سۆزلۈك سۈپىتى ئۆلچىمى

سۆزلۈك سۈپىتى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟

ئىزدە قامۇسىغا يوللانغان سۆزلۈكلەر - سۆزلۈكتىكى مەزمۇننىڭ ئاز-كۆپلىكى، رەسىم ۋە ئالبۇم قوشۇلغان-قوشۇلمىغانلىقى، سۆزلۈك ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ يېزىلغان-يېزىلمىغانلىقى، خەتكۈچ بەلگىلەش، قىسقىچە مەزمۇن ھەم قىسقىچە مەزمۇن رەسىمى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئۇچۇرلارنىڭ تولۇق ياكى تولۇق ئەمەسلىكىگە قاراپ، سېستىما تەرىپىدىن ئاپتوماتىك بەلگىلىنىدۇ. ئەزالار قامۇس مەركىزىدىن ئۆزلىرىغا يوللىغان سۆزلۈكلەرنىڭ سۈپىتىدىن ھەر ۋاقىت خەۋەردار بولالايدۇ، شۇنداقلا ئىلگىلىرى يوللاپ بولغان سۆزلۈكنى، كىيىن قايتا تەھرىرلەپ، مەزمۇن قوشۇش، رەسىم كۆپەيتىش ۋە ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنى تولۇقلاش ئارقىلىق سۆزلۈكىنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرەلەيدۇ ھەم شۇنىڭغا ماس ھالدا جۇغلانما، تەجىرىبەلەرگە ئېرىشەلەيدۇ.

قامۇس ئەزالار مەركىزىدىكى سۆزلۈك سۈپىتى ئەھۋالى كۆرۈنۈشى:

ئىزدە قامۇس سۆزلۈكى

ئىزدە قامۇسىدا سۆزلۈك سۈپىتى قايسى تۈرلەرگە بۆلۈنگەن؟

ئىزدە قامۇسىدا سۆزلۈك سۈپىتى يازمىدىكى قىسقىچە چۈشەندۈرۈش، قىسقىچە چۈشەندۈرۈش رەسىمى، ئاساسىي ئۇچۇرلىرى، رەسىم-ئالبۇم، مۇندەرىجە قۇرۇش، پايدىلانغان ماتېرىياللار تىزىملىكىنى ۋە ئۇلانما ئادرېسىنى قۇشۇش، خەتكۈچ يېزىش، مەنىداش سۆز قوشۇش قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مەزمۇنلارنىڭ سان-سۈپىتىگە قاراپ تۆۋەندىكىدەك 6 تۈرگە بۆلۈنگەن:

ئادەتتىكىچە

ياخشى

ئىسىل

نادىر

كەسپىي

نوپۇزلۇق

سۆزلۈك سۈپىتى نىمىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

يۇقۇرى سۈپەتلىك سۆزلۈكلەرنىڭ يوللىسىڭىز، سۆزلۈك يوللاپ بىر قېتىمدىلا ئېرىشىدىغان جۇغلانما نومۇر ۋە تەجرىبىڭىز كۆپ بولىدۇ، جۇغلانما نومۇرىڭىز كۆپ بولسا ئىزدە قامۇسى مۇكاپاتلار سەھىپىسىدىكى سۈپەتلىك ماللارنى جۇۇغلانمىڭىزغا سېتىۋالالايسىز(پوچتا ھەققى ئېلىنمايدۇ، باھاسى قانچىلىك يۇقۇرى بولىشىدىن قەتئىينەزەر ماللار پەقەت جۇغلانمىغا سېتىۋالسىڭىزلا بولىدۇ)
تەجىرىبىڭىز كۆپ بولسا ئەزا دەرىجىڭىز تىز ئۆرلەيدۇ، سۆزلۈك تەھرىرلەش، تەستىق كۈتۈش ۋە بېكىتىمىز يولغا قويغان تۈرلۈك ئىتىبارلار، ئىمتىيازلاردىن ئالدىن بەھىرلىنەلەيسىز