ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بانكا ئۈسكۈنىلىرىدە ئەلكاتىپ داۋاملىق ئومۇملاشماقتا…

بانكا ئۈسكۈنىلىرىدە ئەلكاتىپ داۋاملىق ئومۇملاشماقتا…

ۋاقتى: 2015-01-31 ئاۋاتلىقى: 1380 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

7-8 يىل ئىلگىرى ئۇيغۇرسوفت شىركىتى جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، جۇڭگودىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە ATM سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى. بۇ سىستېما شىنجاڭدىكى بارلىق تارماق بانكىلاردا كەڭ ئىشلىتىلىپ، خېرىدارلارغا قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، كېيىن ئۇيغۇرسوفت يەنە يېزا ئىگىلىك بانكىسى بىلەن بىرلىشىپ ئۇلارنىڭمۇ ئۇيغۇرچە ATM سىستېمىسى، تېلېفون ئارقىلىق ھېسابات ئاغدۇرۇش ئۈسكۈنىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، بۇ ئۈسكۈنىلەر تېخىمۇ كەڭ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى ۋە باشقا بانكىلارغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى. بۇ ئىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى كۆرگەن ھەرقايسى بانكىلار بەس-بەستە ATM نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ، رىقابەت ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كەڭ ئاممىغا قولايلىق ئېلىپ كەلدى.

بۇ ئىشنى تۇنجى قىلدۇرغان بانكا يەنى جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى كەسپىي جەھەتتە باشقىلارغا داۋاملىق ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن، بارلىق ئۈسكۈنىلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ، بۇ يىل 6-ئايدا ئۇيغۇرسوفتنى قايتا ئىزدەپ كەلدى. ئۇلارنىڭ مەسئۇل خادىمى ئىلگىرىكى ھەمكارلىقنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولغانلىقى، داۋاملىق ئۇيغۇرسوفت بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى، تىجارەت زاللىرىدىكى باشقا بارلىق ئۈسكۈنىلىرىدە ئۇيغۇرچە ئىشلىتىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى، گەرچە قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ ئىلگىرى ATM دىن نەچچە ھەسسە مۇرەككەپ، مەخپىيەتلىكىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويسىمۇ، بۇ جەھەتتە يەنىلا ئۇيغۇرسوفتنىڭ تېخنىكا كۈچىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، دەرھال توختام تۈزۈپ ھەمكارلىشىشنى ئوتتۇرغا قويدى. شۇنداق قىلىپ نەچچە كۈن ئىچىدە ھەمكارلىق باشلىنىپ، بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 7-بېشىغىچە جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى ئىشلىتىدىغان «ھېساب سۈرۈشتۈرۈش، پۇل تاپشۇرۇش»، «سۇغۇرتا سېتىش»، «روزغار مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش»، «ھېسابات ئاغدۇرۇش، پۇل ئەۋەتىش» قاتارلىق ئۈسكۈنىلىرىنى يەرلىكلەشتۈردۇق (ئۇيغۇرچىلاشتۇردۇق)، يېڭى ئۈسكۈنىلەر ۋە يېڭى تېخنىكىلاردا ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش ئىشلىرىنى تولۇق ھەل قىلدۇق. شۇنداق قىلىپ بانكا ئۈسكۈنىلىرىدە ئەلكاتىپ خەت نۇسخىلىرى داۋاملىق ئومۇملاشتى.

بۇ سىستېما پات يېقىندا يېڭىلىنىپ، كەڭ ئىشلىتىلىشكە باشلايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن پۇل ئالغاندا بولسۇن، پۇل ئەۋەتكەندە بولسۇن ياكى تېلېفون پۇلىنى تاپشۇرۇشتا بولسۇن،… ئۇيغۇرچىنى تاللاپ ئىشلىتىڭ.

بۇ يېڭى ئۈسكۈنىلەرنىڭ باشقا بانكىلاردىمۇ يولغا قويۇلۇشىنى، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ شىنجاڭدىكى پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىلا ئەمەس، بەلكى جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ئۆلكە-شەھەرلىرىدىمۇ تېخىمۇ كەڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇيغۇرسوفت بۇ جەھەتتە باشقا بانكىلار بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.

تۆۋەندە بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ بېقىڭلار

ئىشنىڭ كۆپلۈكىدىن قىلىپ بولغان ئىشلىرىمىزنىمۇ ۋاقتىدا تەشۋىق قىلىپ بولالمىدۇق، بۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ يىل 5-ئايدا خەلق ئىشلىرى نازارىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، توي قىلىدىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قىز-يىگىتلىرىنىڭ نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسغا يەنى قىزىل قەغەزگە ئۆز يېزىقىدا ئىسىم-فامىلىسىنى يېزىش ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. بۇ سىستېما ھازىر پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تورلاشقان بولۇپ، ئىچكىردە توي قىلسىڭىزمۇ قىزىل قەغەزگە ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە يازدۇرالايسىز. بۇنىمۇ ئايرىم تېما قىلىشىم مۇمكىن.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى