ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

3-قارارلىق تەربىيەلەشتە مەن دەرسنى قانداق ئۆتتۈم؟

3-قارارلىق تەربىيەلەشتە مەن دەرسنى قانداق ئۆتتۈم؟

ۋاقتى: 2015-01-31 ئاۋاتلىقى: 764 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۈگۈن ئىشلىرىمنى قىلىپ بولۇپ، 1 سائەت چىقىرىپ بۇ قېتىملىق تەربىيەلەشنىڭ قانداق بولغانلىقى ھەققىدە كۆپچىلىككە خۇلاسە شەكىلدە ئۇچۇر بېرىشنى لايىق كۆردۈم، بۇ يازمام 2 بۆلەككە ئايرىلىغان بولۇپ، ھازىرچە 1-بۆلەكنى كۆرگەچ تۇرۇڭلار.

1-ھەپتىدىن 3-ھەپتىگىچە: Visual Basic 2012
4-ھەپتىدىن 6-ھەپتىگىچە: ساندان بىلىملىرى؛ كومپيۇتېر دۇكىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى
7-ھەپتىدىن 8-ھەپتىگىچە: تېز تاماقخانا باشقۇرۇش دېتالى
9-ھەپتە: ئۇن زاۋۇتى باشقۇرۇش دېتالى
10-ھەپتە: لوقمان يۈك-تاق باشقۇرۇش دېتالى، رادىيو ئىستانسىسى باشقۇرۇش دېتالى
11-ھەپتىدىن 13-ھەپتىگىچە: پىراكتىكا

بۇ يىل 3-ئايدا باشلانغان 3-قارارلىق «ئۇيغۇرسوفت كەسپىي تەربىيەلەش سىنىپى» 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. بۇ 3 ئايلىق تەربىيەلەشتە دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە
ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 3 سائەت دەرس ئۆتۈش پىلانلانغان ئىدى. كېيىن دەرسنىڭ باشلىنىش ۋاقتى 8:15 كە بېكىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن مەن 8:00 گىچە سىنىپقا كېلىپ بولدۇم، 3 سائەت دېيىلگەن بولسىمۇ كۆپىنچە ئەھۋالدا 12:00 گىچە سىنىپتىن ئايرىلماي، 4 سائەت ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە بولدۇم، كېيىن چىندىل مەكتىپى بالىلارنىڭ قىزغىنلىقىنى كۆرۈپ، چۈشتىن كېيىن ئۇلارغا ئايرىم مەشىق قىلىش پۇرسىتىنى بەردى.

بۇ قېتىملىق تەربىيەلەش 3-ئاينىڭ 13-كۈنى چارشەنبە باشلانغان بولۇپ، تۇنجى سائەتلىك دەرس ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما لايىھەلەش ئىدىيەسىدىن باشلىنىپ، Visual Basic 2012 ئاساسىي بىلىملىرى سۆزلەندى. دەرسنىڭ 3-كۈنى تۇنجى پىروگرامما يېزىش مۇنداق باشلاندى. مەلۇم بىر ماشىنىنىڭ ھەر 100 كىلومېتىردىكى ماي سەرپىياتىنى قانداق ھېسابلاش ھەققىدە ئۆز-ئارا پىكىرلىشىپ، ھەل قىلىش چارىسىنى تاپقاندىن كېيىن، ئىككى تېكىست رامكىسى ۋە بىر كۇنۇپكا بىلەن بۇ مەسىلىنى ئىشلەپ چىقتۇق. كېيىن ئوقۇغۇچىلار بۇنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق خەلق پۇلى بىلەن دوللارنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرىدىغان پىروگراممىغا ئۆزگەرتىپ چىقتى. كېيىن پەيدىنپەي ئۆزگەرگۈچى مىقدارلارغا ئېنىقلىما بېرىش، تەرتىپلىك قۇرۇلما، شەرتلىك قۇرۇلما، دەۋرىيلىك قۇرۇلما قاتارلىق ئەڭ مۇھىم 3 قۇرۇلما سۆزلەندى. ھېسابلىغۇچ، ھېسابلىق تېپىشماق (توخۇ-توشقان، 100 يۈەنگە 100 توخۇ سېتىۋېلىش، مايمۇننىڭ شاپتۇل يېيىشى)، ئەلالاشتۇرۇش (مەلۇم ئۇزۇنلۇقتىكى تۆمۈرنى ئىككى خىل ئۆلچەمدە كەسكەندە، ئىمكان بار ئېشىپ قالماسلىق ياكى قالدۇقىنى ئازايتىش)…قاتارلىق تېمىلارنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن پىكىرلىشىپ، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كود ئالماشتۇرۇش، كىرگۈزگۈچ، مەخپىيلەشتۈرۈش،…قاتارلىق تېمىلارنى ئىشلەپ تاماملىدى. بۇ 2 ھەپتىلىك دەرستە ھەربىر كۇرسانت Visual Basic دىكى ئەڭ مۇھىم جايلارنى ئەمەلىي مىساللارنى بىلەن مەشىق قىلىپ، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، ھەتتا بەزىدە ماڭا ئوخشىمايدىغان ئىدىيەدە پىروگراممىنى يېزىپ چىقتى. ئوقۇغۇچىلار بىردەك ئالدى بىلەن مەسىلىنى تولۇق چۈشىنىش ۋە ھەل قىلىش چارىسىنى ئىمكانقەدەر ئۆزى تېپىش، بارلىق ئېھتىماللىقلارنى ئويلاش، ئاندىن ئۇنى مەلۇم بىر پىروگرامما تىلىغا ئايلاندۇرۇشتەك ئىش ھالقىلىرىنى ئۆز ئەمەلىيىتىدىن ئۆتكۈزدى. شۇنداق قىلىپ دەسلەپكى 2 ھەپتىدە Visual Basic ئۆگەندى.

3-ھەپتىدىن باشلاپ، جەمئىي 6 ھەپتە ساندان بىلىملىرى، باشقۇرۇش دېتاللىرى ۋە كەسپىي دېتاللارنى ياساشنى ئۆگەندى. 3-ھەپتىنىڭ تۇنجى كۈنى سانداندىكى جەدۋەللەردە ئەڭ مۇھىم بولغان ID ئۇقۇمىنى چۈشەندۈردۈم، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىراي ئىپادىلىرىدىن سەل چۈشىنىكسىز ھېس قىلغاندا، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا ئۇچۇرىنى قانداق ساقلاش ھەققىدە پىكىرلەشتۇق، Excel جەدۋىلىدىكى 1-ئىش قەغىزىگە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قەشقەر، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە شۇلارغا تەۋە بولغان ناھىيە ھەمدە ناھىيەلەرگە تەۋە بولغان يېزىلارنى كىرگۈزۈپ، بۇ ئۇچۇرلارنى ساقلىدۇق. كۈندىلىك تۇرمۇشتا يەنى نەشردىن چىققان قەغەز لۇغەتلەرنىڭ كەينىدە مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى، ئەمما كومپيۇتېردا مۇنداق ساقلاشنىڭ زۆرۈرىيىتىنىڭ يوقلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ، ۋىلايەت، ناھىيەلەرنى نومۇر ئارقىلىق ئىپادىلەپ، كېيىن بۇ نومۇرنى شۇ ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەرنىڭ كىملىكى يەنى ID دەپ ئاتايدىغانلىقىمىزنى، ئاندىن ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەرنى 2- ۋە 3-ئىش قەغىزىگە ساقلاپ، 4-ئىش قەغىزىنىڭ D ئىستونىغا يېزا ناملىرىنى كىرگۈزۈپ چىقتۇق، ئەمما ئۇ يېزا تەۋە بولغان ناھىيە ۋە ۋىلايەتلەرنى ئۇلارنىڭ كىملىكى ئارقىلىق C ۋە B ئىستونغا خاتىرىلەپ چىقتۇق، A ئىستونغا يېزا كىملىكىنى خاتىرلىدۇق. بۇنداق بولغاندا ھەر بىر جەدۋەلدە تەكرارلىنىدىغان ئۇچۇر بولمىغاچقا، ئۇچۇر ئىزدەشنىڭ تېخىمۇ تېز بولىدىغانلىقىنى، جەدۋەل ئارىسىدا بىرگە كۆپ باغلىنىشنىڭ بارلىقىنى تولۇق ھېس قىلدى، جەدۋەل ئىچىدە ئۇچۇر ئىزدەش، ئوقۇش ۋە يېزىش جەريانىدا ID ئىشلەتمەي پىروگرامما يېزىش ئۇسۇلى قاتتىق تەنقىد قىلىندى.

كېيىنكى بىرنەچچە سائەت دەرستىن كېيىن يەنە بىر خېرىدارنىڭ مەلۇم بىر كومپيۇتېر دۇكىنىدىن بىر قېتىمدا بىرنەچچە مال سېتىۋالغاندا، شۇ دۇكاننىڭ مال سېتىش تالونىغا نېمە نەرسىلەرنىڭ خاتىرىلىنىدىغانلىقىنى ئۆز-ئارا پىكىرلەشتۇق. بۇنى ھەقىقەتەنمۇ 2 جەدۋەل ئارقىلىق خاتىرىلىگەندە بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. جەدۋەل ئارىسىدىكى بىرگە بىر، بىرگە كۆپ مۇناسىۋەت شەكلىنى ھېس قىلىپ، مال سېتىش ۋە مال سېتىش تەپسىلاتى قاتارلىق 2 جەدۋەلنى ئېنىقلاپ، خاتىرىلىنىدىغان سانلارنى مىسال ئارقىلىق تولدۇرۇپ، كېيىن ئۇنى Access ساندانىغا ئايلاندۇرۇپ چىقتۇق، كېيىن مەن تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ بەرگەن تەييار تۈر(Class)نى ئىشلىتىپ Access ساندانىغا ئۇلاپ، جەدۋەلدىكى مەلۇماتلارنى پىروگرامما يۈزىگە ئوقۇپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بارا-بارا SQL جۈملىلىرى سۆزلەندى. بۇلارمۇ ئالدى بىلەن شۇ يۇمشاق دېتالدىكى مەلۇم بىر ئىقتىدارنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندا، شۇنىڭغا لايىق SQL جۈملىسى سۆزلىنىپ، ئۇنىڭ ئىجرا نەتىجىسىنى كۆردى. كۇرسانتلار بۇلارنى ھەرخىل ئۆزگەرتىپ سىناپ كۆردى. مەلۇم كونتروللارمۇ ئارايۈزگە لازىم بولغاندا، ئاندىن ئۇلارنىڭ خاسلىقلىرى ۋە ھادىسىلىرى سۆزلەندى. قۇرۇقتىن قۇرۇق SQL جۈملىسى ياكى بىكاردىن بىكار كونتروللار بىرباشتىن سۆزلەنمىدى، پەقەت شۇ دېتالنى ياساش داۋامىدا شۇنداق ئېھتىياج چۈشكەندە شۇنىڭغا مۇناسىپ SQL جۈملىسى ۋە كونتروللار سۆزلەندى.

شۇنداق قىلىپ كېيىنكى 3 ھەپتىدە ساندان بىلىملىرىدىن باشلىنىپ، كومپيۇتېر زاپچاسلىرىنى توپ-پارچە ۋە نەق-نېسى كىرگۈزۈش؛ خېرىدارلارغا پارچە ۋە توپ، نەق ۋە نېسى مال سېتىش؛ پۇل ۋە ئامبار قالدۇقىنى ھېسابلاش؛ بارلىق ئۇچۇرلارنى (مال نامى، خېرىدار، مال تەمىنلىگۈچى ئورۇن، ۋاقىت،…قاتارلىق) تۈرلەر بويىچە ئىستاتىستىكا قىلىش؛ مەلۇمات گىرافىكىنى سىزىش؛ بېسىپ چىقىرىش قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلار 0 دىن باشلاپ تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ سۆزلەندى. ساندانغا مۇناسىۋەتلىك دېتاللارنى قانداق ياساش ھەققىدە مۇھىم چۈشەنچىلەرگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ماڭا ئەگىشىپ كود يېزىپ بۇ دېتالنى ئاساسەن تاماملاپ چىقتى. بۇ ئىشلارغا 5 ھەپتە ۋاقىت كەتتى.

ئۇنىڭدىن كېيىن 2 ھەپتىدە تېز تاماقخانا باشقۇرۇش، ئۇن زاۋۇتى باشقۇرۇش دېتالىنى ياساشتىن بۇرۇنقى ئىشلار تەھلىل قىلىندى. بۇ دېتالنىڭ ئاۋۇ دېتالغا قارىغاندا سەل ئاددىي ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشتى، چۈنكى بۇ دېتال مېھمان باشلاش، تاماق يېزىش، ھېسابات قىلىش، ئۈستەل ئالماشتۇرۇش،…قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە بولۇپ، ئىش ھالقىلىرى مال كىرگۈزۈش، مال سېتىش ۋە ئامبار قالدۇقىنى ھېسابلايدىغان دېتالدىن كۆپ ئاددىي ئىدى. ئەمما بۇ سىستېمىدا سانداننى مۇلازىمىتېرغا قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندۈرۈپ، ساندان ئۈچۈن SQL Server 2008 نى ئىشلەتتۇق. دۆلەت ئىچىدىكى تاماقخانا باشقۇرۇش دېتالىدىن بىرنەچچىنى تەھلىل قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئاشخانىلىرىغا ماس كېلىدىغان ھالەتتە لايىھەلەپ چىقتۇق. سانداننى قۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، مەن يەنە زۆرۈر ئىقتىدارلارنى تاماملاپ بەردىم، ئېكران كۆرۈنۈشلىرىنى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆركەم قىلدۇق. ئەمما پىراكتىكا باسقۇچىدا ساۋاقداشلار بۇنى تېخىمۇ ئېسىل لايىھەلەپ چىقتى. ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىۋاتقان ئىدى.

ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر ھەپتىدە ئۇن زاۋۇتى، ئاندىن يەنە ئۇيغۇرسوفتنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىلىۋاتقان يۇمشاق دېتاللىرىدىن لوقمان يۈك-تاق تارقىتىش دېتالى، رادىيو ئىستانسىسى يۇمشاق دېتالىنىڭ ئەسلىي كودىلىرىنى بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ چىقتىم. بۇنى كېيىنكى يازمامدا يازاي.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى