ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

udict.cn «ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى» ھەققىدە

udict.cn «ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى» ھەققىدە

ۋاقتى: 2015-01-31 ئاۋاتلىقى: 1198 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى (سىناق) تۇنجى نەشرى 2007-يىل 10-ئايدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، زىيارەت مىقدارى داۋاملىق ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەرمۇ ناھايىتى ياخشى قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى يەتكۈزۈۋاتىدۇ. بۇ پىكىرلەر ئاساسىي جەھەتتىن بىرنەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلانغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىدەك:
(1) بۇ تور لۇغىتىنىڭ سۆزلۈك مىقدارى ئاساسىي جەھەتتىن ئېھتىياجىمىزدىن چىقىدىكەن.
(2) كۆرۈنۈش لايىھەسى ئانچە ياخشى ئەمەس.
(3) ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ ئىملاسى تېخىچە كونا ئىملادا ئىكەن.

مەن بۇ جەھەتتە ئازراق چۈشەنچە بېرەي:
بۇ تور لۇغىتىنىڭ سۆزلۈك مىقدارى «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2007»(كېيىن 2008 گە يېڭىلاندى) (ئۈچ تىللىق) بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇپ، بۇ جەھەتتە سىزنى ئەلۋەتتە رازى قىلىدۇ، كۆرۈنۈش لايىھەسىنى ئىمكانقەدەر ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2007 (ياكى 2008)نىڭ ئېكران كۆرۈنۈشىدىن چەتنەپ كەتمەسلىكىنى مۇۋاپىق كۆرگەن ئىدۇق. بۇنداق قىلساق ھەقلىق سېتىۋالغان خېرىدارلىرىمىزنىڭ ئىشلىتىشى تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ. ھەقسىز ئىشلەتكەنلەر بۇنى كۆرۈپ، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008»نى سېتىۋېلىشى مۇمكىن. كۆرۈنۈش لايىھەسى ياقمىغان بولسا، ئۆزلىرىنىڭ ياخشى لايىھەسىنى ئەۋەتىپ بەرسە بىز تېخىمۇ خۇشال بولاتتۇق.

2009-يىلى 10-ئايدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېڭى ئىملا لۇغىتى ئېلان قىلىنىپ، يېڭى ئىملا قائىدىسى 2010-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. ھازىر يېڭى ئىملا قائىدىسى ئومۇملىشىشقا باشلىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىمۇ ئىملا ئۆزگەرتىش ئىشىغا دۇچ كەلدى. خېرىدارلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەكلىپ-پىكىرى ھەقىقەتەنمۇ ئورۇنلۇق. ئەمما بۇنداق زور مىقداردىكى سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى ئۆزگەرتىش ھەرگىزمۇ ئاددىي ئىش ئەمەس ئەمەس. بۇنىڭغا بىرنەچچە يىل كېتىشى مۇمكىن. يېڭى ئىملا قائىدىسى بويىچە ئىشلەنگەن «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 6.0» يېقىندا رەسمىي پۈتتى. ئەمما پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك ئىملا تۈزىتىدىغان ئىش يوق. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى