ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مۇلازىمەتمۇ بەزىدە چۈشىنىشكە مۇھتاج

مۇلازىمەتمۇ بەزىدە چۈشىنىشكە مۇھتاج

ۋاقتى: 2015-01-31 ئاۋاتلىقى: 1210 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يېقىندىن بېرى ئىقتىسادنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىشى، خىزمەت ۋە تۇرمۇش رېتىمىنى جىددىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئورنى ۋە ئۆيى يىراق بولغانلار چۈشتە ئۆيگە قايتىپ تاماق ئېتىپ يېيىش قۇلايسىز بىلىنىپ، سىرتلاردا غىزالىنىش ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى. ئەمما، بەزىلەر ئۆينىڭ تامىقى ۋە مېھرىگە ئامراق بولغاچقا، ئۆيگە قايتىپ تاماق يېيىش ئۈچۈن ماشىنا سېتىۋالدى. لېكىن، ئۇزۇن ئۆتمەي ماشىنا تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ، كوچىلاردا توسۇلۇش ئېغىرلاشتى. ئۇلار يەنىلا ئامال يوق سىرتلاردا تاماق يېيىشكە مەجبۇرىي بولدى. شۇلارنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە مەنمۇ بار.

بىز دائىم ئىستېمالچىلارنىڭ ئاغزىدىن «مۇلازىمەت ئىنتايىن مۇھىم»-دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، كۆپ ساندىكى تىجارەتچىلەرمۇ «خېرىدارلار بەك مۇھىم»-دەپ قارايدۇ. مېنىڭچە مىليون مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان تاماقخانا خوجايىنلىرىمۇ خېرىدارلارنى جەزمەن ئەلا بىلىپ، تەملىك تاماق ۋە ئازادە مۇھىت يارىتىشقا تىرىشىدۇ.

بۈگۈنمۇ خىزمىتىم سەل ئالدىراش بولغاچقا، ئىشتىن كېچىكىپ چۈشتۈم، ئۆيدىكىلەرمۇ مېنى ساقلاپ تۇرۇپتىكەن، بىز شەھىرىمىزدىكى بىر ئاۋات تېز تاماقخانىغا كەلدۇق. بىز تاماق بۇيرۇتۇپ ساقلاپ ئولتۇردۇق. يېنىمىزغىمۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى (ئەر-ئايال، بىر ئوغۇل بالا) كېلىپ ئولتۇردى. ئەمما، ئۇلار بەك ئۈنلۈك ئاۋازدا پاراڭلىشىدىكەن، بەلكىم، بەزىلەر ئۇلارنى ئۇرۇشۇپ قالدىمۇ؟-دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار بىردەم بىزگە چاي ئەكەلمىدى؟-دېسە، يەنە بىردەم تاماق يازىدىغانلار قېنى؟ بۇ ئاشخانىمۇ ياكى قانداق يەر؟ -دەپ ئۇياق-بۇياققا قاراشقا باشلىدى. مەنمۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەتراپىمغا نەزەر سالسام، مۇلازىمەتچى ئىسسىق چاي دەملەۋاتقان، تاماق يازىدىغان بالىمۇ ياندىكى ئۈستەلدە تاماق تىزىملاۋاتقان ئىدى، ئەمەلىيەتتە ھەممە ئىشلار نورمال بولۇپ، بۇ مۇلازىمەتچىلەرمۇ بۇلارغا ئاللىبۇرۇن دىققەت قىلىپ بولغان ئىدى.

ھايال ئۆتمەي ئىسسىق چايمۇ كەلدى، تاماق يازىدىغان بالىمۇ كەلدى. ئەمما، بايا خۇددى خىزمەتكە بارىدىغاندەك جىلە بولۇپ ئالدىراپ كەتكەن بۇ ئۈستەلدىكىلەر، ئەمدى نېمە يېسەك بولار؟ پولۇ يەمدۇق ياكى لەڭمەن يەمدۇق؟ كەچتە لەڭمەن يېسەك سىڭمەيدۇ-ھە؟ دېسە، پولۇنىڭمۇ چوقۇم ياخشىسى قالمىدى؟ زادى نېمە يېسەك بولار؟-دەپ يىغىن ئېچىشقا باشلىدى. ئەمەلىيەتتە، ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يەيمەن دېگەن كىشى ئۆزىنىڭ نېمە تاماق يەيدىغانلىقىنى ئاساسەن پىلانلاپ بولىدۇ. ئەمما، بۇلار يەنە بىرلىككە كېلەلمەي، مۇلازىمەتچىدىن نېمە تاماق يېسەك بولار-سېنىڭچە؟ قايسى تاماق ئوخشايدۇ؟-دەپ سوئال قويدى. مۇلازىمەتچى ھەممە تاماق ئوخشايدۇ-دەپ ئۇنى دېسىمۇ ياق، بۇنى دېسىمۇ ياق-دەپ ئاخىرى يەنە لەڭمەن ۋە پولۇ بۇيرۇتتى . تاماق يازغان بالىمۇ تىزىملاپ بولۇپ پۇلنى ئېلىپ ماڭدى. لېكىن، ئۇلار يەنە «ۋوي! ئۇلار بۇ ئۈستەلنى پاكىز سۈرتۈشمەپتۇ، ماۋۇ شېكەرنىڭ ئاغزىنىمۇ ياپماپتىغۇ؟»-دەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا غۇدۇراشقا باشلىدى. قىزىممۇ بۇلار لەڭمەنگە شېكەر سېلىپ يەمدىغانمىدۇ ياكى پولۇغىمۇ؟-دەپ ھاڭۋېقىپ قاراپ قالغان ئىدى. بىر چاغدا ھېلىقى ئەر كىشى بىزدىن خىجىل بولۇپ قالدىمۇ ياكى راستتىنلا بۇ ئۈستەلدىن نارازى بولدىمۇ؟ «بولدى، جۈرە بۇ يەردىن يۆتكىلەيلى»-دەپ، چايلىرىنى كۆتۈرۈپ كەينى تەرەپتىكى ئۈستەلگە كەتتى.

ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارنىڭمۇ تاماقلىرىمۇ چىقىشقا باشلىدى، لېكىن، مۇلازىمەتچىلەر دەسلەپتە تاماقنى ئۇدۇل ئەسلىدىكى ئۈستەلگە ئېلىپ كېلىشتى. ئەمما، بىز مۇلازىمەتچىگە ئىشارەت قىلىپ، ئۇ خېرىدار يۆتكەلگەن ئۈستەلنى كۆرسىتىپ قويدۇق. ئۇلار، «ۋوي، بىز ماۋۇ يەردە، قانداق گالۋاڭ نېمىسەن؟ ئۇلار لەڭمەن يەپ يەنە لەڭمەن يەمدا؟ ئۇ دېگەن بىز بۇيرۇتقان تاماق، بىز ماۋۇ يەردە»-دەپ ۋارقىراپ كەتتى. مۇلازىمەتچى كەچۈرۈڭ ئاكا، يۆتكەلگىنىڭلارنى بىلمەي قاپتىمەن-دەپ تاماقلىرىنى ئاپىرىپ بەردى. بىز يەنە نېمە دەيدۇكىن؟-دەپ قاراپ تۇرساق، ھېلىقى ئادەم يەنە چوكاڭ قېنى؟ لەڭمەننى قولۇمدا يەمدىم؟-دەپ قايناپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ چوكا-قوشۇقلىرى ئەسلىدىكى ئۈستەلدە قالغان ئىدى. يېڭى ئۈستەلگە ئۆزلىرى كېلىۋالغاچقا، ئايرىم چوكا قۇيۇلمىغان ئىدى. ئۇلار، سىلەرنىڭ مۇلازىمىتىڭلار نېمانداق ناچار؟ پىكىر بېرىمەن، ماڭ دىرېكتورنى چاقىر، بىز بۇ يەرگە شياڭشو قىلىمىز (享受ھۇزۇرلىنىمىز) دەپ كىرگەن، ھازىر دېگەن قايسى دەۋر؟ مۇلازىمەت ئەلا بولمىسا، تۆت كۈندە ۋەيران بولىسەن-دەپ، ئۆزلىرىنىڭ گېزىتتىن كۆرۈۋالغان، رادىيودىن ئاڭلىۋالغان گەپلىرىنى ئەتراپتىكىلەرمۇ ئاڭلىسۇن دېگەندەك ئۈنلۈك تەكرارلايتتى، ئەتراپتىكىلەردىن خېلە تېتىپ قويدىڭىز-دېگەننى تاما قىلغاچ، كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا پات-پات ئۇلارغا قاراپ قوياتتى. باياتىن ئالدىراپ كەتكەنلىرى قاياقتىندۇر بىر يەرلەرگە كەتكەن ئىدى. مەن ئىچىمدە «بۇلار يەنە تولا كوتۇلداپ تاماقلىرى سوۋۇپ قالسا، تاماقنى ئىسسىق ئېلىپ چىقماپسەنغۇ؟-دەپ يەنە كوتۇلدىشى مۇمكىن»-دەپ ئويلۇدۇم. ئەسلىدە بىز تاماق يەپ بولۇپ، كىنو كۆرۈپ كېلىشنى پىلانلىغان ئىدۇق، لېكىن، ئاشخانىدا ئىنتايىن تەبىئىي كىنو كۆرگەن بولغاچقا، ئۇدۇل ئۆيگە قايتتۇق.

ئەمەلىيەتتە بۇ بەك چوڭ ئىشمۇ ئەمەس ئىدى، ئازراق ئەپۇچان بولۇپ، قارشى تەرەپكە ئازراق يول قويسىلا تۈگەيدىغان گەپ. تاماقلىرىدا مەسىلە بولسا، بۇنى ئەلۋەتتە ئىنكاس قىلىش كېرەك. لېكىن، بۇ يەردىكى رەنجىش مۇلازىمەت ھەققىدە بولۇۋاتىدۇ. تاماقنىڭ سۈپىتى جەھەتتە نەچچە مىڭ ئادەم رازى بولۇپ كېلىۋاتقان بىر ئېسىل تاماقخانا، مۇشۇنداق بىر ئىككى كىشىنىڭ ئېگىز-پەس سۆزلىرى بىلەن سودىسىغا زور تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشى مۇمكىن. چۈنكى، كىشىلەرمۇ كۆپىنچە ئەھۋالدا، باشقىلارنىڭ يامان گەپلىرىنى ئاڭلاشقا مايىل كېلىدۇ، يامان سۆزمۇ تېز تارقايدۇ. ئاڭلىغان ئادەممۇ چۈشكۈنلىشىپ، راست شۇنداقمىدۇ؟-دېگەندەك سوئاللارنى ئويلاپ تۇرۇۋېلىپ، بىر خىل بىئارامچىلىق ھېس قىلىدۇ. مېنىڭچە ھەر ۋاقىت خۇشال كەيپىياتنى ساقلاشقا، ئازراق كەڭ قورساق بولۇشقا تىرىشىپ بېقىش كېرەك، مەبلىغى نەچچە مىليونغا يەتكەن بۇنداق چوڭ تاماقخانا ياكى تەرەققىياتى 10 يىلغا يېقىنلاشقان كارخانىلار ھەرگىزمۇ خېرىدارلارنى ئالداپ پۇل تاپاي دېمەسلىكى مۇمكىن، قارىغاندا مۇلازىمەت كەسپى چۈشىنىشكە مۇھتاجمىدۇ؟

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى