ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

Uyghursoft نامىدىكى ساختا ئۇچۇردىن ھەزەر ئەيلەڭ

Uyghursoft نامىدىكى ساختا ئۇچۇردىن ھەزەر ئەيلەڭ

ۋاقتى: 2015-01-31 ئاۋاتلىقى: 768 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يېقىندىن بۇيان تورلاردا Uyghursoft نامىدا تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلار تارقىلىپ يۈرمەكتە. بىر قىسىم كىشىلەر بۇنىڭ «ئۇيغۇرسوفت»(Uighursoft) تەرىپىدىن تارقىتىلغانلىقىغا ئىشەنمىسىمۇ، لېكىن يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئىشىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇنداق ساختا ئۇچۇرلارغا ئىشىنىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن قىسقىچە چۈشەنچە بېرىشنى لايىق كۆردۈم.

بۇ ئۇچۇرلارنىڭ بىز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، بۇ بەلكىم يامان غەرەزلىك قىستۇرما بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە بىز ئىگە بولالمايمىز، شۇڭا، بۇنداق نامەلۇم تارقاتقۇچى ياكى ئىشەنچسىز مەنبەدىن كەلگەن ئېلېكتىرونلۇق خەتلەرنى ئالدىراپ ئاچماسلىقىڭلارنى، مۇمكىن بولسا بىۋاسىتە «ئەخلەت» خەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، رەھمەت!

قوشۇمچە: «ئەلكاتىپ» ھەققىدە
«ئەلكاتىپ» 1.0 يۇمشاق دېتالى 1998-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، كەڭ خېرىدارلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كەڭ ئومۇملاشتى. ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشرى 5.7 بولۇپ، بۇ يىل 4-ئايدا رەسمىي ئېلان قىلىندى، ئەمما يېقىندىن بۇيان ھېچقانداق نەشرى يېڭىلانمىدى. ئەسلىدە 2009-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلىنغان Windows 7 گە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلغاندىن بۇيان ئايرىم ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئىشلەشنىڭ قىلچە ھاجىتى قالمىغان ئىدى. Windows 8 دە ئۇيغۇر يېزىقىنى قانداق قوللايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەچكە، ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا مەن «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ»نىڭ يېڭىلانمايدىغانلىقى توغرىسىدا بىلوگىمدا خەۋەر بەرگەن ئىدىم. ئەمما، قازاق، قىرغىز قېرىنداشلارنىڭ Windows دا يەنىلا «ئەلكاتىپ»قا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، 64 بىتلىق Windows 7 دە «ئەلكاتىپ»نى ئىشلىتەلمىگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بۇ يىل 4-ئايدا «ئەلكاتىپ 5.7»نى رەسمىي ئېلان قىلغان ئىدىم.

سوئال: نېمە ئۈچۈن «ئەلكاتىپ» ئاستا يېڭىلىنىدۇ؟
جاۋاب: Windows دا ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ مەسىلىسى پەيدىنپەي ھەل بولۇشىغا ئەگىشىپ، «ئەلكاتىپ» يۇمشاق دېتالى ئۆز ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 2006-يىلى 9-ئايدا تارقىتىلغان «ئەلكاتىپ 5.0» يۇمشاق دېتالى (ھەقلىق ۋە ھەقسىز نۇسخىسى) خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئاساسەن قاندۇرۇپ كەلگەچكە، يېڭىلىنىشى ئاستا بولۇپ كەلدى. ۋىرۇسخوردەك ئۇنداق ئايدا، يىلدا يېڭىلانمايدۇ.

سوئال: نېمە ئۈچۈن بۇ يىل 4-ئايدا «ئەلكاتىپ»نىڭ يېڭى نۇسخىسى ئېلان قىلىنىدۇ؟
جاۋاب: «ئەلكاتىپ» ئۇيغۇر يېزىقىدىن باشقا يەنە قازاق، قىرغىز قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ يېزىقىنى قوللايدۇ. 64 بىتلىق Windows دا «ئەلكاتىپ»نىڭ بۇرۇنقى نۇسخىلىرىنى قاچىلاپ ئىشلىتىش مۇمكىن بولمىغاچقا، قازاق ۋە قىرغىز قېرىنداشلارغا قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، شۇ سەۋەبتىن بۇ مەسىلە ھەل قىلىنىپ يېڭىلاندى.

سوئال: «ئەلكاتىپ» يەنە يېڭىلىنامدۇ؟
جاۋاب: ناۋادا «ئەلكاتىپ»تىن ئېغىر خاتالىق بايقالسا، قىسقا ۋاقىت (بەلكىم نەچچە سائەت ياكى بىرنەچچە كۈن ئىچىدە) ھەل قىلىپ يېڭىلاپ تارقىتىشىمىز مۇمكىن. ئەمما، ئۇ ھازىر زۆرۈر يېڭىلايدىغان مەھسۇلات تىزىملىكىمىزدە ئەمەس.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى