ئۇف...ئوبامادىنمۇ بەتەر ئالدىراش بولۇپ كەتتىم ..
8-ئاينىڭ 26-كۈنى 23:39 دا Web دىن كەلگەن باھا (0)
قىزىم ئايقۇتنى بۈگۈن رەسمىي تۈردە يەسلىگە تېزىملاتتىم، دۈشەنبە كۈنى دادا بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئاتا-ئانىلار يېغىنىغا قاتنىشىمەن...
8-ئاينىڭ 24-كۈنى 15:14 دا Web دىن كەلگەن باھا (0)
ئوقۇتقۇچى بولغۇنىمغا10يىل بولغان كۈنلەردە، كېچىككىنە ئەمىلىمدىن ۋازكېچىپ، دەرس مۇنبىرىگە قايتىپ كەلدىم. سالام ساۋاقداشلار!
8-ئاينىڭ 24-كۈنى 15:11 دا Web دىن كەلگەن باھا (0)
مېنىڭچە، ۋەتەنپەرۋەرلىكمۇ بىرخىل جاۋاب قايتۇرۇش. بۇجاۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن دۆلەت ئۆزپۇقرالىرىنى سۆيۈشى كېرەك.
8-ئاينىڭ 23-كۈنى 13:42 دا Web دىن كەلگەن باھا (0)
گۇمانلىرىمىزدىن گۇمانلىنىپ باقايلى ،بەلكىم بۇ زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرۇش ئۇسۇلىدۇر.
8-ئاينىڭ 23-كۈنى 11:47 دا Web دىن كەلگەن باھا (0)
بلوگىم ئىچكىرىدە ،چەتئەلدە نورمال. ئەمما بەزىدە رايۇنىمىزدا نورمال ئېچىلمايۋاتىدۇ، بولۇپمۇئۆزەم ئاچالمايۋاتىمەن،شۇڭا تاشلىنىپ قىلىۋاتىدۇ.
8-ئاينىڭ 22-كۈنى 10:20 دا Web دىن كەلگەن باھا (0)
نەچچە كۈندىن كىيىن قىزىم ئايقۇت يەسلىگە ئوقۇشقا كىرىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىدا، ئۇنىڭ ئەڭ بىغۇبار كۈنلىرىگە قىيالمايۋاتىمەن...
8-ئاينىڭ 22-كۈنى 10:17 دا Web دىن كەلگەن باھا (0)
يېڭى خىزمەت پەسلى باشلاندى،بارلىق كەسىپداشلارغا سالامەتلىك يار بولسۇن...
8-ئاينىڭ 22-كۈنى 10:12 دا Web دىن كەلگەن باھا (0)
ھېيتتىن كېيىن دادامنى داۋالىتىش ئۈچۈن خوتەنگە بارماقچىمەن، خوتەنلىك تورداشلاردىن سورايدىغان ئىشلاربار،QQ نومۇرلىرىڭلارنى قالدۇرۇڭلار.
8-ئاينىڭ 14-كۈنى 00:38 دا Web دىن كەلگەن باھا (0)
سول يىقىم ئاغرىۋاتىدۇ ئاپا، سول يىقىم بەكلا ئاغرىۋاتىدۇ...سەن بىلەن شۇنچە مۇڭداشقۇم بارئىدى، لېكىن چەكسىزيىراقتا سەن...
8-ئاينىڭ 14-كۈنى 00:21 دا Web دىن كەلگەن باھا (0)
دېمىق سياسى مۇھىت، ئېغىر مۇھتاجلىق، خىرەكېلەچەك ... ئەڭ ئەقەللىي ئادىمىيلىكتىن مۇستەسناھالدا مىدىرلاپ يۈرۈشىدىغان بايقۇشلارنى ئىجاد قىلىدۇ.
7-ئاينىڭ 28-كۈنى 11:25 دا Web دىن كەلگەن باھا (2)
ئىنسان-ئىنساننى دەپسەندە قىلىش ئاخىرلاشمىسا ،مەدەنىيەت دېگەن بىرئاتالغۇخالاس. جاھالەتنىڭ ئەسلى يېلتىزى ئىتىقادسىزلىقتا.
7-ئاينىڭ 28-كۈنى 11:14 دا Web دىن كەلگەن باھا (0)
تۇرمۇش- بەزىدە سەن سولانغان سۈزۈك شىشە، قارىساڭ ئەتىراپتىكى مەنزىرىلەربىلەن بىرگەۋدىسەن، ئەمما سۈمۈرگىلى ھاۋامۇ يوق!؟...
7-ئاينىڭ 20-كۈنى 23:49 دا Web دىن كەلگەن باھا (0)
بۇ يازلىق تەتىلمۇ ماڭا ياراشمىدى، ئالدىنقى يىلى مۇشۇ چاغدا رەھمەتلىك ئاپام دوختۇرخانىدا ئىدى، بۇ يىل دادام..ئاللاھ ياخشىلارغا رەھمەت قىلغىن.
7-ئاينىڭ 20-كۈنى 23:46 دا Web دىن كەلگەن باھا (0)
ئىككى يىللىق كەچۈرمۈشلەردىن يەكۈنۈم شۇكى : تەننىڭ ساقلىقى بىزئۈچۈن مەجبۇرىيەت، چۈنكى يېقىنلىرىمىزنىڭمۇ خۇشاللىق كاپالىتى..
7-ئاينىڭ 20-كۈنى 23:43 دا Web دىن كەلگەن باھا (0)
مۇھىت مەسىلىسى -تەرەققىيات مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئىتىقاد مەسىلىسى.
7-ئاينىڭ 18-كۈنى 18:10 دا Web دىن كەلگەن باھا (0)
ھايۋاننىڭ ئەركىكىمۇ ئەر ھېسابلىنامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئەتىراپىمدىكى «ئەر»لەرگە ئەجەبلەنمەيمەن...
7-ئاينىڭ 14-كۈنى 22:29 دا Web دىن كەلگەن باھا (0)
جىمجىتلىقنى بەك خالايدىغان ئادەمنىڭ ، ئىچكى دۇنياسىدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ بېسىلمايدىكەن...
7-ئاينىڭ 14-كۈنى 19:29 دا Web دىن كەلگەن باھا (0)
خۇددى يەنە 10قېتىم ياشاش پۇرسىتى باردەك، خۇددى بۇ بۆلەك ھاياتتا ھەممىگەچىداش لازىمدەك، ئۇھ..قەدىرسىز ھايات، قەدرىنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئادەملەر..
7-ئاينىڭ 10-كۈنى 18:22 دا Web دىن كەلگەن باھا (0)
تۇرمۇشتا مەسىلىدىن باشقا يەنە نېمە بار؟...ۋاقتى كەلگەندە خۇشاللىقمۇ بىر مەسىلە، ئۇنى ھەل قىلىش كېرەك.
7-ئاينىڭ 10-كۈنى 18:13 دا Web دىن كەلگەن باھا (0)
جەمئىي 78 پارچە1234>>
ئىستاستىكا:24 سائەت ئىچىدە 0 پارچە ... بىر ھەپتە ئىچىدە 8 پارچە ... جەمئىي 78 پارچە مىكروبلوگ يوللاندى