تەرجىمە ۋە ئىملا خاتالىقلىرى ئازايسۇن دېسىڭىز
يانفوندا كۆرۈش
ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق ئەتراپىڭىزدىكى تەرجىمە ۋە ئىملا خاتالىقلىرىنى بىزگە ئەۋەتىڭ، بىز تور لۇغىتىمىزدە كۈندە بىر رەسىمنى ئېلان قىلىمىز، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ تەرجىمە سۈپىتى ۋە ئۇيغۇر تىلى ئىملاسىغا ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەۋەتىش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، تېلېفونىڭىزدا رەسىمگە تارتىپلا ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى سۇپىسى (uighursoft_alimahat)غا ئەۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.
دۇكان ساراي ۋىۋىسكىلىرى، تاماق تىزىملىكلىرى، گېزىت-ژۇرنال، رادىيو-تېلېۋىزىيەدىكى خاتالىقلار تېخىمۇ قارشى ئېلىنىدۇ. تىل تۈرى چەكلەنمەيدۇ. تەرجىمە ۋە ئىملادا خاتالىق سادىر قىلغۇچىلارنىڭ، شۇنداقلا ئەۋەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرى ئاشكارلانمايدۇ.
ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتىنى ئىزدەش نومۇرى: uighursoft_alimahat
ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتىنى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى كۆرۈڭ.
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئېلان قىلىنغان رەسىم
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلان قىلىنغان رەسىم
==============
ئۈندىدار لۇغىتىمىزگە مۇشۇنداق رەسىملەرنى ئەۋەتىش ئوڭۇشلۇق بولسا، تۆۋەندىكىدەك دەلىللەش ئۇچۇرى چىقىدۇ. ئۇزۇنغا قالماي «ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى» باش بېتىدە ئېلان قىلىنىدۇ، قېنى سىناپ بېقىڭ.
==================
كۈندىلىك رەسىملەرنى كۆرۈش ئۈچۈن udict.cn نى زىيارەت قىلىڭ.