ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يەنە يېڭىلاندى

«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يەنە يېڭىلاندى

ۋاقتى: 2015-01-31 ئاۋاتلىقى: 1294 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» دېتالىنىڭ تۇنجى نۇسخىسى 1999-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 1997-يىلى يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان ئىملا قائىدىسى بويىچە ياسالغان ئىدى، بۇ دېتال MS-DOS مۇھىتىدا بېيدا فاڭجېڭ، سەنلى،…قاتارلىق مەتبەئە سىستېمىلىرىدا كىرگۈزۈلگەن تېكىستلەرنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ بېرەتتى. كېيىن يەنە Windows مەشغۇلات سىستېمىسىغا يېڭىلىنىپ، Microsoft Word مۇھىتىدا ئەلكاتىپ كىرگۈزگۈچتە كىرگۈزۈلگەن ھۆججەت-ماقالىلەرنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرىدىغان ۋە توغرىلايدىغان ئىقتىدارلار قوشۇلدى.

«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالى دۇنيادىكى باشقا تىللارنىڭ كوررېكتورلۇق يۇمشاق دېتالىغا ئوخشاش مۇنداق ئۇسۇلدا ئىملا تەكشۈرىدۇ.
تەكشۈرمەكچى بولغان تېكىستلەرنى سۆزگە پارچىلاپ، ھەربىر سۆزنى سۆزلۈك ئامبىرىدىن ئىزدەپ، تېپىلمىسا گۇمانلىق سۆز دەپ بېكىتىدۇ. ھەربىر گۇمانلىق سۆزنى ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرىدىكى سۆزلەرگە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بىر ياكى بىرنەچچە ھەرپنىڭ چۈشۈپ قېلىشى، ئارتۇق يېزىلىپ قېلىشى ياكى ئالمىشىپ قېلىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقلىرىنى بايقاپ، ئىملاسى توغرا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان سۆزلەرنى نامزات سۆز قىلىپ بېكىتىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەر بۇ نامزات سۆزلەردىن ئەڭ مۇۋاپىق بولغان بىر سۆزنى تاللاپ ئىملا تۈزىتىدۇ، ناۋادا ئىملادىكى خاتالىق ئېغىر بولسا (يەنە ئاساسىي ئامباردىكى ئەڭ يېقىن كېلىدىغان سۆزگە نىسبەتەن ئوخشاشلىق نىسبىتى %60 دىنمۇ تۆۋەن بولسا)، نامزات سۆزلەرنى كۆرسەتمەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئىملا لۇغىتى ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، بۇ سۆزنىڭ ئىملاسىنى ئۆزى توغرىلايدۇ. ئەمما بۇنداق ئېھتىماللىق ئادەتتە %5 دىن تۆۋەن بولىدۇ.

ئىلگىرى پەقەت 80 مىڭغا يېقىن سۆزلۈك ئامبىرىنى ئىشلىتەتتى، كېيىن 2003-يىلى 3-ئايدا كەلگەندە 180 مىڭغا يېقىن سۆزلۈككە يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن سۆزلەرنى يەنىلا گۇمانلىق سۆز دەپ قارايتتى. شۇ يىلى 4-ئايدا «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى»نىڭ پىنسىيۇنېرى 40 يىللىق كوررېكتورلۇق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە ئىلياس رەھىمى ئاكا 3 قېتىم كۆرۈپ بەردى ۋە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەردى. شۇنداق قىلىپ «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالىنىڭ 3-نەشرىدە زور ئىلگىرىلەشلەر بولدى. مەسىلەن: ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش، ئىملا تەكشۈرۈش دوكلاتى،…دېگەندەك. ئەمما 2006-يىلى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى. شۇنىڭ بىلەن «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نى داۋاملىق ياخشىلاش، سۆزلۈك ئامبىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىش خىزمىتىمۇ رەسمىي توختىتىلدى. جەمئىيەتتە ئىملا قائىدىسى ئۆزگىرىدىكەن دېگەن پاراڭلار تارقالغاندىن كېيىن، بۇ مەھسۇلاتىمىزغا بولغان ئېھتىياج تۆۋەنلەپ كەتتى، كېيىن بىزمۇ سېتىشنى رەسمىي 3-4 يىل توختاتتۇق.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىملا قائىدىسى 2009-يىلى 10-ئايدا رەسمىي ئېلان قىلىندى، بىر قىسىم مەتبۇئاتلار 2010-يىلىدىن باشلاپ سىناپ ئىشلەتتى، بىزمۇ ئىملادىكى يېڭى ئۆزگىرىش بويىچە «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ ئىملا ئامبىرىنى قايتىدىن توغرىلاپ چىقىپ، يېڭى سۆزلەرنى داۋاملىق قوشۇپ، 250 مىڭغا يەتكۈزدۇق. كېيىن يەنە گىرامماتىكىلىق قائىدىلەر بويىچە ئىسىم ۋە پېئىلارنى ئاپتوماتىك تۈرلەپ 50 مىليونغا يېقىن سۆزلۈك ھاسىل قىلدۇق. ئەمما ھەقىقىي تېكىستلەردە بۇنداق سۈنئىي تۈرلەنگەن (توكتا چىققان) سۆزلەر %99 ئىشلىتىلمەيدىكەن، سۆزلەرنىڭ كۆپ بولۇشى كوررېكتورلۇق يۇمشاق دېتالىنىڭ ھالقىلىق ئىقتىدارى بولالمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن قولۇمدا بار بولغان بارلىق ھەقىقىي سۆزلۈك ئامبىرىنى قايتىدىن توپلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، 23 مىليونغا يېقىن ھەقىقىي سۆزلۈك ئامبىرىغا ئېرىشتىم، سۆزلەرنىڭ تەكرارلىقىنى ھېسابلاپ كۆرسەم، تەكرارلانمىغان 367741 سۆزلۈك قالدى. بۇلارنىڭ ئىملاسى يېڭى ئىملاغا ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ 250 مىڭ سۆزلۈك ئاساسىي ئامبىرىغا كىرگۈزۈلمىگەن سۆزلەرنىڭ سانى 29120 ئىكەن (23 مىليونغا يېقىن سۆزلەر ئىچىدىن يېڭىدىن قوشۇلغان سۆزلەر 30 مىڭغىمۇ يەتمىدى يەنى %99.87 سۆزلۈك ئامبىرىمىزدا بار دېگەن گەپ). 2013-يىلى 10-ئايدا «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ سۆزلۈك ئامبىرى 280 مىڭغا يەتكۈزۈلدى. كېيىن يەنە «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008»دىكى بارلىق كەسپىي سۆزلەرنى توپلىساق، يېڭىدىن 16 مىڭ كەسپىي سۆزلۈك قوشۇلدى. شۇنداقلا «قۇرئان كەرىم» قاتارلىق دىننىي كىتابلار ۋە Windows قاتارلىق نۇرغۇن ئەپلەرنىڭ تەرجىمىسىدىن يەنە 4500 گە يېقىن كەسپىي سۆزلۈكنى قوشتۇق. شۇنداق قىلىپ 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرى 305 مىڭغا يەتكۈزۈلدى. ئەمدى سەل ئارام ئالايلى، چۈنكى مېنىڭ بىلىشىمچە ئىنگلىزچە داڭلىق كوررېكتورلۇق يۇمشاق دېتالىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى 308 مىڭ بولۇپ، مۇشۇ يېتەرلىك دېيىلگەن. چۈنكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شۇنداقلا ئۆز ئەمەلىيىتىمگە ئاساسلانغاندىمۇ، بىرەر تىلدىكى 300 مىڭ سۆزلۈك شۇ تىلنى %95 قاپلايدىكەن، ئۇنداقتا ئېشىپ قالغان %5 سۆزنى قانداق قىلىمىز؟ ئاۋۋال ماۋۇ %95 ئەھۋالنى يەنى ھازىرقى ئەڭ يېڭى ئامباردا كوررېكتورلۇق قىلغان ھالىتىنى كۆرۈپ بېقىڭلار.

دىققەت: بۇ بىر ئىلمىي تەكشۈرۈش بولغاچقا، ئىزدىنىش مۇنبىرى ياكى ئاپتورى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، شۇلارغا پىكىر يازماقچى بولساڭلار، شۇ مۇنبەرگە كىرسەڭلار بولىدۇ. ئەسەر مەزمۇنىمۇ بۇ بىلوگ بىلەن مۇناسىۋەتسىز. پەقەت كوررېكتورنىڭ ئىقتىدارىنى كۆرۈپ تەكلىپ-پىكىر بەرسەڭلار بولىدۇ.
http://www.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=55912


(1) تەجرىبە قىممەتنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن خالىغان مۇنبەردىكى بىرەر جەۋھەرلەنگەن ماقالىنىڭ ئىملاسىنى كۆرۈپ باقايلى. مەسىلەن ئىزدىنىش مۇنبىرىگە كىرىپ، بۇ جەۋھەرلەنگەن ماقالىنى كۆچۈرەيلى.
===================================================


(2) «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» ئۈچۈن يەنە ئايرىم تەھرىرلىگۈچ ياسالغان بولۇپ، بۇرۇنقىدەك پەقەت Microsoft Word بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بۇ ماقالىنى «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»غا چاپلايمىز، ئاندىن قورال ئىستونىدىن «ئىملا تەكشۈرۈش»نى تاللايمىز. بۇ بىر سىناق تەھرىرلىگۈچ بولغاچقا، ئارايۈزى ئۇچۇرلىرى ھازىرچە خەنزۇچە ياسالدى. دىققەت بۇ ھەرگىزمۇ مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى سۆيمەيدىغانلىقىمنى ئىپادىلىمەيدۇ.
=================================================

(3) «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» بۇ ماقالىدىكى ئىملاسى گۇمانلىق سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بەردى. قىزىل رەڭگە بويالغانلىرى ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرىدىن تېپىلمىغان سۆزلەردۇر، يېشىل رەڭدىكى بولسا پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك توغرىلاشقا بولىدىغان سۆزلەردۇر.
===================================================

(4) «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»دا يەنە تىنىش بەلگىلەردىكى خاتالىقلارنى تەكشۈرۈش ۋە پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى قوشۇلدى. ئۇنداقتا تىنىش بەلگە تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ رولى زادى قانچىلىك؟ يۇقىرىدىكى رەسىمگە قاراڭ. سېرىق رەڭدە بويالغان جايدا تىنىش بەلگە مۇۋاپىق ئەمەس، بەلكىم ئىككىدىن ئارتۇق بوش ئورۇن، ياكى سىزىقنىڭ ئالدىدا ياكى كەينىدە بوش ئورۇن بار،…دېگەندەك. بۇنداق خاتالىقلارنى دەل جايىدا تاپىدۇ ۋە پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك توغرىلايدۇ.
====================================================

(5) قىزىل رەڭدە بويالغان گۇمانلىق سۆزلەرنى «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ ياردىمىدە تەكشۈرۈپ باقايلى، يۇقىرىقى رەسىمدىن قورال ئىستونىدىن «قول سېلىپ تەكشۈرۈش»نى تاللايمىز.
=======================================================

(6) قىزىل رەڭدە بويالغان گۇمانلىق سۆزلەرنى تەكشۈرگەندە، ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرىدىن ئەڭ يېقىن كېلىدىغان سۆزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يۇقىرىقى رەسىمگە قارىساق بۇ سۆزنىڭ ئەڭ توغرىسىنى دەلمۇدەل تېپىپ بەرگەن. خاتالىق 1 ياكى 2 ھەرپتىن ئېشىپ كەتمىگەندە نامزات سۆزلەر تېخىمۇ يېقىن كېلىدۇ.
=======================================================

(7) بۇ رەسىمدىكى گۇمانلىق سۆز «غورۇرىنىڭ» غا ماس كەلگەن نامزات سۆزلەرگە قاراپ بېقىڭ. ئەڭ ماس كېلىدىغانلىرىنى يەنىلا ئەڭ ئالدىغا تىزىپ بەرگەن. بۇ يەردە ئەمەلىيەتتە بەك مۇرەككەپ ھېسابلاشلارنى ئېلىپ بارىدۇ. ئەمما سىز مۇشۇنداق راھەت كوررېكتورلۇق قىلىسىز، بەزى نامزات سۆزلەرنى ئاۋۇ جۈملىلەردىكى گۇمانلىق سۆزنىڭ ئورنىغا قويسىڭىز تېخى كۈلكىلىك جۈملىلەرگە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. مۇشۇنداق خۇشال-خۇرام ئىشلەيسىز، بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى كوررېكتورلۇق خىزمىتىدەك زېرىكىشلىك ئەمەس. نەچچە قېتىم ئىشلەتسىڭىز، سىزمۇ پىشقان تەجرىبىلىك كوررېكتوردىن قېلىشمايدىغان بولىسىز. بۇ دېتالنىڭ مۇشۇنداق بولۇشىدا بىز 10 يىلدىن ئارتۇق قان-تەر سىڭدۈردۇق. بۇ جاپانى ئۆزىمىزلا بىلىپ قالايلى بولدى.
==============

(8) بۇ رەسىمدە ئاۋۇ گۇمانلىق سۆز «قۇرقىدۇ»غا قاراپ قالماڭ، ئۇنىڭ ئالدىدىكى يېشىل رەڭگە بوياپ قويۇلغان «دېگەندەك» دېگەن سۆزگە دىققەت بىلەن قاراڭ. «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» بۇ سۆزنىڭ ئىملاسىنى ئۆزى ئۆزگەرتىۋەتتى. ئەسلى سۆز «دىگەندەك» ئىدى. ئادەتتىكى ئەھۋالدا %30 سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرەلەيدۇ. ھەي، مۇمكىن بولسا، يەنىمۇ بىر كۈچەپ باقساڭلار پۈتۈن بىر ماقالىنى %100 ئاپتوماتىك توغرىلاپ بەرسە-ھە؟ بۇنداق قىلساق بارلىق كوررېكتورلار بىزنى قارغىۋېتەر، لېكىن خاتىرجەم بولۇڭ %100 ئاپتۇماتىك ئۆزگەرتىش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ. لېكىن %60 ئاپتوماتىك توغرىلاش مېنىڭچە مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە نەچچە يىل ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.
===============

(9) قېنى %30 بولسىمۇ ئالدى بىلەن ئاپتوماتىك توغرىلاپ باقسۇن، بەزىلەرنىڭ ئىشەنمىگەن چېغى بار. ئۇنداقتا ئۈستىدىكى رەسىمگە قاراڭ، ئاپتوماتىك كوررېكتورلۇق دېگەننى چېكىپ بېقىڭ.
==============================================

(10) ئاپتوماتىك توغرىلاشقا بولىدىغان بارلىق سۆزلەرنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ بەردى. ئۈستىدىكى رەسىمدىكى بارلىق يېشىل رەڭدە بويالغان سۆزلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ. سىزمۇ بەلكىم مۇشۇنداق خاتا يازامسىز تېخى. %30 دېگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ. ئالىم مۇئەللىم مۇشۇنداق زىيادە كەمتەر بولۇۋېلىپ، 10 يىللىق بۇنداق ياخشى مەھسۇلاتنى تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرگە بىلدۈرۈپ بولالمىدى. چۈنكى نۇرغۇن ئادەم يەنىلا ئەلكاتىپ ياكى ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنىلا بىلىدۇ.
==========================================

(11) ئەمدى «ئاپتوماتىك توغرىلاش»نى چەكسىڭىز، ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىشكە بولىدىغان سۆزلەردىن بىرسىمۇ قالمىدى، باشقا قىزىل رەڭدە بويالغان سۆزلەرنى نامزات سۆزلەر ئارقىلىق توغرىلىسىڭىز بولىدۇ.
===========================================

(12) يۇقىرىقى رەسىمدە سېرىق رەڭدە بويالغانلار ئۇيغۇرچە سۆز بولمىسا، قانداق خاتالىقلاردۇر؟ ئۇنداقتا قورال تىزىملىكىدىن «تىنىش بەلگىلەرنى ئاپتوماتىك توغرىلاش» دېگەننى بېسىپ باقايلى
======================================

(13) ئەمەلىيەتتە تىنىش بەلگىلەر مۇۋاپىق بولمىغان بولۇپ، ئاپتوماتىك توغرىلاپ بەردى، يېشىل تەگلىك رەڭدە بويالغان جايلارغا قاراڭ. لېكىن تىنىش بەلگىلەرنى ئاپتوماتىك قويۇپ بەرمەيدۇ ئەلۋەتتە، سۆزلەرنىمۇ ئاپتوماتىك پەيدا قىلىپ قويۇپ بېرىدىغان ئىش بارمۇ يا؟ بۇ پەقەت تىنىش بەلگە ئالدى-كەينىدىكى خاتالىقلار، بوش ئورۇن، تەكرار بەلگە ئىشلىتىش،…دېگەندەك خاتالىقلارنى پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرىدۇ. ماقالىڭىز تېخىمۇ پاكىزە ۋە رەتلىك چىقىدۇ.
========================

(14) ئەمدى يەنە بىر قېتىم تىنىش بەلگىلەرنى ئاپتوماتىك تەكشۈرۈشنى تاللىسىڭىز، سېرىق رەڭدە بويىلىدىغان جايلار قالمىدى.
====================

(15) ئەمدى باشقا جايلارنى يەنى پۈتۈنلەي قىزىل رەڭدە بويالغان سۆزلەرنى پۈتۈنلەي قول سېلىپ كوررېكتورلۇق قىلىمىز.
===============================

(16) يۇقىرىدىكى ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان نامزات سۆزنى تاللاپ، قوش چەكسىڭىز ياكى «توغرىلاش» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق سىزمۇ كوررېكتورلۇق قىلالايسىز.
=========================

(17) ناۋادا يۇقىرىدىكى سۆزگە مۇۋاپىق كېلىدىغان نامزات سۆز چىقمىسا، ئۇنىڭ توغرىسىنى يېزىپ، «ئاپتوماتىك لۇغەتكە قوشۇش»نى تاللىسىڭىز، كېيىنكى قېتىم بۇنداق سۆزلەرگە يولۇققاندا، ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىپ تاشلايدۇ.
========================================

(18) بۇنداق چەتئەلچە سۆزلەرنى نۇرغۇن ئادەملەر خاتا يازىدۇ، «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» ئەمەلىيەتتە بۇنداق سۆزلەرگە بەك ئۇستا، بۇنداق سۆزلەرگە يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەرنى تېخىمۇ دەل جايىدا تېپىپ بېرەلەيدۇ. ئۈستىدىكى سۆزلەر ئەكس سادا بولۇپ كېتىپتۇ، بىر تەكشۈرۈپ باقاي.
=================

(19) بۇنداق سۆزلەردىمۇ كىشىلەر ئوڭايلا خاتالىشىدۇ، چۈنكى 1985-يىلىدىكى ئىملا لۇغىتىدە «خاراپ» ئىدى، يەنە «كىتاپ»، «ھېساپ» دەپ يازاتتۇق. مەن دەل باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5-يىللىقىدا چىققان ئىملا قائىدىسى بولۇپ، پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە يازاتتۇق. 1997-يىلى چىققان ئىملا قائىدىسىدە بىردەم ئەرەبلەرنىڭ، بىردەم رۇسلارنىڭ كۆڭلىگە كەلمىسۇن دەپ شۇلارنىڭ تەلەپپۇزىنى ئۇيغۇرچە ھەرپ بىلەن يازىدىغان بولدۇق، شۇنداق قىلىپ «كىتاپ» ئەمەس «كىتاب»، «ھېساپ» ئەمەس «ھېساب» دەپ يازىدىغان بولدۇق، ئەمما ئەرەبچە «لىبىيە» دەپ يازماي ئۇيغۇرچە «لىۋىيە»، «كاتىب» دەپ يازماي «كاتىپ»، ئەمما «كاتىباتلار ئىشخانىسى» دەپ يازىدىغان، «فارس» ئەمەس «پارس» دەپ يازىدىغان بولدۇق، ئەمما 2011-يىلى يولغا قويۇلغان ئىملا قائىدىسىدە يەنە بىر قىسىم سۆزلەر مەسىلەن: رادىيو، بىيولوگىيە دېگەندەك سۆزلەر 1985-يىلىدىكى ئۇيغۇرچە ئىملاغا قايتۇرۇلدى، ئەمما بىر قىسىم سۆزلەر يەنە شۇ پېتى. بۇنداق ئۇماشنىڭ دەستىدىن نۇرغۇن كىشىلەر توغرا ئىملانى ھېچ بىلىپ بولالمايۋاتىدۇ. يات مىللەتنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى ئويلاپ، ئۇيغۇرچە ئىملا قائىدىسى تۈزۈش بىزدىلا بار ئوخشايدۇ. سۆز قوبۇل قىلغاندا قاچانغىچە مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ، «كېلىڭ، مەرھەمەت» دەپ ئۆتىمىز. 2025-يىلىغا بارغاندا يەنە ئىملا ئۆزگەرتىدىغان ئىشنى قىلمايلى.
========================

(20) بەزىدە مۇشۇنداق نامزات سۆزلەر توغرا چىقماي قالسا، يامانلاپ قالماڭ، چۈنكى بۇ سۆز بەك كېلەڭسىز، ھازازۇل ئىكەن، بىزنىڭ ئامبىرىمىزدا بار ئەڭ يېقىن كېلىدىغان سۆز پەقەت شۇ ئىكەن، ئەمما ئاۋۇ نامزات سۆز ئىچىدىن بۇ سۆزنىڭ سۆز تومۇرىنىڭ توغرىلىقىنى بىلەلەيسىز، «-لاشقان» دېگەن قوشۇمچىنى ئۇلاپ باقسىڭىز مەسىلە يوق دېگەن گەپ. بۇنداق سۆزنى توغرا دەپ ئۆتكۈزۈۋەتسىڭىز بولىدۇ، ئامبارغا بۇنداق ھازازۇل سۆزلەرنى ساقلاشنىڭ ھاجىتى يوق.
====================

(21) ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرىدا 300 مىڭدىن ئارتۇق سۆزلۈك بار دەپ پو ئاتقان ئىدىڭلار، ماۋۇ «بۆشۈك» دېگەن نامزات سۆزنى كۆرسىتىپ بېرەلمىدىغۇ-دەپ ئويلاۋاتىسىز ھەقاچان؟ ئەسلىي سۆزگە ئوبدان قاراپ بېقىڭ. «بۈشۇك» بىلەن «بۆشۈك»نىڭ پەرقىدە گەرچە ئىككى ھەرپتە خاتالىق كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە بىر ھەرپ بار. ناۋادا بۇنىڭغا يول قويىدىغان بولسىڭىز، بۇنداق ئېھتىماللىقنى ئويلاپ بېقىڭ، بەك كۆپ نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، تاللاپ بولالماي ھېرىپ قالىسىز. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 2-3 سېكۇنت ۋاقىت كېتىدۇ، بۇنىڭغا سەۋر قىلىپ بولالمايسىز. شۇڭا ھەممە سۆزنى كۆرسىتىپ بەرسە كوررېكتورلۇق ئەمەس لۇغەت بولۇپ قالىدۇ.
=========================

(22) توغرىسى «بۈشۈك»مۇ ياكى «بۆشۈك»مۇ دەپ ئويلاپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى بۆشۈككە بۆلەپ باققان بىلەن ئۇنىڭ ئىسمىنى دائىم «بۈشۈك» دەپ خاتا يازىدۇ. ئۇنداق قىلماڭلار، ھەممىمىز بۆشۈكتە چوڭ بولغان، ئۇنىڭ ئىملاسىنى توغرا يېزىڭلار. توغرا ئىملاسىنى «ئىملا لۇغىتى»مىزدىن ئىزدەپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى بۇ سۆزنىڭ توغرا ئىملاسى «بۆشۈك».

(23) بۆشۈك دېگەن توغرا ئىملاسىنى كىرگۈزۈپ، «توغرىلاش» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ. كومپيۇتېردا ئىملا توغرىلاش جەريانى دەل مۇشۇنداق بولىدۇ. ھەرگىزمۇ %100 توغرىلاپ بېرىدىغان ياكى %100 نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىش يوق.


(24) بۇ تەھرىرلىگۈچنىڭ ئارايۈزى ئۇيغۇرچە بولۇپ، ئىشلىتىش تېخىمۇ ئوڭاي.

يۇقىرىقى ئەمەلىي تەجرىبە قىممەتتىن نېمىنى ھېس قىلدىڭلار؟ «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ لايىھەلىنىش باش پىرىنسىپى مۇنداق: ئامبارغا تېخى كىرمىگەن ھېلىقىدەك %5 سۆزلەرنى گۇمانلىق سۆز دەپ قارىسا مەيلىكىن لېكىن بىرەرمۇ خاتا سۆزنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك. لېكىن ئۇ %5 سۆزنى ھەل قىلىشنى ئاساسىي نىشان قىلمايمەن، ئارتۇق زېھنىمنى ئۇنى ھەل قىلىمەن دەپ جېدەللەشكەندىن كۆرە، ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىشكە بولىدىغان ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشقا كۈچەيمەن.

دۇنيادا ئىنسان قىلغان ئىشلار %100 بولمايدۇ. ئەمما بۇ بىزنىڭ تىرىشماسلىقىمىزنىڭ باھاسىنى بولالمايدۇ، بىز يەنە ھەر يىلى، ھەر ئايدا، ھەر ھەپتىدە مۇشۇنداق ئىشلار ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز. 10 يىلدىن ئېشىپتۇ، كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق ئىشلىتىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى گەرچە دۆلەت ئىچىدە كومپيۇتېر ساھەسىدە خەنزۇ تىل-يېزىقىدىن قالسا، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ئەڭ ئالدىدا (خەلقئارادا ئالدىنقى 100 ھەتتا 50 نىڭ ئىچىدە) بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرچە ئىملادىكى مەسىلە بەكلا ئېغىر. ھەتتا چوڭ گېزىتلەردە، تېلېۋىزىيەدە چىقىۋاتقان ئۇيغۇرچە سۆزلەردىمۇ ئېغىر خاتالىقلار بار. توردىكى ئۇيغۇرچە ماقالىلەرنى دېمەي تۇرايلى بولدى، يۈزىمىز قىزىرىپ قالمىسۇن، ئەڭ ياخشىسى ئىملانى ياخشى ئۆگىنەيلى، توغرا ئىشلىتەيلى ۋە باشقىلارغا ئۆگىتەيلى. مۇشۇنداق بولغاندا ئۇيغۇر تىل-يېزىقى تېخىمۇ گۈللەپ ياشنايدۇ.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى