ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بۇ ئادەم كىم؟ ئوخشاپتىمۇ؟

بۇ ئادەم كىم؟ ئوخشاپتىمۇ؟

ۋاقتى: 2015-01-31 ئاۋاتلىقى: 794 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يېڭى يىل كىرىپلا سوئال چىقىرىش، ئىمتىھان ئېلىش، قەغەز تەكشۈرۈش، نەتىجە يوللاش، ئىمتىھان قەغىزىنى تىكىش يەنە باشقىلارغا ئىمتىھان ئېلىپ بېرىش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ قالدىم. ئىككى كۈندىن كېيىن رەسمىي تەتىل بولىدۇ. شۇڭا، نەچچە كۈندىن بېرى ماۋۇ (ماكرو) بىلوگىمنى تېخى يېڭىلاپ بولالمىغان ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنكاس يازىدىغانلارمۇ ھازىر دېگەن ئىمتىھان مەزگىلى تۇرسا، يېڭى تېما يازماي تۇرۇڭ دەپ تۇرۇۋالدى، لېكىن بىلوگ تەتىل قىلسا بولمايدۇ-دە؟

شۇڭا، بۇ (ماكرو) بىلوگىمدا قانداق تېما يېزىش توغرىسىدا ئويلىنىۋاتسام، نەچچە كۈندىن بېرى مېنى كۆرگەن ئادەملەر «ئوخشاپتۇ-ھە؟ ئالامەت سىزىپتۇ-جۇمۇ، كارامەت ئۇستا رەسسام ئىكەن»-دەيدىغان بولۇۋالدى. كۆرگەنلەر ھەممىسى پىخىلداپ كۈلۈۋاتىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئاخىرى تاپتىم. قېنى سىلەرمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار. بۇ ئادەم كىم؟ ئوخشاپتىمۇ؟

ئەسلىدىكى رەسىم مانا، ئەلكۈيى تورى بېيجىڭدىكى لېكسىيەنى خەۋەر قىلغاندا تارتقان سۈرەت

ئادىلجاننىڭ مېنى سىزىدىغانلىقىنى بۇرۇنراق بىلگەن بولسام، رەسىمگە تېخىمۇ كېلىشكەن چۈشۈپ ئەۋەتىپ بەرمەمدىم-دەيمەن.
ئەسلىي مەنبەسى: ئىزدىنىش تورى
ئەسلىي مەنبەسى ئىزدىنىش تورى

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى