ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۇيغۇرسوفت تاماقخانا باشقۇرۇش دېتالى

ئۇيغۇرسوفت تاماقخانا باشقۇرۇش دېتالى

ۋاقتى: 2015-01-31 ئاۋاتلىقى: 730 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

3-قارارلىق ئۇيغۇرسوفت كەسپىي يۇمشاق دېتال تەربىيەلەش سىنىپىدا ساۋاقداشلارنىڭ تەلىپى بويىچە بىر ھەپتە يەنە تاماقخانا باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى ھەققىدە توختالغان ئىدۇق، بىز كۆپچلىك بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى تاماقخانا باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالىنىڭ ئىقتىدارىنى تەھلىل قىلىپ، دىيارىمىزدىكى تېز تاماقخانىلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان ئومۇمىي لايىھەنى بېكىتكەن ئىدۇق، كېيىن مەن ھەرقايسى ئىقتىدارلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا زۆرۈر بولغان نەزەرىيەۋى بىلىملەرنى چۈشەندۈرۈپ، ئاندىن ئۇنىڭ كودىنى يېزىپ، قۇرمۇقۇر چۈشەندۈرۈپ چىقتىم، كېيىن گۇرۇپپىلارغا ئايرىپ، ساۋاقداشلارغا تاماقخانا، ئۇن زاۋۇتى، كومپيۇتېر دۇكىنى،…قاتارلىق بىرنەچچە كەسپىي دېتالنى تاپشۇرۇق بەرگەن ئىدىم. بۇ دېتالنىڭ ئاساسىي بىر ھەپتىدە تەييار بولۇپ، ساۋاقداشلار ئۆزلىرى قول سېلىپ ئىشلەپ، يەنە بىر ھەپتىدە ئىشلىتىشكە بولىدىغان ھالەتكە يەتكەن ئىدى. ئوقۇش تاماملانغاندىن كېيىن بىر قىسىم ساۋاقداشلار ھازىر ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال بۆلۈمىدە يۇمشاق دېتال ئىشلىرىغا قاتنىشىۋاتىدۇ. مانا ھازىر بىرنەچچە كەسپىي دېتال مۇكەممەللىشىپ، ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ساۋاقداشلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي ئۇيغۇرسوفتنىڭ رەسمىي غوللۇق خادىمىغا ئايلىنىشىدا ئۈمىد ناھايىتى زور. ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ يۇمشاق دېتال زاكاز قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

ئالدى بىلەن تاماقخانا دېتالى ھەققىدە چۈشەنچە بېرەي، ھازىر دىيارىمىزدىكى ئاشخانىلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى مۇنداق:
خېرىدارلار ئاشخانىغا كىرىپ، بوش ئۈستەلگە جايلاشقاندىن كېيىن، مۇلازىمەتچى خادىملار ئارقىلىق تاماق زاكاز قىلىدۇ، زاكاز تالونى ئارقا سەپتىكى ئۇستاملارنىڭ ئالدىدىكى پىرىنتېردا بېسىلىدۇ. ئۇستاملار تالوندىكى تاماقلار بويىچە تاماقنى تەييار قىلىدۇ. مۇلازىمەتچى زاكاز تالونى بويىچە تاماقلارنى شۇ خېرىدارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىدۇ.

بۇ يۇمشاق دېتالدا ھازىرقى تاماقخانىلار ئەڭ زۆرۈر بولغان ئىقتىدارلار تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، خوجايىن ھەرقانداق ۋاقىتتا تاماق تۈرى ۋە ئۈستەل بويىچە كىرىم ئەھۋالى، شۇنداقلا خام ماتېرىيال، خادىملارنىڭ مۇئاشى، ئۆي ئىجارىسى بويىچە چىقىملارنى ئېنىق بىلىپ تۇرالايدۇ. مەسىلەن: كۈندىلىك، ھەپتىلىك، ئايلىق، پەسىللىك،…ئىستاتىستىكا ئەھۋالىغا ئاساسەن قايسى ئۈستەلدە، قانداق تاماقلارنىڭ كۆپ سېتىلغانلىقىنى، قايسى ئۇستامنى مۇكاپاتلاشنى، قايسى تاماق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، قايسى ئۈستەلگە بەكرەك دىققەت قىلىشنى، قايسى ۋاقىت بۆلىكىدە قانداق تاماقلارنىڭ كۆپ سېتىلىدىغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق ئادەتتە ھەركۈنى تەخمىنەن قانچىلىك گۆش، ئۇن، ماي، كۆكتاتلارنىڭ لازىم بولىدىغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق قانداق تەييارلىق قىلىشنى ئېنىق بىلەلەيدۇ. ئەگەر تاماقخانىدىكى مۇلازىمىتېر ئىنتېرنېتكە ئۇلانسا، خوجايىن خالىغان جايدا تۇرۇپ، تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر ۋە كومپيۇتېر قاتارلىق ھەرقانداق تۈردىكى كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق يىراقتىن نازارەت قىلالايدۇ.

ئېكران كۆرۈنۈشلىرى

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى