سۆزلۈك نامىنى ئۆلچەملىك يېزىش چۈشەندۈرىشى

سىز مەلۇم بىر مەزمۇن (ماقالە) نى ئىزدە قامۇسىغا قوشۇش كېرەك دەپ ئويلىغان بولسىڭىز، ئالدى بىلەن شۇ مەزمۇنغا ئۆلچەملىك سۆزلۈك نامى بېكىتىشىڭىز كېرەك
ئومۇمەن سۆزلۈك نامى كۆپ قىسىم كىشىلەر بىر ئاڭلاپلا چۈشىنەلەيدىغان، باشقا مەزمۇندىكى سۆزلۈكلەر بىلەن توقۇنۇشۇپ قالمايدىغان ئوبېكتىپ ئىش ۋە شەيئىلەرنىڭ نامىنىڭ ئۆزى بولىشى كېرەك.
(مەسىلەن : «ئالما يانفۇنى» دىگەن سۆزلۈك نامى ئۆلچەملىك سۆزلۈك نامى بولىدۇ، بىراق «ئىشىتىشكە قولايلىق ئالما يانفۇنى» دەپ قويۇلسا بۇ ئۆلچەمسىز ھېسابلىنىدۇ؛
«ئابدۇللا ئابدۇرېھىم» دىگەن سۆزلۈك نامى ئۆلچەملىك ھېسابلىنىدۇ، بىراق «ئەل سۆيگەن ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم» دەپ قويۇلسا بۇ سۆزلۈك نامى ئۆلچەمسىز ھېسابلىنىدۇ؛
«بۇ ئائىلىگە قاراڭ» دىگەن سۆزلۈك نامى ئۆلچەملىك سۆزلۈك نامى بولىدۇ، بىراق «تېلېۋىزىيە تىياتىرى بۇ ئائىلىگە قاراڭ» دەپ قويۇلسا بۇ ئۆلچەمسىز ھېسابلىنىدۇ؛ )
سۆزلۈك نامى ئۆلچەملىك بولمىسا، باشقىلار شۇ مەزمۇننى ئىزدىگەندە تاپالماسلىقى، سۆزلۈكىڭىزنى تەھرىرلەر تەستىقلىماسلىقىمۇ مۇمكىن

1- سۆزلۈك نامىنىڭ ئورتاق ئۆلچىمى

ئادەم ۋە شەيئىلەرنىڭ، ھادىسىلەرنىڭ دائىملىق ئىسمىنى ئىشلىتىڭ

سۆزلۈك نامىغا دائىملىق سۆزلۈك نامىنى ئىشلىتىڭ، بىراق باشقا ناملار بىلەن ئارلىشىپ كەتمىسۇن، ئەگەردە ئوخشاش نامدا باشقا سۆزلۈك بار بولسا (مەنە تۈرى) قوشۇش ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈپ يېزىڭ.
مەسىلەن: سىزنىڭ يازماقچى بولغىنىڭ «ئاماننىساخان» دىگەن درامما بولسا سىز مەنە تۈرىگە بۇنىڭ درامما ئىكەنلىكىنى يېزىپ قويىسىز، يەنە بىر تورداش «ئاماننىساخان» دىگەن سۆزلۈك قۇرۇپ 12 مۇقامنى رەتلىگۈچى ئاماننىساخاننى يازماقچى بولسا مەنە تۈرىگە (ئون ئىككى مۇقامنى رەتلىگۈچى) دىگەنگە ئوخشاش مەنە تۈرىنى يېزىپ پەرقلەندۈرسە بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە ياكى ئېنگىلىزچە ئىشلىتىڭ

ئىزدە قامۇسىنىڭ كۆپ قىسىم ئىشلەتكۈچىلىرى ئۇيغۇرچە ئىشلىتىدۇ، شۇڭا سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارغا تىزلىكتە ئېرىشىپ، پايدىلىنالىشى ئۈچۈن ئىزدە قامۇسىدا ئۇيغۇرچە ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئەگەر مەلۇم سۆزلۈكلەرگە نىسبەتەن ئېنگىلىزچە نامىنىڭ قوللىنىشى ئۇيغۇرچە نامىنىڭ قوللىنىشىدىن كۆپ بولسا ياكى ھازىرچە ئۇيغۇرچە نامى بېكىتىلمىگەن بولسا ئېنگىلىزچە نامىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن: « NBA » « MBA »

سۆزلۈك نامىنى ئېنگىلىزچە قويغان بولسىڭىز چوقۇم ئۆلچەملىك، دائىملىق نامىنى قوللىنىشىڭىز كېرەك، مەسىلەن: « iPad » « IBM »

ئىزدە قامۇسى ھازىرچە ئۇيغۇرچە ۋە ئېنگىلىزچىدىن باشقا يېزىقتىكى سۆزلۈك نامىنى قوللىمايدۇ، ۋە سۆزلۈكىڭىزنى تەستىقلىمايدۇ، ئەگەر زۈرۈر بولسا ئۇيغۇرچە ياكى ئېنگىلىچە سۆزلۈك نامىنى ئىشلىتىپ سۆزلۈك قۇرغاندىن كىيىن، سۆزلۈك ئىچىدە ئەسلى يېزىقتىكى نامىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بۇلىدۇ

ئۆزىڭىز ئويلاپ چىققان ناملارنى سۆزلۈك نامى قىلىشقا بولمايدۇ

بەزى يېڭىلىقلار ئەمدىلا ئوتتۇرغا چىققاندا ياكى يېڭى يۈز بەرگەن ۋەقە دىگەندەك ئىشلارنىڭ بەلكىم تېخى قېلىپلاشقان ئاتالغۇسى بولماسلىقى مۇمكىن، بۇنداق شارائىتتا شەخس ئۆز ھىسسىياتىغا تايىنىپ سۆزلۈك نامى بېكىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، بۇنداق سۆزلەرنىڭ سۆزلۈك نامىنى ئاخباراتلاردا، مەتبۇئاتلار كۆپ قوللىنىۋاتقان, كۆپىنچە ئادەم چۈشىنەلەيدىغان نامىنى ئىشلىتىپ تۇرۇشقا بولىدۇ.

مەخسۇس نامىنى ئىشلىتىڭ

ئەسەر نامىدىن باشقىلىرى، چوقۇم مەخسۇس نامى بويىچە، سۆز ياكى سۆز گۇرۇپپىسى سۆزلۈك نامى قىلىپ بېكىتىلىشى كېرەك، بىرىكمە مەنە ئىپادىلەيدىغان سۆز ياكى سۆز گۇرۇپپىسىنى سۆزلۈك نامى قىلىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن: «پولونىڭ ئىتىش ئۇسۇلى ۋە ئۇزۇقلۇق قىممىتى» بۇنىڭدەك بىرىكمە مەنا ئىپادىلەيدىغان سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسىنى سۆزلۈك نامى قىلسىڭىز بولمايدۇ.

ھەقىقىي تولۇق نامىنى قوللىنىڭ

ئەگەر كۆپ خىل نامى بار بولسا، شۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان ئۆلچەملىك نامىنى ئىشلىتىڭ. مەسىلەن: (1) «جۈمە» دىگەننى سۆزلۈك نامى قىلىپ، «ھەپتىنىڭ بەشى» ياكى «ئازنا» دىگەنلەرنى مەنىداش سۆز دىگەن ئورۇنغا قوشۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ.
(2) «خالمۇرات ئۆمەر» دىگەننى سۆزلۈك نامى قىلىپ بېكىتىپ، «چوڭ ئەيسا» دىگەننى مەنىداش سۆزلۈككە قوشسىڭىز بۇلىدۇ.

ئەگەردە رەسمىي نامىغا قارىغاندا لەقەم، ئەدەبىي تەخەللۇس دىگەندەك ناملىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەقىقىي نامىدىن كۆپ بولسا، ھەم بۇ دائىملىق ئاتىلىشى بولسا، شۇ تەخەللۇس ياكى لەقەمنى سۆزلۈك نامى قىلسىڭىز بۇلىدۇ،
مەسىلەن: «پۇرچاق ئەپەندى»
ئەمەلىيەتتە «پۇرچاق ئەپەندى» نىڭ رولىغا چىققۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى: روۋېن ئاتكىنسون (Rowan Atkinson) ، بىراق بۇ ئىسىمنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز، ئەكسىچە «پۇرچاق ئەپەندى» دىگەن ئىسىم چوڭ-كىچىك ھەممىگە تونۇشلۇق، شۇڭا بۇخىلدىكىدەك ئەھۋاللاردا دائىملىق نامىنى سۆزلۈك نامى قىلىپ ھەقىقىي نامىنى مەنىداش سۆز قاتارىغا قوشۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ.

ئەگەر قىسقارتىلغان نامى بولسا، قىسقارتىلغان ئۆلچەملىك ئاتىلىشىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. مەسىلەن: «دۇنيا لوڭقىسى» ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ تولۇق ئاتىلىشى «خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى دۇنيا لوڭقىسى»

سان ئىشلىتىش

سۆزلۈك نامىدا سان ئىشلىتىش توغرا كەلگەندە چوقۇم ئەرەب رەقىمىنى ئىشلىتىش كېرەك. مەسىلەن: «ئۇيغۇر 12 مۇقامى»

2- ھەرقايسى ئوبېكتىپ تىپلارنىڭ سۆزلۈك نامى ئۆلچىمى

شەخسلەر

ئادەتتە شەخىسلەرگە كۆپىنچە ھالدا تولۇق ئىسىم-فامىلىسى ئىشلىتىلىدۇ، باشقا ئالتالغۇ،ناملىرى مەنىداش سۆز دىگەن ئورۇنغا قوشۇلسا بولىدۇ.

ئەگەردە شەخىسلەرنىڭ رەسمىي نامىغا ياكى ئىسىم-فامىلىسىگە قارىغاندا لەقەم، ئەدەبىي تەخەللۇس دىگەندەك ناملىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەقىقىي نامىدىن كۆپ بولسا، ھەم بۇ دائىملىق ئاتىلىشى بولسا، شۇ تەخەللۇس ياكى لەقەمنى سۆزلۈك نامى قىلسىڭىز بۇلىدۇ

تەشكىلىي ئاپاراتلار

ئىزدە قامۇسىدا سۆزلۈك نامىنىڭ توغرا ئۆلچەملىك بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، شىركەت، كارخانا، زاۋۇت، دوختۇرخانا قاتارلىق سۆزلۈكلەردە سۆزلۈك نامىغا تولۇق نامى ئىشلىتىلىشى كېرەك. مەسىلەن: «شىنجاڭ ئەلنەپ بىيو پەن-تېخنىكا شىركىتى» ، ئەگەر مەلۇم ئورگانلارنىڭ تەسىرى كۈچى زور، خەلقنىڭ چۈشىنىشى يۇقۇرى، يۇقۇرى ئىناۋەتلىك شىركەت، ئورگان ناملىرى تولۇق ئىسمىغا قارىغاندا ئورتاق ئاتىلىشى كۈشلۈك بولسا، ئورتاق ئاتىلىشىنى سۆزلۈك نامى قىلسىڭىز بۇلىدۇ، مەسىلەن: «قارلۇق» «ئارمان» «ئەرقال» «بەيدۇ» «مىكروسوفت»

ئىدارە ئورگانلارنىڭ بۆلۈم ناملىرىنى سۆزلۈك قىلىشقا بولمايدۇ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ فاكۇلتېت نامىنى سۆزلۈك نامى قىلىسقا بولىدۇ، مەسىلەن: «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىناكارلىق-قۇرۇلۇش ئىنىستىتوتى» ،بىراق فاكۇلتېتلاردىكى كەسىپ نامىنى سۆزلۈك قىلىشقا بولمايدۇ، مەسىلەن: «شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئالىي كەسپىي-تېخنىكا ئىنىستىتوتى بىناكارلىق قۇرۇلۇش نازارەتچىلىك كەسپى»

مەمۇرىي رايونلار

مەمۇرىي رايونلار سۆزلۈكىدە رايون نامىنىڭ ئۆزىنى بىۋاستە سۆزلۈك نامى قىلسىڭىز بولىدۇ، مەسىلەن: (1) «قاراقاش» ، بىراق «خوتەن قاراقاش» دەپ ئالسىڭىز ئۆلچەمسىز ھېسابلىنىدۇ.
(2) «پارىف» ، توغرا بولمىغىنى «فىانسي پايتەختى پارىژ»

شېئىر، نەسىر، مۇزىكا، ئەسەرلەر

ئېنىق نامى بار بولغان ئەسەرلەرگە، ئەسەر نامىنى سۆزلۈك نامى قىلىپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.
مەسىلەن: «پۇلتېپىش دەستۇ» «تاڭ نەزمىلىرى» «باي دادام نامرات دادام»