مىكروسوفت ئاتالغۇ ئامبىرى (ئۇيغۇرچە) ئېلان قىلىندى
يانفوندا كۆرۈش
مىكروسوفت ئاتالغۇ ئامبىرى (ئۇيغۇرچە) ئېلان قىلىندى
يېقىندا ئاتالغۇ ۋە تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تەربىيەلەش ئىشلىرى بىلەن سەل ئالدىراش بولۇپ، بىلوگىمدا يېڭى تېما يېزىپ بولالمىدىم. مەن ئۈچۈن بىلوگىمدا تىل-يېزىقىمىزغا مۇناسىۋەتلىك خۇشخەۋەرلەرنى يەتكۈزۈش مۇھىم، ئەمما قىلمىغان ياكى قىلىپ بولالمىغان ئىشلارنى داۋراڭ قىلىش ياخشى ئادەت ئەمەس. بۇ ئىش مۇقىملاشقاندىن كېيىن، سىلەرگە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزمەكچى بولۇۋاتىمەن.
يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان نۇرغۇن تورداشلار كومپيۇتېر ساھەسىدە تىل-يېزىقىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشەندى. بولۇپمۇ كومپيۇتېر ساھەسىدە ئىزدىنىۋاتقانلار بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، Microsoft شىركىتى Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل ئارايۈزى بولىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، Microsoft شىركىتى يەنە ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈشتە ئىشلەتكەن (بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئىشلىتىدىغان) ئاتالغۇ ئامبىرىنى تولۇقلاپ ئېلان قىلدى. بۇ بىز ئۈچۈن يەنە بىر مۇھىم خۇشخەۋەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئاتالغۇ ئامبىرى مىكروسوفت مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن ئورتاق بولۇپ، ئىزچىللىقنى قاتتىق تەلەپ قىلىدۇ. ئۇزۇنغا قالماي يەنە تەرجىمە ئۇسلۇبى قائىدىسىنى ئېلان قىلىدۇ.
http://www.microsoft.com/language
Microsoft مەھسۇلاتلىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈشتە ئالدى بىلەن تەرجىمە ئۇسلۇبى قائىدىسى تۈزۈلىدۇ، ئاتالغۇلار تەرجىمە قىلىنىدۇ، ئاندىن ئارايۈز ئۇچۇرلىرى تەرجىمە قىلىنىدۇ، ئاخىرىدا تەرجىمە سۈپىتىنى تەرجىمە ئۇسلۇبى ۋە ئاتالغۇ تەرجىمىسى بويىچە تەكشۈرىدۇ. شۇڭا تەرجىمە ئۇسلۇبى ۋە ئاتالغۇ ئامبىرى Microsoft ئۈچۈن مۇھىم ئۆلچەم ھېسابلىنىدۇ.
سىز بۇ تور بېكىتىدە Microsoft مەھسۇلاتلىرىدا ئىشلىتىلگەن ئاتالغۇلارنىڭ 100 نەچچە تىلدىكى تەرجىمىسىنى تاپالايسىز. بۇ ئاتالغۇنى قوغداش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ئامباردا ئازدۇر-كۆپتۇر سەۋەنلىك بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ بارا-بارا تۈزىتىلىدۇ، تولۇقلىنىدۇ.