ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

زادى بۈگۈنمۇ ياكى ئەتىمۇ؟

زادى بۈگۈنمۇ ياكى ئەتىمۇ؟

ۋاقتى: 2015-01-31 ئاۋاتلىقى: 673 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھازىرقىدەك نازۇك كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرى، ئىلغار ھېسابلاش قورالى بار بۇنداق دەۋردە ئاددىي ئاسترونومىيەلىك ھادىسىسى بولغان كۈن چىقىش، كۈن پېتىش، شۇنداقلا ئاي كۆرۈنۈش، ھەتتا قايسى جايدا، قانداق شەكىلدە كۆرۈنۈش دېگەندەك مەسىلىلەر ئىختىلاپ قىلغۇدەك مەسىلە بولماسلىقى كېرەك ئىدى.

كالېندار يوق زاماندا ئاسماندا كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇزلار بار ئىدى (ئەلۋەتتە باشقا نەرسىلەرمۇ بار). مىلادىيە كالېندارى كۈننى ئاساس قىلسا، ھىجرىيە كالېندارى ئاينى ئاساس قىلىدۇ. شۇڭا، بۇنداق ئىشلاردا كالېندارنى ئاساس قىلىش توغرا ئەمەس، پەقەت قوشۇمچە پايدىلانساق بولىدۇ، چوقۇم ئاينى كۆرۈپ ئاساس قىلىش كېرەك. كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇز، شۇنداقلا جاھاندىكى ھەممە شەيئىي مۇئەييەن قانۇنىيەتكە بويسۇنىدۇ. ئۆز مەنزىلىگە قاراپ سەيلە قىلىدۇ. ئەمما، ھازىرقى زاماندا بۇنداق قانۇنىيەتلىك نەرسىلەرنى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن كومپيۇتېردا پىروگرامما يېزىپ ھېسابلاش بەكلا ئاددىي ئىش (مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى كەسپىم دەل مۇشۇ)، بۇنداق نەرسىلەرنى ھېسابلايدىغان باشقىلار ياساپ چىققان تەييار يۇمشاق دېتاللارمۇ بەك كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسماندا ئايلىنىۋاتقان سۈنئىي ھەمراھلارغا ئورنىتىلغان كامېرا ئارقىلىق بۇنداق ھادىسىلەرنى ئىنتايىن كىچىك خاتالىق پەرقى بىلەن كۆزىتىشكە ۋە ھېسابلاشقا تامامەن مۇمكىن (ئەمما، بۇ توغرىسىدا يەنە ئىختىلاپ قىلىمەن دېسىڭىز بۇ تېمىنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇماڭ). بۇنداق ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا ياسالغان، ئالقىشقا ئېرىشكەن تەييار خەرىتە يۇمشاق دېتاللىرىمۇ بار. مەسىلەن: google earth, google skymap،…دېگەندەك. (ماڭا ئەڭ يارايدىغىنى Windows دۇكىنىدىكى 星图 دېتالى، بۇنىڭدا 9-چېسلا كەچتە ئاينىڭ قانداق شەكىلدە ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز) ياكى بۇنداق مەلۇماتلار بەزى نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنىدۇ. ئەمما بۇلارنىمۇ قوشۇمچە ئاساس قىلىسىز.

مېنىڭ بۇ يەردە نەق دېمەكچى بولغىنىم، مۇشۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە بەزى تورداشلارنىڭ بۇنداق مەلۇماتلارنى نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن ئىزدەپ باقماي، پەرەزگە ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. ئەڭ مۇھىمى شەخسلەر بىلەن ھۆكۈمەت قۇرغان تور بېكەتلەرنى ئايرىپ بولالماسلىقى مېنىڭ بۇ تېمىنى يېزىشىمغا سەۋەبچى بولدى. بەزىلەر تور ئادرېسىنىڭ ئاخىرى org ياكى net بولغان تور بېكەتلەرنى ھۆكۈمەت تور بېكىتى دەپ قارايدىكەن. سەئۇدىي ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تور بېكىتىنى كۆرمەكچى بولساڭلار، تور ئادرېسىنىڭ ئاخىرىغا gov.sa كېلىدۇ (يەنى ھۆكۈمەت چېكىت سەئۇدىي ئەرەبىستان). مەن پەقەت بۇ يەردە بىر-ئىككى ھۆكۈمەت تور بېكىتىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن، ئەمما باشقا ئىشلارنى مەن بىلمەيمەن، تورداشلارنىڭ ئۆزى پىكىر قىلىپ ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

سەئۇدىي ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورگان تور بېكىتى

سەئۇدىي ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورگان تور بېكىتى (ئەرەبچە)

سەئۇدىي ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورگان تور بېكىتى

سەئۇدىي ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورگان تور بېكىتى (ئەرەبچە)

مەن بۇ يەردە پەقەت شەخسلەر قۇرغان تور بېكەت بىلەن ھۆكۈمەت قۇرغان تور بېكەتلەرنى قانداق پەرقلەندۈرۈش ھەققىدە سۆزلىدىم، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق نەرسىنى خۇلاسە قىلمىدىم ھەم قىلالمايمەن، ئارتۇق پىكىر يېزىپ يۈرمەڭلار، پىكىر قىلىش تورداشلار ئۆزۈڭلارغا قالدى.
===========

مانا بۈگۈن يەنى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى (پەيشەنبە) سەئۇدىي ئەرەبىستاندىمۇ شەۋۋال ئېيى كىردى، يەنى 7-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا دەل 30 كۈنلۈك روزا توشۇپ، 31-كۈنى يەنى شەۋۋال ئېيىنىڭ 1-كۈنى روزا ھېيت بولدى. سەئۇدىي ئەرەبىستاندىمۇ بۈگۈن (8-ئاينىڭ 8-كۈنى) روزا ھېيت بولدى.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى