ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

غۇلجىغا سەپەر

غۇلجىغا سەپەر

ۋاقتى: 2015-01-31 ئاۋاتلىقى: 1020 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

10 نەچچە كۈن ئىلگىرى ئاتا-ئانام ۋە ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ، ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، مايتاغ، جىڭ، سايرام، غۇلجا، نارات قاتارلىق جايلارنى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىپ كەلدىم. بۇ قېتىمقى 4 كۈنلۈك سەپەردە جەمئىي 1650 كىلومېتىر يول يۈرۈپتىمەن، يول يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپتىمەن، ھەربىر جايلاردا ئارام ئېلىپ، گۈزەل مەنزىرلەرنى قانغۇچە كۆردۇق. ھەقىقەتەن چىرايلىق جايلار كۆپ ئىكەن.

ساياھەت خاتىرىسى يېزىشتىن ئىلگىرى تۆۋەندە ئۆزۈم تارتقان بىر قىسىم سۈرەتلەرنى يوللاپ تۇردۇم. بۇ سۈرەتلەردىن كۆرگەچ تۇرۇڭلار.


ئۈرۈمچىدىن چۈشتىن كېيىن 4:00 دە يولغا چىقىپ، (گۈزەل سايرام مەنزىرىسىنى كۈندۈزى كۆرىمىز دەپ) مايتاغدا بىر ئاخشام قوندۇق، مەن ماشىنا ھەيدىگەچ مۇشۇ يېشىمغىچە غۇلجىغا بېرىپ باقمىغان دېسەم، ئاتا-ئاناممۇ دەرھاللا ھېلىغۇ سەن ئىكەنسەن، بىزمۇ مۇشۇ يېشىمىزغىچە بېرىپ باقمىغان دېدى. ھەقىقەتەن بېرىپ باقمىغان جايلارغا بارسا، يولمۇ زېرىكىشلىك ھەم جاپا بىلىنمەيدىكەن. كۆز ئالدىمغا پات-پاتلا غۇلجىدا ھەممە ئادەملەر چاقچاق قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر كېلىپ تۇراتتى. بەزىدە ھېسام ئاكىنىڭ يومۇرلىرىنى دەپ كۈلدۈرۈپ ماڭدىم.


ئۈرۈمچىدىن قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ 600 كىلومېتىر ماڭغاندا سايرام كۆلىگە يېتىپ كېلىدىكەنمىز. دەسلەپتە ئۈرۈمچى سۇ ئۈستى باغچىسىدىكى كۆلدىن سەل چوڭدەك تەسىر بەرگەن ئىدى، ئەمما نەچچە 10 مىنۇت ماشىنا ھەيدەپ ماڭساقمۇ، بۇ كۆلدىن چىقىپ كېتەلمىدۇق، كېيىن توردىن تەكشۈرۈپ باقسام، سايرام كۆلى شەرقتىن-غەرپكە 30 كىلومېتىر كېلىدىكەن. ھەقىقەتەنمۇ بەك چوڭ ئىكەن.


سايرام كۆلى راستتىنلا چىرايلىق ئىكەن، سۇ بەك سۈزۈك بولغاچقا، ئاستىدىكى تاشلارمۇ بەك ئېنىق كۆرۈنىدىكەن. بۇنداق چىرايلىق تەبئىي مەنزىرلەرگە كۆز تەگمىسۇن.


ماۋۇ تۈۋرۈكلەرنىغۇ سالغاندۇ؟ ئۈستىدىكى پولات چىۋىقلارنى قانداق چىڭ باغلاپ بولغاندۇ-دەيمەن. كېيىن يەنە ئاستىنقى ۋە ئۈستۈنكى دەپ 3 قەۋەت سالسىمۇ بولغۇدەك سېلىپتۇ، قارىغاندا بۇ 1.0 نەشىرى ئوخشايدۇ. بارىكاللا.


كۆۋرۈك بولار مۇشۇنداق بولار، ئەتراپتىكى تاغلارنى ۋە قارغايلارنى بۇزماي تۇرۇپ، بۇنداق كۆۋرۈك سېلىش ھەقىقەتەن ئاسان ئىش ئەمەس. مەيلى كىم سالسا سالسۇن، بەك چىرايلىق يارىشىپتۇ.


ھەيۋەتلىك «ئىلى دەرياسى» كۆۋرۈكى كېچىسى تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىدىكەن، دەريا بويى سالقىن بولغاچقا كەچتە كېلىدىغانلارمۇ بەك كۆپ ئىكەن.


ئۈرۈمچى قىزىلبايراق يولىدىن يىراقلاشتىم دېسەم، غۇلجىغا كەلسەممۇ بۇ يەردە بىر قىزىلبايراق يولى بار ئىكەن، كەچتە قىزىلبايراق مېھمانخانىسىغا چۈشتۇق، پاكىزە ۋە ئازادە ئىكەن، مۇھىتى بولىدىكەن، كەينىدە يەنە ماشىنا توختىتىش مەيدانى بار ئىكەن، ئەتراپتا ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى تاماقخانىلىرى بار ئىكەن. ئالدى تەرەپ خەلق مەيدانى ئىكەن. ئەمما بىز غۇلجا خەلقى بولمىغاچقا، ئۇ مەيدانغا كىرگۈزمەي قالارمۇ دەپ بېرىپ باقمىدۇق.


مانا بۇ بىنانىمۇ ئۇيغۇر ھاجىم سالغان بىنا دەيدۇ. ئۇيغۇرلار توپلاشقان بازارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىكەن. غۇلجىدا مۇنداق بايلار بەك كۆپ دەيدۇ. بۇ يەردىن ئوڭغا ئەگىلىپ ئازىراق ماڭساق، بەيتۇللا جامەسىگە كېلىدىكەنمىز.


ھېسام ئاكىنىڭ ئۆيى مۇشۇ ئەتراپتا دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، بۇ يەرنى 10-رايۇن دەپ ئاتايدىكەن. ئەتراپتىكى دۇكان ئاچقانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇرلار ئىكەن.


بىر دەسسەپ، ئىككى دەسسەپ تۆت كوچا دوقمۇشىدىكى بەيتۇللا مەسچىدىنىڭ ئەزان مۇنارىغا كېلىپ قاپتۇق.


ئەمما راست گەپنى ئېيتقاندا مەسچىد ئالدىدىكى بۇ كونا قۇرۇلۇش مەسچىدنى سەل توسۇۋالغاندەك قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭ ئالدىغا «بەيتۇللا جامەسى ئەزان مۇنارى» دەپ يېزىپ قويۇپتۇ. بۇ بەلكىم بۇرۇنقى كونا مەسچىدكە تەۋە قۇرۇلۇش ئوخشايدۇ.


غۇلجىدىكى بەيتۇللا مەسچىدى، ھەقىقەتەن ھەيۋەتلىك ۋە چىرايلىق ئىكەن. بۇ رەسىمنى «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىغا ئەۋەتسەم بولامدۇ-نېمە؟ سۈرۈشتە قىلسام، بۇ مەسچىدنى ژۇرنالغا بېرىپ بولغان دەيدۇ، ئۇنداقتا مۇشۇنچىلىك رەسىمگە تارتاي. بىز مەسچىد ئالدىدا كىرا ماشىنىسىغا چىقايلى دېسەك، 5 ئادەم پېتىشمىغۇدەكمىز، 2 ماشىنىغا بۆلۈنۈپ ماڭايلى دېسەك، غۇلجىدا يۈتۈپ كەتمەيلى، كېيىن ئادەم ئىزدەش ئېلانىغا چىقىپ كەتمەيلى دېدۇق. قانداق قىلساق بولار دەپ غەم قىلىپ تۇرساق، ئالدىمىزغا 3 چاقلىق موتوسىكىلىت كەلدى. بۇ تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟ غۇلجا دېگەننى ئۈستى ئوچۇق ساياھەت قىلمامدۇق دەيمەن.


بىز ئايلىنىپ غۇلجا شەھىرى ئايدۆڭ 5-كوچىدىن ئۆتتۇق، ئەمما غۇلجىدا ئۆيلەرنى سىرلاش ئۈچۈن ئاساسەن مۇشۇنداق كۆك رەڭلىك سىر ئىشلىتىكەن. بۇ يەردە باشقا رەڭدىكى سىرلارنىڭ بازىرى كاسات ئوخشايدۇ.


نۇرتاي ھاجىمنىڭ يىتىملار مەكتىپى مۇشۇ ئىكەندە. ھېسام ئاكىنىڭ مەرھۇم تۇردى ئاخۇنغا چاقچاق قىلىپ، «كۈنۈڭنى ئالالماي قالساڭ نۇرتاي ھاجىمنىڭ يېنىغا كەتمەمسەن» دېگەن چاقچاق پاراڭلىرى كۆز ئالدىمىزغا كەلدى. تۇردى ئاخۇن ھەقىقەتەنمۇ غۇلجا چاقچاقچىلىرىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ۋەكىلى ئىدى، ئەمما تەقدىر شۇنداق ئوخشايدۇ، بىزدىن بالدۇر كېتىپ قالدى.


غۇلجا شەھىرىگە بارسىڭىز، ھەممە ئادەم مۇشۇنداق كۈلۈپ تۇرىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ. ئىلى دەريا كۆۋرۈكىگە كۈندۈزى كەلدۇق. ئاۋۇ كىراكەش ئۇستامغا بىر لەتىپە دەپ بەرسىڭىز، كىرا ھەققىڭىزگە يەنە ئۈرۈم پۇل بېرىمەن دېسەم، بىر كۈنى ھېسامكام دەپ باشلاپلا كەتتى. ھەممىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق. قارىغاندا ئۈرۈم-چۈرۈم بەرمىسەك چاقچاق قىلمايدىغان ئوخشايدۇ. ھەربىر كۈنىمىزنى مۇشۇنداق خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشكە نېسىپ قىلغاي.


شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشىم نەسىرۇللا، ھازىر خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدە ئىشلەيدۇ. بىز نەسىرۇللانىڭ باشلىشى بىلەن نۇرغۇن جايلارنى ساياھەت قىلدۇق. ساۋاقداش دېگەن يەنىلا باشقىچە.


بۇ رەسىمىگە قاراپ، نېمىلەرنى خىيال قىلىپ كەتكەندۇ-ھە؟ ياكى ئانا يۇرت، ئويغانغان زېمىن رومانىدىكى غەنى باتۇرنىڭ ئىش ئىزلىرى ئېسىگە كېلىپ قالغانمىدۇ؟ چوڭلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلمەك تەس.


بايا بىرسى ئالىم مۇئەللىمنىڭ غۇلجىدىكى ساۋاقدىشىنىڭ ئۆيى نېمەدېگەن كەڭرى، شىركەت ئاچمىغان بولسىمۇ مۇشۇنداق ئېسىل ئۆيلەردە ئولتۇرىدىكەن، غۇلجا خەلقىدە بايلار كۆپ ئوخشايدۇ دەپ ئۇچۇر ئەۋەتىپتۇ. ھەي مەنمۇ بۇ رەسىمگە بالدۇرراق چۈشەندۈرۈش يازماپتىمەن. ئەمما مەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ، ھەتتا باشقا كىشىلەرنىڭ مەنىۋى ۋە ماددىي جەھەتتىمۇ تەڭ باياشات ئۆتۈشىنى تىلەيمەن. (بىز ھەممىمىز بىر سىنىپتا ئوقۇغان) بۇ ئەر-ئايال ساۋاقدىشىم بىزنى غۇلجىدىكى ئېسىل ۋە ھەشەمەتلىك تېز تاماقخانىغا باشلاپ مېھمان قىلدى. تاماقلىرى ھەقىقەتەنمۇ بەت تەملىك ئىكەن.


بۇ يەرگە قارايدىغانلار چوڭ ياشلىق ئايال سادىر پالۋان قوشاقلىرىنى يادلاپ بەرسىڭىز، پۇل ئالمايمەن دەپ چاقچاق قىلدى. قىزىم شۇنىڭ بىلەن سادىر پالۋان قوشاقلىرىدىن ئىككى كوپلېت يادلاپ بەردى، ئەمدى مەندىن يېرىم بېلەت ئالامدىغاندۇ؟ ياكى مېنى ھەقسىز كىرگۈزەمدىغاندۇ؟ دەپ ئويلىنىۋاتىدۇ.


بۇ بالىلارنى سادىر پالۋان بوۋىمىزنىڭ ئەۋرىلىرىمىكىن دەپ قالماڭ. بۇ يەرنى ئەمدى داۋاملىق ئاچالمايدىكەنمىز، تاقىلىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ، كۆچۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز دەيدۇ.


بۇنداق رەسىمگە تارتىشنى بىلگەن بولسام، ئاپامغا رەسىم ئاپپاراتنى بەرمەسكەنمەن، بىزنى بەك كىچىك تارتىپ قويۇپتۇ، لوپا ئەينەك بىلەن كۆرمىسەم ئۆزەمنى تاپالمىدىم. قارىغاندا ئاپامنىڭ كۆزىگە بىزدىن ئاۋۇ مەنزىرلەر تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈنگەن ئوخشايدۇ، مەنزىرلەرنى پۈتۈن تارتىپتۇ.


چۆل كېمىسى دەپ تەرىپلىنىۋاتقان، چۆللەردە ياشايدىغان بۇنداق تۆگىلەرنى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا كۆرسەك ھەيران قالىدىكەنمىز. قارىغاندا ئوخشاش ئىكەنمىز، تۆگە ۋە قويلارمۇ بىزنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. بىز تار يولدا ئۇچراشقان رەقىبلەردەك بىردەم تۇرۇشۇپ قالدۇق. ماۋۇ رەسىمگە ئوبدان قارىساڭلار، قويلار ئالدىدىكى بۇ تۆگىدىن بىرەر شەپە ئاڭلاپلا قالسا، كەينىگە قاراپ قاچىمىز دەپ تەييارلىنىۋاتقاندەك تۇرامدۇ-نېمە؟


مەن كىتابلاردىن تۆگىگە يولۇققاندا ھەرىكەت قىلماي جىم تۇرساق، ئۇلار بىزگە چېقىلمايدۇ دەپ كۆرگەن، قارىغاندا بۇ تۆگىمۇ شۇ كىتابنى ئوقۇپ باققان ئوخشايدۇ. بىزدىن ئېھتىيات قىلىپ، يول بويىنى بويلاپ ئۆتۈپ كەتتى.


ئالىم مۇئەللىم توردىكى رەسىملەرنى يوللاپتۇ دەپ قالماڭلار، ئادەتتە بۇنداق رەسىملەرنى مەن رەسىملىك ژۇرناللاردىن كۆرەتتىم، ئەمما ناراتتىن مايتاغقا قاراپ ماڭغاندا، بۇ يەردە دەل شۇنداق مەنزىرىنى كۆردۇق. بۇ يەرگە چۈشۈپ ئۆتمەي، كېتىپ قالساق پۇشايماندا قالمايلى دېيىشتۇق، بۇ يەردە 1-2 سائەت ئارام ئالدۇق. ئوخشىغان ئەتكەن چاي ئىچتۇق. بۇ قازاق ئەر-خوتۇنلارمۇ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن مېھمان قىلدى. قازاقچە يۇمشاق دېتاللارغىمۇ يەنە كۈچەپ قوياي جۇمۇ، بىز دېگەن قېرىنداش مىللەت تۇرساق.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى