ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ تەكرارلىقى

ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ تەكرارلىقى

ۋاقتى: 2015-01-31 ئاۋاتلىقى: 1017 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ياسىنجان سادىق چوغلان يازغان «باھادىرنامە» رومانى جەمئىي 6 توم (2966 بەت، 7861 ئابزاس، 27,921 قۇر، 587,822 سۆز، 3,917,115 ھەرپ-بەلگە) بولۇپ، «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالىنى ياخشىلاش داۋامىدا، ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ تەكرارلىقىنى ھېسابلاپ كۆردۇم. قىزىققۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بېرىلدى.

ئىزاھات: نۇرغۇن جايلاردىكى تىنىش بەلگىلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەلىي بوشلۇق سانى 494148 بولۇپ، بۇ سۆز ھەقىقىي سۆز سانى 587,822 گە تەڭ ئەمەس.

بۇ روماندىكى بارلىق ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ تەكرارلىقى بولۇپ، بەزى تىنىش بەلگىلىرىنىڭ سانى ئۇيغۇرچە ھەرپنىڭ تەكرارلىقىدىنمۇ يۇقىرى بولغان.

سۆزلەردىكى ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ ئوتتۇرچە قىممىتى: 5.7 ھەرپ بولغان، يەنە ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئادەتتە 5.7 ھەرپتىن تۈزىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ يەنىلا ئىخچام تىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

بارلىق سۆز 587,822
تەكرارلانمىغان سۆزلەر (ھەر خىل تۈرلىنىشلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغاندا): 32646
تەكرارلانمىغان تۈپ سۆز: 5120

دېمەك، ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىۋاتقانلار ئۇيغۇر تىلىدىكى 5120 تۈپ سۆز ۋە 283 سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىنىڭ تۈرلەش قائىدىسىنى بىلىۋالسا، ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ بۇ رومانى يەنى ئۇيغۇرچە يېزىلغان رومانلار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ روماننى بىمالال چۈشىنەلەيدۇ.

ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقانلارغا تەكلىپ
5000 تۈپ سۆز (ۋە قوشۇمچىلارنىڭ تۈرلىنىش قائىدىسى) سۆز بايلىقىڭىز ئۈچۈن يېتەرلىك. ھەر كۈنى 10 سۆز ئۆگەنسىڭىز، 500 كۈن (دەم ئېلىپ ئۆگەنگەندە، تەخمىنەن 2 يىل)دە بىر تىلنى پىششىق ئىگەللەش تامامەم مۇمكىن. ناۋادا، تەكرارلىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان سۆزلەردىن باشلاپ ئۆگەنسىڭىز، بەلكىم يېرىم يىلدا راۋرۇس سەۋىيەگە يېتىسىز. نېمىگە قاراپ تۇرىسىز؟ بىر تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن يېرىم يىل، ئېشىپ كەتسە ئىككى يىل يېتەرلىك.

بۇ يازما ئەسلىدە بىلىك تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى