ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە تىل ئۇسلۇبى

يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە تىل ئۇسلۇبى

ۋاقتى: 2015-01-31 ئاۋاتلىقى: 794 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش (软件本地化)

(بۇنى پەقەت مۇشۇنداق بىلوگدا بىۋاسىتە يېزىلغان كۆز-قاراش ئىكەن دەپ قارىساڭلار بولىدۇ، رەھمەت!)

يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش دېگىنىمىز يۇمشاق دېتال مەھسۇلاتىنىڭ ئىقتىدارى، ئارايۈزى، ياردەم ھۆججىتى ۋە باشقا ماتېرىياللىرىنى يەرلىك بازار ئېھتىياجى ۋە يەرلىك خەلقنىڭ مەدەنىيىتىگە ماسلاشتۇرۇش بولۇپ، ئۇنىڭ دائىرىسى نوقۇل تەرجىمە قىلىش بىلەن چەكلەنمەيدۇ. بۇنىڭ دائىرىسى ئادەتتە يۇمشاق دېتال (ئارايۈزى ئۇچۇرى) بايلىقلىرىنى تەرجىمە قىلىش، ئىشلەتكۈچىلەر ئارايۈزى لايىھەسىنى قايتىدىن ئۆزگەرتىش، يۇمشاق دېتال ئىقتىدارىنى شۇ دۆلەت ياكى رايوندىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش، سىناش،…قاتارلىق نۇرغۇن جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەشغۇلات سىستېمىسىنى يەرلىكلەشتۈرۈش باشقا ھەرقانداق يۇمشاق دېتاللارنى يەرلىكلەشتۈرۈشكە قارىغاندا قىيىن بولۇپ، نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن تەلەپ قىلىدۇ. تەرجىمە قىلىشتىن باشقا يەنە چېتىلىدىغان تېخنىكىلىق ئىش ھالقىلىرى زىيادە كۆپ بولىدۇ. شۇڭا، بۇنداق ئەمەلىي خىزمەتلەرنى يۇمشاق دېتال تۈزۈش تەجرىبىسىگە ئىگە، ئۆز ئانا تىلغا پىششىق، ئىنگلىز تىلىغا پۇختا يەرلىك مىللەت خادىملىرى تاماملاپ كېلىۋاتىدۇ.

ئورگان تەرەپنىڭ رۇخسىتى بىلەن يەرلىكلەشتۈرۈشنىڭ تەلىپى تېخىمۇ قاتتىق بولۇپ، يەرلىكلەشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ھەر بىر ئىش ھالقىلىرىدىن تەربىيەلىنىدۇ ھەمدە تۈرلۈك سىناق ۋە ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. ئەلا نومۇر ئېلىپ، سالاھىيەت ئۆتكىلىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورگان تەرەپنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلىنىپ، ئۇلارنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشى ۋە يېتەكچىلىكىدە، تەلەپ قىلىنغان سۈپەت ۋە بېكىتىلگەن مۇددەت ئىچىدە يەرلىكلەشتۈرۈشكە قاتنىشىدۇ. شۇڭا، ئۆز ئالدىغا تەرجىمە قىلىش (يەرلىكلەشتۈرۈش) بىلەن ئورگان تەرەپنىڭ رۇخسىتى بىلەن يەرلىكلەشتۈرۈشنىڭ پەرقى چوڭ بولىدۇ.

تىل ئۇسلۇبى (语言风格)
مەشغۇلات سىستېمىسى، قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار (ياكى ئەپلەر)، قورال دېتاللار ۋە ئويۇن قاتارلىقلارنى يەرلىكلەشتۈرۈشتە قويۇلىدىغان تەلەپلەر بەزىدە ئوخشاش بولمايدۇ. چۈنكى، بۇلارنى ئىشلىتىدىغان ئىستېمالچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى پەرقلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ يەرلىك تىلدىكى ئۇچۇرلارنى چۈشىنىش ئىقتىدارى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، ئاتالغۇ ۋە تەرجىمە ئۇسلۇبى ئوخشاش بولمايدۇ. ئوخشاش بىر شىركەت ئىشلەپچىقارغان ئوخشىمىغان مەھسۇلاتلاردا، ئاتالغۇ ۋە جۈملە قۇرۇلمىسى بىر قېلىپتا بولۇۋەرمەيدۇ. شۇڭا، ئوخشىمىغان شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئاتالغۇسى ۋە تىل ئۇسلۇبىنىڭ بىردەك بولماسلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس. ئۇلار پەقەت قانداق قىلغاندا ئۆز مەھسۇلاتىنى شۇ رايوندا تېخىمۇ كەڭ بازارغا ئېرىشتۈرۈشنى ئويلايدۇ، مىكروسوفتنى مىسالغا ئالساق، ئۇلار ئۆز مەھسۇلاتىنىڭ جەلپكارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خېرىدارلار ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان، ئوڭاي چۈشىنەلەيدىغان ئاددىي ئاتالغۇلارنى قوللىنىپ، يېقىملىق، ئازادە تىل ئۇسلۇبىنى ئىشلىتىپ، خېرىدارلارنى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى بىلەن سىردىشىۋاتقاندەك ھېس تۇيغۇغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبىنىڭ يىلدىن-يىلغا ئاددىيلىشىۋاتقانلىقىنى بىر قاراپلا بىلىشكە بولىدۇ.

ئىزچىل ئىنگلىزچە Windows ئىشلىتىپ باققانلار شۇنى ھېس قىلالايدۇكى:
achieve نىڭ ئورنىغا do نى،
as well as نىڭ ئورنىغا also, too نى،
attempt نىڭ ئورنىغا try نى،
encounter نىڭ ئورنىغا meet نى،
have an opportunity نىڭ ئورنىغا can نى،
however نىڭ ئورنىغا but نى،
refer to نىڭ ئورنىغا see نى ئىشلىتىشكە يۈزلىنىۋاتىدۇ.

شۇڭا، ئۇلار مۇمكىنقەدەر يېڭىدىن تۈپ سۆز ئىجاد قىلماسلىقنى، قەدىمكى ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىغا ھازىرقى زامان ئاتالغۇلىرىنى ئىشلىتىشنى، ھەتتا ساۋادى ئەمدى چىققان بالىلارمۇ چۈشىنەلەيدىغان تىل ئۇسلۇبى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش (تەرجىمە قىلىش) بىلەن كىنو-تېلېۋىزىيە ياكى رومان تەرجىمە قىلىشتىكى تىل ئۇسلۇبى پەرقلىنىدۇ.

ئىنگلىزچە: Are you sure that you want to continue?
خەنزۇچە: 你确定要继续吗?
ئۇيغۇرچە:
(1) سىز داۋاملاشتۇرماقچى بولغانلىقىڭىزنى ئېنىق بەلگىلەمسىز؟
(2) داۋاملاشتۇرماقچى بولغانلىقىڭىزنى جەزملەشتۈرەمسىز؟
(3) داۋاملاشتۇرۇشنى جەزملەشتۈرەمسىز؟
(4) راستتىنلا داۋاملاشتۇرامسىز؟
(5) داۋاملاشتۇرامسىز؟
=====
بۇ تەرجىمىدىن نېمىنى ھېس قىلدىڭلار؟ سىلەرچە يەنە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى