ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بېيجىڭغا سەپەر (ئاخىرى)

بېيجىڭغا سەپەر (ئاخىرى)

ۋاقتى: 2015-01-31 ئاۋاتلىقى: 1091 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

(سەل بېشىدىن باشلاي)
لېكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ، ئوقۇغۇچىلار داۋاملىق سوئال سوراپ تۇردى، موللا نىياز مۇئەللىممۇ ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ تۇردى. بالىلارمۇ مېنى ئەمدى قانداق جاۋاب بېرەركىن دەپ دىققەت قىلىپ تۇردى، ئىختىيارى مۇخبىرلارمۇ ھەرخىل ماھارەت بىلەن بىزنى رەسىمگە تارتىۋاتىدۇ.

بېيجىڭدا ئالىم مۇئەللىم مۇھەممەدئىمىننى خەنزۇ ئاشخانىسىغا باشلاپتۇ دەپ قالماڭلار. بۇ دېگەن جۇڭگۈەنسۈنگە جايلاشقان، ئۇيغۇرلار ئاچقان «باي غۇجام(巴依老爷)» تېز تاماقخانىسى. بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار بۇ يەرنىڭ پولوسى داڭلىق دېيىشىدىكەن.

چۈشتىن كېيىن يەنە تەكلىپ بىلەن مىكروسوفت شىركىتىگە بارىمىز، شۇڭا يېقىن ئەتراپتىكى بۇ تېز تاماقخانىغا كەلدۇق، ئالىم مۇئەللىم ئۆزبېكىستانغا بىر بېرىپلا، پولو بىلەن ناننى ئارىلاشتۇرۇپ يېيىشكە ئادەتلىنىپ قاپتۇ-دېمەڭلار. ئاۋۇ نانلار ئەتە سەھەردىكى ناشتىلىق، ئۇنى ئېلىپ كېتىمىز. تامدىكى ئۇيغۇرچە ئىمزانى كۆرگەنسىلەر. بۇ دېگەن ئادەتتىكى ئاشخانا ئەمەس.

بىز دېيىشكەن ۋاقىتتىن يېرىم سائەت بۇرۇن مىكروسوفت شىركىتىگە كەلدۇق، ئالىم مۇئەللىم دوكلات قىلىدىغان مەزمۇنلارنى قايتا كۆرۈپ تەييارلىق قىلىۋالدى. ئىنگلىزچە سۆزلۈك يادىلاۋاتقان ئوخشايدۇ-دەپ قالماڭلار. بىردەمدىن كېيىن تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ چىقتىم. پاھ! بۇلار ھەممە نەرسىنى يۇمشاق دېتال ئارقىلىق باشقۇرىدىغان ئوخشايدۇ. ھاجەتخانا تېمىدىكى باشقۇرۇش تاختىسى Windows نىڭكىگە ئوخشاپ قالىدىكەن جۇمۇ؟!

ۋاقىت توشقاندا بىز كۈرۈشمەكچى بولغان بۇ مەسئۇل خادىم يەنە ئۆزى چۈشۈپتۇ. بۇ قېتىم بالداق كود (条形码) بېسىلغان ئىككى پارچە چاپلاتمىنى بېسىپ چىقىرىپ، مۆرىمىزگە چاپلاپ قويدى، بۇ نەرسىدە يەنە بىزنىڭ ئىسىم-فامىلىمىز بار ئىكەن. ئاندىن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ بۇ خادىمنىڭ ئىشخانىسىغا كىردۇق. ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىكى ئۇيغۇرچىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭىلىق ۋە نۇقسانلار ئۈستىدە ئەركىن پىكىر ئالماشتۇردۇق. تەپسىلاتىدىن يېقىندا خەۋەردار بولالايسىلەر، ئاندىن بىز باشقا ئىشخانىلارنىمۇ زىيارەت قىلدۇق، ھازىرچە مۇشۇ رەسىمنى كۆرۈپ تۇرۇڭلار.

دەنلىڭ كوچا ئېغىزى مانا مۇشۇ، كەينىمدىكى بىنا – مىكروسوفت ئاسىيا قۇرۇلۇش (ياكى ئىنژېنېرلىق) ئاكادېمىيە بىناسى. شۇ كۈنى بېيجىڭدا تۇنجى قار ياغقان كۈن ئىكەن، لېكىن، مېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىم تۇنجى ئەمەس. يەنە بېرىپ قېلىشىم مۇمكىن، خۇدا خالىسا.

شۇنداق قىلىپ يەنە بەك مۇھىم ئىشلارنى پۈتتۈرۈۋالدىم، شۈكرى! ئەتىسى يېرىم كۈن ۋاقىت چىقىرىپ تيەنئەنمېن ۋە خان سارىيىنى ئايلاندۇق. شۇ كۈنى ھاۋا بەك ئۇچۇق بولغاچقا، ساياھەتچىلەرمۇ بەك كۆپ ئىدى.

بېيجىڭغا نەچچە كېلىپمۇ تيەنئەنمېن راۋىقىغا چىقىپ باقمىغان ئىدىم، بۇ يەردىمۇ ئۆچىرەتتە تۇرۇپ بېلەت ئالىدىكەنمىز، ئىككى بېلەتنىڭ نەچچە پۇل ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولساڭلار، ئاۋۇ قولۇمدىكى پۇلنى ساناپ بېقىڭلار. 10+20=؟

تيەنئەنمېن راۋىقىغا چىقتۇق، مەيداننى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ رەسىمگە چۈشتۇق، كەينىمدىكى قۇرۇلۇش «خەلق سارىيى»، دۆلەتنىڭ چوڭ يىغىنلىرى مۇشۇ سارايدا ئېچىلىدۇ. بۇنى سىلەرمۇ ئېنىق بىلىسىلەر.

1949-يىلى 1-ئۆكتەبىردىكى «دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمى»دا، دۆلەت رەھبەرلىرى مۇشۇ يەردە تۇرۇپ جاكارلىغان ئىدى. توغرا، ئۇيغۇرلاردىن سەيپىدىن ئەزىزىمۇ قاتناشقان ئىدى، ئۇ كىشى تۇرغان جايدا بىر رەسىمگە چۈشۈپ قوياي.

راۋاقتىن چۈشۈپ، خان سارىيىغا قاراپ ماڭدۇق، بىردەمنىڭ ئىچىدە «午门» (چۈش دەرۋازىسى)نىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتۇق، ھەقىقەتەنمۇ شۇ ۋاقىتتا چۈش بولاي دېگەن ئىدى. يەنە ئازىراق ماڭساق نامازشام دەرۋازىسىغا بارامدۇق-تېخى؟ داۋامىغا دىققەت قىلىڭلار.

(داۋامى بار)
لېكىن، قىزىقسىڭىز يەنە يوللىنىدۇ. ئىنكاس چۈشمىسە مۇشۇ يەردە توختاپ قالىمەن جۇمۇ!؟

ئۆزبېكىستانغا زىيارەت (سەپەر خاتىرىسى)نى بۇ يەردىن كۆرۈڭ
===================================================================================================
ھازىر قىش پەسلى بولغاچقا بېلەت باھاسى بۇرۇنقىدىن ئەرزان ئىكەن، بىز بېلەت ئېلىپ داۋاملىق ئىچكىرلەپ ماڭدۇق، بۇرۇن ۋەزىرلەر مەلۇمات يوللايدىغان بۇ يوللاردا مېڭىپ باقتۇق. مۇھەممەدئىمىننىڭ قولىدىكى يوللايدىغان مەلۇمات ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلار، ئۇ دېگەن خان ئوردىسىنىڭ خەرىتىسى

بىز ئۆز-ئارا رەسىمگە تارتىپ ماڭدۇق، ئەمما، قاراپ باقساق ھەر بىر دەرۋازا، قەسىر-سارايلار ئاساسەن ئوخشايدىكەن، پەقەت چوڭ-كىچىكلىكى، ئۈستىدىكى خەتلەر ئوخشىمايدىكەن. شۇڭا، بەك رەسىمگىمۇ چۈشۈپ كەتمىدۇق.

بۇ بۇرۇنقى ئەمەلدارلارنىڭ ئارام ئالىدىغان جايى ئوخشايدۇ، ئۈستىدىكى كونا خەتلەرنى پەقەت چۈشەنمىدۇق. مانجۇچە يېزىقمۇ يوق تۇرىدۇ. تارىخچىلار بىلەمدىكىن ئاۋۇ خەتلەرنىڭ مەنىسىنى؟

چىقىش دەرۋازىسىغا يېقىن كەلگەندە، ماۋۇ قاقشال دەرەخ دىققىتىمىزنى تارتتى. ئەجىبا باشقا دەرەخلەر قۇرۇپ كەتمەپتۇ، بۇنىڭغا نېمە بولغاندۇ؟ تۇرقىغا قارىغاندا بۇ دەرەخ نۇرغۇن تارىخنى باشتىن كەچۈرگەندەك قىلىدۇ.

شۇنداق قىلىپ بۇ يەرنى ئايلىپ چىقتۇق، بىزگە نىسبەتەن يەنىلا جۇڭگۈەنسۈن تەرەپ ئىللىق كۆرۈنىدىكەن، دۇنياغا داڭلىق كومپيۇتېر شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە ئەمەسمۇ؟ قارىغاندا ھەممە ئادەم ئۆز كەسپىگە ئامراق ئوخشايدۇ.

تيەنئەنمېننىڭ شەرقىي تەرەپتە جۇڭگوغا داڭلىق ۋاڭفۇجىن كوچىسى بار، بۇ يەردىكى ماللار بىر ئاز قىممەت، لېكىن داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلار بار. بۇ خۇددىي ئۈرۈمچىنىڭ جۇڭسەن كوچىسىغا ئوخشايدۇ. چۈشلۈك تاماق ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى، قاراپ باقساق قۇمۇل قارا دۆۋىنىڭ چىلانلىرى خالتىغا ئوراپ ساتقىلى تۇرۇپتۇ. بىر خالتا ئېلىپ، مېنىرال سۇ بىلەن قوساقنى ئەستەرلىۋالدۇق.

ئاستىدىكى ماۋۇ رەسىمگە قاراپ ئالىم مۇئەللىم بىلەن مۇھەممەدئىمىن ئۈرۈمچىگە پويىزدا مېڭىپتۇ دەپ قالدىڭلارغۇ-دەيمەن. بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا رايى خۇددى بىر-بىرى بىلەن مۆكۈشمەك ئوينىغاندەك بىردەم ئېچىلىپ، بىردەم تۇتۇلۇپ تۇرغاچقا، ئايرۇپىلان يەنە ۋاقتىدا ئۇچالمىدى، كەچتە يېقىن ئەتراپتا ئايرودىروم مېھمانخانىسىغا ئورۇنلاشتۇردى، تولا تېلېفون قىلىپ ئايرۇپىلان ھېلى ئۇچۇپ قېلىشى مۇمكىن دەپ، شەھەر ئىچىگە كىرىپ چىقىشقا رۇخسەت قىلمىدى، ئەتىسى زال ئىچىدە يەنە مۇشۇنداق ساقلىدۇق.

ئۆيدىغۇ تېلېۋىزورنى كۆپ كۆرمەيمەن، لېكىن بۇ يەردە مۇشۇ تېلېۋىزورغا قاراپ ئولتۇردۇق، پات-پات ئۇچۇر ئالماشقاندا، ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ئايرۇپىلان ۋاقتى ئېنىق بولدىمىكىن دەپ. ئايرۇپىلان كېچىكسە قانداق بولىدىغانلىقىنى تولۇق ھېس قىلدىم. نۇرغۇن نەرسىنىڭ قەدرىگە يەتتىم. خاتىرە كومپيۇتېر ۋە يان تېلېفون باتارېيەسىنىمۇ ناھايىتى تېجەپ ئىشلەتتۇق.

ئاخىرى ئۈرۈمچىگە قايتىش ۋاقتى بېكىتىلدى، قارىساق ھەممەيلەن ناھايىتى ئالدىراش ماڭغىلى تۇرۇپتۇ، ئەمما بىزغۇ ئانچە ئىشەنمىدۇق، خىزمەتچى خادىملار چاقىرغاندىن كېيىن، ئاندىن ماڭدۇق، چۈنكى، بىز بېرىش ياكى كېلىش سەپىرىدە ئەمدى ئۇچىمىز دەپ قويۇپ، يەنە ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىدىغان بۇنداق ئىشلارنى كۆپ كۆرگەن تۇرساق.

ئاخىرى ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتۇق، بۇ قېتىم قاناتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قاپتۇق، ئوڭ تەرىپىمدىكى بىر يولداش ئايرۇپىلانغا تۇنجى قېتىم چىققان ئوخشايدۇ، «ئايرۇپىلاننىڭ ئالدى تەرىپىدە ياكى ئارقا تەرىپىدە ئولتۇرغان بولساق، تېخىمۇ بىخەتەر بولاتتۇق-ھە؟» دەيدۇ. «ناۋادا، ھازىر كاشىلا كۆرۈلۈپ يەرگە چۈشۈپ كەتسە، شوپۇرنىڭ يېنىدا ئولتۇرساڭمۇ ساق قالمايسەن، ئايرۇپىلانغا چىقىپ بولۇپسەن، ئەمدى غەم قىلما»-دېدىم.
بۇ قېتىمقى سەپەردە، گەرچە ئايرۇپىلاندا بېرىپ-كەلگەن بولساقمۇ، لېكىن كېچىككەن بارلىق ۋاقىتنى ھېسابلىساق پويىزدىنمۇ ئاستا بولدى(30 سائەتتىنمۇ ئارتۇق). ئەمما، ئىشلىرىمىز ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى. تورداشلارغا رەھمەت! تامام.

ئۆزبېكىستانغا زىيارەت (سەپەر خاتىرىسى)نى بۇ يەردىن كۆرۈڭ

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى