مۇندەرىجە قامۇس سۆزلۈكىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر بۆلىكى بولۇپ، قىسقىچە چۈشەندۈرۈشنىڭ ئاستىدا مۇقىم ئورۇندا تۇرىدىغان، سۆزلۈك مەزمۇنىنى كۆرۈۋاتقاندا سولدا لەيلىمە ھالەتتە كۆرىنىدىغان، سۆزلۈكنىڭ مەزمۇن قۇرۇلمىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۆلەك. ئىزدە قامۇسىدا سۆزلۈك يازغان ۋاقتىڭىزدا چوقۇم مۇندەرىجىلەرگە ئايرىشىڭىز كېرەك.
مەزمۇندا «چوڭ تېما» ۋە «كىچىك تېما» دەپ ئىككى خىل مۇندەرىجە شەكلى بار. ئادەتتە زۈرۈ بولغاندا چوڭ تېما ئاستىغا كىچىك تېما قوشىمىز، كىچىك تېما ئازدىگەندىمۇ ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولىشى كېرەك.
رەسىمدە يۇرۇتۇلغان ئورۇندىكىدەك مۇندەرىجە ماۋزۇسى قىلماقچى بولغان سۆزنى تاللاپ تۇرۇپ، «چوڭ تېما» كونۇپكىسىنى باسسىڭىز مۇندەرىجە قۇرۇلىدۇ.
رەسىمدە يۇرۇتۇلغان ئورۇندىكىدەك مۇندەرىجە ماۋزۇسى قىلماقچى بولغان سۆزنى تاللاپ تۇرۇپ، «كىچىك تېما» كونۇپكىسىنى باسسىڭىز مۇندەرىجە قۇرۇلىدۇ. ئادەتتە «كىچىك تېما» ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولۇشى كېرەك، بىرلا بۆلەك مەزمۇن بولسا «كىچىك تېما» قۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى يوق، چۈنكى «كىچىك تېما» دىگىنىمىز «چوڭ تېما» ئاستىدا بولىدۇ
مۇندەرىجە سۆزلۈك كۆرۈش بېتىدە ماۋۇ ھالەتتە كۆرۈنىدۇ:
بىرىنچى، ئىككىنچى دىگەندەك.
ئوخشاش بىر ماۋزۇدا مۇندەرىجە نامى بېكىتىلگەندە، تەكرارلىق يۈز بېرىپ، مەزمۇن قالايمىقان بوپ كىتىدۇ.
ماۋزۇ چوقۇم ئىخچام، چۈشىنىشلىك، قىسقا يېزىلىشى كېرەك.
مەسىلەن: چۈشەندۈرۈش، ئىلاۋە، كىرىش سۆز دىگەندەك مەزمۇنلار ئادەتتە بىرىنچى «چوڭ تېما» قىلىنسا بولىدۇ