلىز، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم،….قاتارلىقلاردىمۇ روھىي بېسىم خېلە بار ئوخشايدۇ»-دەپ ئويلۇدۇم.

لېكىن، تۇنۇمايدىغانلارمۇ بار. ئۆتكەن يىلى يازلىق تەتىلدە يۇرتۇمغا قايتقاندا، بىزنىڭ ناھىيەدىكى چوڭ بازارغا جايلاشقان مەلۇم بىر كومپيۇتېر مۇلازىمەت ئورنىغا USB سىمىنى ئىزدەپ كىردىم، بۇ بالىلار بۇ مۇلازىمەت ئورنىنى تېخى يېڭىدىن ئېچىپتىكەن، قارىسام «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008» نى تىزىپ قۇيۇپتۇ. باھاسىنى سورىسام 200 يۈەن دەيدۇ (ئەسلى باھاسى 220 يۈەن ئىدى)، مەن: «سىلەر بىر تۇتاش باھادا ساتمامسىلەر؟»-دەپ سورىسام، «ئۇيغۇرسوفت» شىركىتى يۇمشاق دېتاللارنى بىزگە كۆپ ئەرزان بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2010» چىققان ئىدى، شۇڭا، كونىسىنى دەرھال سېتىپ چىقىرىپ، يېڭىسىدىن مال كىرگۈزمەكچى بولۇۋاتىمىز، ئالسىڭىز يەنىمۇ ئەرزان بېرىمەن-دەيدۇ. مەن ئىچىمدە لۇغەتنىڭ يېڭى نۇسخىسىنى ياساش تېخى ئەمدىلا باشلانغان تۇرسا، بۇ زادى قانداق ئىش؟ بۇلار مېنى بەرىبىر تۇنىمايدىكەن، بۇلارنى بىر گەپكە سېلىپ باقاي-جۇمۇ دەپ ئۇيلاپ، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2010» نىڭ قانداق يېڭى ئىقتىدارلىرى بارلىقىنى سوراپ باقتىم. ئۇلار: «سۆزلۈك مىقدارى كۆپەيدى، ئىزدەش سۈرئىتى تېزلەشتى، ئېكراندىن سۆز تۇتۇش ياخشىلاندى، لۇغەتلەرنى تاللاپ ئىزدەش قوشۇلدى،…»-دەپ چۈشەندۈرۈپ بەردى. مەن بۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئەستايدىللىق بىلەن ئاڭلاپ، لۇغەتنىڭ يېڭى نۇسخىسىغا مۇشۇنداق ئىقتىدارلارنى قوشسام بولغۇدەك-دەپ بۇ دۇكاندىن ئايرىلدىم.

ئالدىمىزدىكى ھەپتە تېلېۋىزىيەدە يەنە كومپيۇتېر توغرىسىدا زىيارەت بار دەيدۇ، قانداق قىلسام بولار؟ چىقماي دېسەم يەنە بولمىسا، چىقاي دېسەم ھېلىقىدەك «سىز ئالىمكامغۇ؟» دەپ تۇرسا، ھەي!

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى