ئۇيغۇرسوفت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى تىجارەت باشلىدى

ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى تىجارەت باشلىدى

ۋاقتى: 2015-01-31 ئاۋاتلىقى: 2030 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى (سىناق) تىجارەت باشلىدى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم كۆپچىلىك،
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى» سىناق تىجارەت باشلىدى.
بۇ دۇكاندىكى ماللارنى كۆرۈش ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ، ئۇيغۇرسوفت مۇلازىمەت سۇپىسىنى قوشۇۋېلىڭ. ئاندىن ئۈندىدار سۇپىمىزدىكى «دۇكان» دېگەن تىزىملىكنى بېسىڭ ياكى بىز ئەۋەتكەن توپ ئۇچۇردىكى ئادرېسنى باسسىڭىز بولىدۇ.

qrcode_for_gh_594dd778d31a_258
بانكا كارتىمىزغا ئۈندىدارىمىزنى قانداق باغلايمىز؟ http://www.alimahat.com/?p=4320

ھازىر بۇ دۇكانغا شىنجاڭ ئېلېكتىرون ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشرى قىلغان خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008» (ئېلېكتىرون نۇسخىسى) سېلىنغان بولۇپ، خېرىدارلار ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق دۇكانغا كىرەلەيدۇ. ئۈندىدارىغا باغلانغان بانكا كارتىسى بىلەن مال سېتىۋالالايدۇ. بانكا كارتىڭىزنى ئۈندىدارىڭىزغا باغلاشنى بىلمەكچى بولسىڭىز، http://www.alimahat.com/?p=4320 دېگەن مەزمۇننى كۆرسىڭىز بولىدۇ. «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سۇپىسى»، « ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى»، «ئۈندىداردا ھەق تاپشۇرۇش» قاتارلىق مۇلازىمەتلەر تېڭشۈن ئورگان تەرەپنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللىشىدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۈندىداردا تاپشۇرغان پۇلىڭىز ئاۋۋال تېڭشۈن شىركىتىدە تۇرىدۇ، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۇيغۇرسوفتنىڭ شىركەت ھېساباتىغا ئاغدۇرۇپ بېرىدۇ.

*****************************************

*****************************************

*****************************************

*****************************************

(ئىزاھات: بۇ رەسىم پايدىلىنىش ئۈچۈن بېرىلدى، ئۈندىدار دۇكىنىمىزدىكى بۇ لۇغەت «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008»نىڭ ئېلېكتىرونلۇق چۈشۈرۈلمە نۇسخىسى (电子下载版) بولۇپ، سېتىۋالغاندا توردىن چۈشۈرۈپلا ئىشلىتىسىز، لۇغەتنىڭ دىسكىسى، قېپى، سومكىسى پوچتىدىن ئەۋەتىلمەيدۇ.)
2-ئاينىڭ 21-كۈنى «دۇنيا ئانا تىل بايرىمى» بۇلۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۈندىدار دۇكىنىمىزدىكى مەھسۇلاتلار 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە پۈتۈنلەي يېرىم باھادا سېتىلىدۇ.
ئۈندىدار دۇكىنىمىزدا «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008»نى سېتىۋالسىڭىز، سېتىۋالغان مەھسۇلاتنىڭ توردىن چۈشۈرۈش ئادرېسى ۋە مۇلازىمەت نومۇرىنى ئۈندىدارىڭىزغا ئاپتوماتىك ئەۋەتىپ بېرىمىز، مەھسۇلاتنى تاپشۇرۇپ ئالغان چۈشۈرۈش ئادرېسىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى(0991-2813300)گە تېلېفون قىلىپ، تاپشۇرۇپ ئالغان مۇلازىمەت نومۇرى ئارقىلىق يۇمشاق دېتالنىڭ تىزىملاش نومۇرىغا ئېرىشىڭ.
===========

*****************************************

بۇ تىزىملىك يېڭىدىن قوشقانلارغا كۆرۈنىدۇ، كونا ئەزالارغا 24 سائەت ئىچىدە كۆرۈنىدۇ، ناۋادا ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى سېتىۋېلىشقا ئالدىراپ كەتسىڭىز، «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سۇپىسى»دىن چېكىنىپ، قايتا قوشۇۋالسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن ئۈندىدار سۇپىڭىزدا بۇ تىزىملىك كۆرىدۇ.
==============

*****************************************

*****************************************

*****************************************

*****************************************

*****************************************

*****************************************

*****************************************

قېنى كىم «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى»دا تۇنجى مال سېتىۋالغۇچى بولالايدۇ؟ يولۇڭلارغا قاراپ قالدۇق ئەمىسە، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىزمۇ ھېس قىلىپ باقايلى، قېنى مەرھەمەت.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى