ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قانداق قىلغاندا پىروگراممېر بولغىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا پىروگراممېر بولغىلى بولىدۇ؟

ۋاقتى: 2015-01-31 ئاۋاتلىقى: 961 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


قانداق قىلغاندا پىروگراممېر بولغىلى بولىدۇ؟

مەن 1991-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى كومپيۇتېر بىلەن تۇنجى ئۇچراشقان كۈنىدىن باشلاپ پىروگرامما يېزىپ كەلدىم. نۇرغۇن پىروگرامما تىلىنى ئۆگەندىم، پىروگرامما ئارقىلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدىم، بەزىلىرى مەھسۇلاتقا ئايلىنىپ «ئۇيغۇرسوفت» يۇمشاق دېتاللىرى نامىدا بازارغا يۈزلەندى. ئەلۋەتتە بەزى ئەگرى-توقاي يوللارنىمۇ باستىم، ئەمما ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان بۇ كەسىپ بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىمەن. شۇنداقلا يەنە مۇشۇ ساھەگە كىرىشنى ئويلايدىغانلارنى تېخىمۇ توغرا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ تېز نەتىجە يارىتىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن. لېكىن بەزىلەرنىڭ يەنە «ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئىستىقبالى يوق، بۇ كەسىپ بىلەن جان باققىلى بولمايدۇ، شۇڭا مەن شۇغۇللانمىغان ئىدىم» دېگەن سۆزلەرنى پات-پات ئاڭلاپ تۇرىمەن. ھەتتا نەچچە كۈن ئالدىدا بىرسىدىن شۇنداق سۆزنى يەنە ئاڭلىدىم. ئەگەر جان بېقىش ئۈچۈن بىر كەسىپنى ئۆگىنىش زۆرۈر بولسا، مېنىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان جاۋابىم تىلەمچىلىك قىلسىمۇ جان باققىلى بولىدۇ. لېكىن ھەرگىز ئۇنداق قىلىپ سالماڭ. مەيلى قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانماڭ ئۆز ھالال تەرىڭىز بىلەن ئىشلىسىڭىز، چوقۇم ھالاۋىتىنى كۆرىسىز.

مەن پەقەت يۇمشاق دېتال كەسپىگە قىزىقىۋاتقان، مەلۇم بىر پىروگرامما لايىھەلەش تىلىنى ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلار، «ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال سىنىپى»غا قاتنىشىپ بىز بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن بۇ تېمىنى يېزىپ باقتىم.

بىرىنچى: پىروگرامما تىلىنى پۇختا ئۆگىنىش.

پىروگراممىچى بولىمەن دېسىڭىز، چوقۇم پىروگرامما لايىھەلەش تىلىنى ئۆگىنىسىز. بۇ ھېچقانداق مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت. ئەمما نۇرغۇن ياشلار قايسى پىروگرامما تىلىنى ئۆگەنسەم بولار؟ قايسى تىل ئەڭ ياخشىدۇ؟ ياكى قايسى تىل ئۆگىنىشكە ئاسانراق؟ – دەپ تولا غەم قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئوخشىمىغان جاۋابلىرىنى ئاڭلاپ، تېخىمۇ جىددىيلىشىپ، نۇرغۇن ۋاقتىنى بىھۇدە سەرپ قىلىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئالدى بىلەن مەلۇم بىر پىروگرامما تىلىنى پۇختا ئۆگىنىڭ. مەسىلەن:C/C++ (Java)، C# ياكى Visual Basic .NET نىڭ خالىغان بىرسىنى ئۆگىنىڭ. ئادەتتە مەلۇم بىر پىروگرامما تىلىدا تۈزۈلگەن يۇمشاق دېتالنى يەنە بىر تىلدىمۇ تۈزۈشكە بولىدۇ. مەلۇم بىر تىل يەنە بىر تىلدىن پەۋقۇلئاددە ياخشى دەيدىغان كۆز قاراشقا ئىشەنمەڭ. ئەمما، بىرنەچچە پىروگرامما تىلىنى ئۆگىنىشكە سەل قارىماڭ. چۈنكى، مەلۇم بىر پىروگرامما تىلى سىزگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولالمايدۇ. تېخنىكىنىڭ ئۆزگىرىشىنى، تەرەققىياتىنى توسۇپ بولالمايمىز. مەن 20 يىلنىڭ ئالدىدا MS-DOS, (Apple-2) Mac, Windows 3.1 مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا تۈزۈپ چىققان نۇرغۇن پىروگراممىلارنى ھازىر ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ئەمما بۇ جەرياندا توپلىغان ئەمەلىي تەجرىبەم يېڭى بىر پىروگرامما تىلىنى تېز ئۆگىنىش، مەلۇم بىر مەسىلىنى تېخىمۇ ئاسان يول بىلەن ھەل قىلىشتا ماڭا يېتەكچى بولۇپ كەلدى، سىزگە بېرىلىدىغان تەكلىپىم شۇكى پىروگرامما لايىھەلەش تىلى ئىچىدىن بىرسىنى ئىنتايىن پۇختا ئۆگىنىڭ، قوشۇمچە يەنە 1-2 پىروگرامما تىلىنى بىلىۋېلىڭ.
مەن دائىم بىرقىسىم پىروگرامما سېپىگە كىرىشكەنلەرنىڭ ئاغزىدىن «مەن ئۆگىنىۋاتقان بۇ پىروگرامما تىلىدا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىكەن، شۇڭا، مەن باشقا پىروگرامما تىلىنى ئۆگىنىۋاتىمەن»-دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ قالىمەن. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق بىرقىسىم ياشلار ئۆزىنىڭ پىروگرامما تۈزۈش ماھارىتىدىن كۆرمەي، پىروگرامما تىلىغا ئارتىپ قويىدۇ. بۇ خۇددى بىليارت ئوينىغاندا، ئۇرۇقنى تۆشۈككە سولىيالمىسا، بۇ ھاسا بولمايدىكەن دەپ يەنە بىر ھاسىغا ئالماشتۇرغاندەكلا ئىش. ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇنى يەنە «ئاتالمىساڭ ئوقۇڭدىن، چىچالمىساڭ پوقۇڭدىن كۆرمە» دەپتىكەن.

ئىككىنچى: مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى كود يېزىشتىنمۇ مۇھىم

ھەممە نەرسىنى نوقۇل كود يېزىش بىلەن ھەل قىلىمەن دېمەڭ، پىروگرامما لايىھەلەشتە ئويلاش، پىكىر قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى تاپماي تۇرۇپ، مەلۇم بىر پىروگرامما تىلىغا پىششىق بولۇپ كەتسىڭىزمۇ، كود يازالماي قىينىلىپ تۇرىسىز. يۇمشاق دېتالدا چوڭ تۈرلەرنى تاماملاشتا، بۇلارنى ھەرگىزمۇ بىر ئادەم قىلمايدۇ. لېكىن مەن بۇ يەردە بۇنداق چوڭ يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىنى چۈشەندۈرمەيمەن.
ھەممە ئادەم پىروگرامما لايىھەلەش تىلىنى ئۆگىنەلىشى مۇمكىن، لېكىن بېرىلگەن مەسىلىنى چۈشىنىش، ھەل قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتىكى پەرق تۈپەيلىدىن ئاخىرقى نەتىجە ئوخشاش بولمايدۇ يەنى بەزىلەر مۇنەۋۋەر پىروگراممېر بولالمايدۇ. بۇ خۇددى ھەممە ئادەم ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىنى ئۆگىنىپ ساۋاتىنى چىقىرالايدۇ، لېكىن ئۇيغۇرچە مۇنەۋۋەر ئەسەر يېزىپ بولالمىغاندەكلا ئىش. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ئويلاش، كۆپ كۆرۈش، كۆپ مەشىق قىلىش،…قاتارلىق پىكىر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. لېكىن بەكمۇ ئەنسىرەپ كەتمەڭ، ھەممە ئادەمدە ئوخشىمىغان پىكىر قىلىش ئىقتىدارى بولىدۇ، تۆۋەندىكى مەسىلىنى ھەل قىلالىسىڭىز، سىزدە زور ئۈمىد بار. «ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال تەربىيەلەش سىنىپى»غا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا، ئۇلاردىن مۇنداق ئىمتىھان ئېلىشىم مۇمكىن.

سوئال: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى (شەنبە)، يەنە 100 كۈندىن كېيىن قىزىم 10 ياشقا كىرىدۇ، ئۇنداقتا ئۇ كۈنى ھەپتىگە نەچچە بولىدۇ؟
جاۋابىڭلاردىن باشقا يەنە ھەل قىلىش ئۇسۇلۇڭلارنى ئاڭلاپ باقاي، ئاندىن مەن بۇ تېمىنى مۇشۇ يەردە يەنە داۋاملاشتۇرىمەن.

============== تۆۋەندىكىسى داۋامى (2013-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى يېزىلدى) ============================

يۇقىرىقى مەسىلىنى پىروگرامما تىلى ئارقىلىق ھەل قىلىمەن دېسىڭىز، شۇ پىروگرامما تىلىنى قوزغىتىپ، كود يېزىشقا ئالدىراپ كەتمەڭ. ئالدى بىلەن قىلىدىغان بىرىنچى ئىشىڭىز بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈڭ. ئۆگەنگۈچىلەر ئىمكانقەدەر ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئۆزلىرى ئويلاپ تېپىشى كېرەك. تورداشلار بەس-بەستە ئىنكاس يېزىپ، بۇ مەسىلىنى ھەر خىل ئۇسۇلدا ھەل قىلىپتۇ، بۇ مېنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى، سىلەردە ھەقىقەتەن ئۈمىد زور ئىكەن. ئوقۇتقۇچىمۇ يۇقىرىقىدەك ئوخشاش بىر مەسىلىنى ھەرخىل ھەل قىلىش چارىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان بولۇشى، ھەرگىزمۇ بىرخىل ئۇسۇلغا ئېسىلىۋالماسلىقى ياكى ئۆز ئىدىيەسىنى مەجبۇرى تاڭماسلىقى كېرەك. ئۆگەنگۈچىلەر بۇ چۈشەندۈرۈشلەر ئىچىدە ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئەڭ ياخشى چارىنى قوللانسا، ھازىرچە شۇ ئەڭ ياخشى.

ھەرقانداق ئېگىز تاغقا چىقىدىغان يول بىردىنبىر بولۇشى ناتايىن، بۇ سۆزنى ئاڭلىغىنىڭىزدا ئوخشىمىغان بۇنداق بىرنەچچە يول ئىچىدە ئەڭ ئاسان يولنىڭ بارلىقىغا جەزمەن ئىشىنىڭ، ئۈمىدۋار بولۇڭ. نىشان ئېگىز تاغقا چىقىش، مەقسەتمۇ ئېنىق بولدى. ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كېلەيلى:
دەسلەپتە 100 كۈندىن كېيىن ھەپتىنىڭ قانچە بولىدىغانلىقىنى بىلمىسىڭىز مەيلى، لېكىن پىكىر قىلىشتىن، تەپەككۇر يۈرگۈزۈشتىن ھۇرۇنلۇق قىلماڭ. ناۋادا قىيىنچىلىق بەك چوڭ دەپ ھېس قىلسىڭىز، ئاز-ئازدىن ھەل قىلىڭ. مەسىلەن: بۈگۈن شەنبە بولسا، 1 كۈندىن كېيىن يەكشەنبە، 2 كۈندىن كېيىن دۈشەنبە بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتىڭ (ئەگەر بۇنى بىلمەيمەن دېسىڭىز، 1 مىنۇت كالېندار كۆرۈڭ). يەنە داۋاملىق ئويلىنىپ باقسىڭىز، 7 كۈندىن كېيىن يەنە شەنبە بولۇپ تەكرارلىنىدۇ، 9 كۈندىن كېيىن ئەلۋەتتە يەنە دۈشەنبە بولىدۇ، چۈنكى بىر ھەپتە 7 كۈن بولۇپ تەكرارلىنىدۇ. 7 گە پۈتۈن بۆلۈنسە يەنە شۇ كۈن بولىدۇ. مەسىلەن 7-، 14-، 21-، 28-،…كۈنلىرى يەنە شەنبە بولىدۇ. ئۇنداقتا سىز بۇ مەسىلىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، 9 كۈندىن كېيىن ھەپتىگە نەچچە بولىدۇ دەپ سوراپ بېقىڭ. بارماقلىرىڭىز ئارقىلىق بىربىرلەپ ساناپ تېپىپ بېقىڭ، ئاندىن 7 بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ھېس قىلىشقا تىرىشىڭ يەنى 9 نى 7 گە بۆلسەك، قالدۇق سان 2 بولىدۇ. بۈگۈن شەنبە بولسا، ئۇنداقتا قالدۇق سان 2 بولغاچقا، بۇ مەسىلە 2 كۈندىن كېيىن ھەپتىگە نەچچە بولىدۇ دېگەن ئىنتايىن ئاددىي بىر مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. شۇڭا 9 كۈندىن كېيىن دۈشەنبە بولىدۇ دېگەننى خۇلاسىلەپ چىقىڭ. ئۇنداقتا 100 كۈندىن كېيىن، 1000 كۈندىن كېيىن دېسىمۇ سىز بىربىرلەپ ساناپ يۈرمەيسىز، پەقەت 7 گە بۆلۈپ، قالدۇق ساننى تېپىپ كۆرۈپ باقسىڭىزلا بولىدۇ.

دېمەك بۇ تاغقا چىقىشنىڭمۇ بىرنەچچە يولى بار ئىكەن، ئاسان يولنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى ئۆزىڭىز ھېس قىلىڭ. لېكىن بۇنىڭ بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. سىز مۇشۇنداق مەسىلىنى ھەل قىلغان چېغىڭىزدا ئىمكانقەدەر ئوخشىمىغان نۇقتىدىن پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۆزىڭىزگە ئاسان بىلىنىدىغان چارە (ساناپ چىقىش) ئارقىلىق ھەل قىلىڭ، ئاندىن ھەممىگە ماس كېلىدىغان چارە (قانۇنىيەت) ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاخىرىدا ئۇنى خۇلاسىلەپ چىقىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن خۇلاسە قىلىش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، كېيىن مۇشۇنداق مەسىلە ئۇچرىغاندا ئۇنى ساناپ يۈرۈپ ھەل قىلمايسىز. ئۇنى ئىمكانقەدەر ھەممە كىشى كۆرسە چۈشىنەلەيدىغان نەزەرىيە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇڭ. كېيىن بۇ نەزەرىيەگە ئاساسەن ئۆزىڭىز قول سېلىپ ئىشلەڭ ياكى باشقىلارغا تاشلاپ بېرىڭ، كود يېزىلسىلا بۇ مەسىلە ھەل بولغان بولىدۇ. يۇقىرى سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپالىغان بولسىڭىز ياكى يۇقىرىدىكى ھەل قىلىش چارىسىنى چۈشەنگەن بولسىڭىز، بىز يەنە داۋاملىق پىكىر قىلىپ باقايلى.

سوئال: بۈگۈن 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى (جۈمە) بولسا، بىر يىلدىن كېيىن يەنى 2014- يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ھەپتىنىڭ قايسى كۈنى بولىدۇ؟ بىر يىل بۇرۇن يەنى 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ھەپتىنىڭ قايسى كۈنى بولغان ئىدى؟

ئىزاھات: يەنە كالېندار ۋاراقلايمەن ياكى بىرمۇبىر ساناپ چىقىمەن ۋەياكى Excel دا ئىشلەپ باقىمەن دېسىڭىز، ئۈستىدىكى خۇلاسىنى يەنە بىر ئوقۇڭ، ئادەمدە ئازئازدىن بولسىمۇ، ئىلگىرلەش بولمىسا زادى بولمايدۇ.

مەن ئازىراق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەي: ئادەتتە 1 يىل 365 كۈن، كەبىسە يىلى 366 كۈن بولىدۇ، 2012-يىلى كەبىسە يىلى. ئۇنداقتا يۇقىرىقى قانۇنىيەت بويىچە ئويلىنىپ بېقىڭ.

2013-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن كېلەر يىلى يەنى 2-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە 365 كۈن بولىدۇ. 365 نى 7 گە بۆلگەندە، بۆلۈنمە 52 بولۇپ 1 قالدۇق قالىدۇ. بۇ جۈمە كۈنىدىن 1 كۈن كېيىن ھەپتىگە نەچچە بولىدۇ دېگەن ئاددىي بىر مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. جۈمە كۈنىدىن 1 كۈن كېيىنكى كۈن شەنبە بولىدۇ. شۇڭا، كېلەر يىلى يەنە 2014-يىلى (كەبىسە يىلى ئەمەس) 2-ئاينىڭ 15-كۈنى شەنبە بولىدۇ. ئالدىنقى يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇ يىل 2-ئاينىڭ 15-كۈنىگە 366 كۈن بولىدۇ، چۈنكى 2012-يىلى كەبىسە يىلى بولۇپ، 2-ئاي 29 كۈنلۈك بولىدۇ. 366 نى بۆلگەندە، 2 قالدۇق قالىدۇ. ئالدىنقى يىلىدىكى ھەپتىنى تاپماقچى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، جۈمە كۈنىدىن 2 كۈن بۇرۇنقى كۈن قايسى دېگەن ئاددىي بىر مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. جۈمە كۈنىدىن 2 كۈن بۇرۇنقى كۈن چارشەنبە بولىدۇ. شۇڭا، 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى چارشەنبە بولىدۇ.

پىروگرامما يازغاندا ئالدى بىلەن شۇ مەسىلىنى ئۆزىمىز چوڭقۇر چۈشىنىپ ، ئۇنى ئىمكانقەدەر ئاددىي بىر مەسىلىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىپ باقساق بولىدۇ. ئىزدەنمىسەك، بۇ مەسىلە يەنە شۇ پېتى تۇرۇۋېرىدۇ ، قىيىنچىلىق ھەرگىز ئاسانلاشمايدۇ. تىرىشمىساق نەتىجە پۈتۈنلەي 0 بولىدۇ، تىرىشىپ باقساق، نەتىجە پۈتۈنلەي 0 بولۇشى ناتايىن. مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغان ياخشى بىر ئىدىيە، پىروگرامما لايىھەلەش تىلىدىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

كالېندارغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنايلى، كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىشمۇ بىر دەۋرىيلىك ھەرىكەت، بۇمۇ مۇئەييەن بىر قانۇنىيەتكە بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇنداقتا شۇنداق بىر پىروگرامما تۈزۈپ چىقىڭكى خالىغان بىر چېسلانى كىرگۈزۈپ بەرسىڭىز، شۇ كۈنىدىكى كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىش ۋاقتىنى ئېنىق ھېسابلاپ بەرسۇن. ناۋادا بۇنى ھېسابلاپ چىقالىسىڭىز، يەر شارىدىكى خالىغان جاينىڭ ناماز ۋاقتىنىمۇ توغرا ھېسابلاپ چىقالايسىز. ئۇنداقتا بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىمىز؟ ئويلىنىپ بېقىڭ، تەپەككۇر قىلىڭ. جاۋابىڭىزنى ساقلاپ، داۋامىنى داۋاملاشتۇرىمەن.

ئىزاھات: ئازىراق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەي، تۆۋەندىكى رەسىمنى ۋە ئاستىدىكى فورمۇلانى چۈشەندىڭىزمۇ؟


==============
بۇ سوئال تەس كەلگەن ئوخشايدۇ، ھەممىڭلار جىمىپ كەتتىڭلار. ئەمەلىيەتتە پىروگراممېر بولغان كىشى ھەممە نەرسىنى ئۆزۈم ئويلاپ ھەل قىلىمەن دېسە، بەزىدە نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدۇ. بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە تاماملىمىسىڭىز، ئۇ نەرسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن.
يۇقىرىقىدەك نەرسىلەرنى ئۆزىمىز ئويلاپ، فورمۇلاسىنى تۈزۈپ چىقىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنداق ئاممىباب نەرسىلەرنى باشقىلار ئاللىبۇرۇن قىلىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. توردىن ئىزدىنىپ باقساقلا بولىدۇ. ھازىر قاچان كۈن تۇتۇلىدۇ؟ يەرشارىنىڭ قايسى جايىدا كۈن تۇتۇلۇشىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ؟-دېگەندەك ئىشلار ئىنتايىن ئاددىي مەسىلە بولۇپ، ئۇنىڭ تەييار ھېسابلاش فورمۇلاسى بار. ئۇنى ماتېماتىكا ئالىملىرى خېلى بۇرۇنلا ئېلان قىلغان. بىز پەقەت شۇ فورمۇلانى چۈشۈنۈپ، پىروگرامما تىلىغا ئايلاندۇرساق بولىدۇ. يۇقىرىقى 1-رەسىمدە يەرشارىنىڭ قۇياشنى ئايلانغاندىكى ۋاقىتنىڭ ئېغىش پەرقى بولۇپ، 365 كۈندە ۋاقىت ئوخشاش بولمايدۇ. 2-ئايلاردا 10 نەچچە مىنۇت ئارقىدا قالىدۇ، تەخمىنەن 11-ئايلاردا 10 نەچچە مىنۇت ئالدىغا كېتىدۇ. ئەمما بۇنى زادى چۈشىنىۋالىمەن دەپ ئۆزىڭىزنى زورلىماي، ھازىرچە پەقەت 3-رەسىمدىكى فورمۇلانى چۈشەنسىڭىزلا بولىدۇ. ئۇنى پىروگرامما لايىھەلەش تىلىدا مۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.


=========================================
ئۈچىنچى: بىرنەچچە تارماق ئىلىملەرنى پىششىق ئۆگىنىڭ

كومپيۇتېر ئىلىمىدىكى بىرنەچچە تارماقلارنى پىششىق ئۆگىنىڭ، قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى. مەسىلەن: تور، ساندان، كېلىشىم، پىروگرامما ھاسىللاش، سانلىق مەلۇمات قۇرۇلمىسى، گىرافىك، سۈنئىي ئىدراك، مەشغۇلات سىستېمىسى، ئىنتېرنېت، تور بېكەت، ھېسابلاش ئۇسۇلى (ئالگورىزىم) ۋە باشقىلار.

بۇ يەردىكى بىرنەچچە تارماقلارنى يەنە سۆزلىسەم بولاتتى، لېكىن چۈشكەن ئىنكاس بويىچە داۋاملاشتۇرىمەن. بولمىسا زېرىكىپ قالماڭلار.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى