مەنىداش سۆز ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

مەنىداش دىگەن نېمە؟

مەنىداش سۆز دىگىنىمىز ئوخشاش بىر نەنەنى بىلدۈرىدىغان، باشقا-باشقا سۆزلەرنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن: روۋېن ئاتكىنسون (Rowan Atkinson) بىلەن «پۇرچاق ئەپەندى» دىگەن سۆزلەر قارىماققا باشقا-باشقا سۆز بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە «پۇرچاق ئەپەندى» نىڭ رولىغا چىققۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى: روۋېن ئاتكىنسون (Rowan Atkinson) ، بىراق بۇ ئىسىمنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز، ئەكسىچە «پۇرچاق ئەپەندى» دىگەن ئىسىم چوڭ-كىچىك ھەممىگە تونۇشلۇق، شۇڭا بۇخىلدىكىدەك ئەھۋاللاردا دائىملىق نامىنى سۆزلۈك نامى قىلىپ ھەقىقىي نامىنى مەنىداش سۆز قاتارىغا قوشۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ.
يەنە بىر مىسال : مەنىداش سۆز دىگىنىمىز: ‹ئۈرۈمچى ياخشى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى› دىگەن سۆز بىلەن ‹ياخشى شىركىتى› دىگەن سۆز ئوخشاشلا بىر مەنەنى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا ‹ئۈرۈمچى ياخشى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى› دىگەن سۆزلۈكنىڭ مەنىداش سۆزىگە ‹ياخشى شىركىتى› دەپ قوشۇپ قويۇلسا بولىدۇ.

مەنىداش سۆزنى بۇ يەردىن قوشىسىز !

سۆزلۈك كۆرۈش بېتى ئاستى تەرىپىدە «مەنىداش سۆز» دىگەن ئورۇن بار، شۇ ئورۇندىكى كۆك رەڭلىك «تەھرىرلەش ۋە قوشۇش» دىگەن كونۇپكىنى باسسىڭىز، مەنىداش سۆز قوشۇش رامكىسى ئېچىلىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :

ئىزدە قامۇس سۆزلۈكى

مەنىداش سۆزگە كۆپ سۆز قوشۇشقا بولىدۇ

تۆۋەندىكىسى مەنىداش سۆز قوشۇش كۆزنىكى، ھەر بىر رامكىغا بىردىن، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر سۆزلۈككە 8 مەنىداش سۆز قوشۇشقا بولىدۇ.

ئىزدە قامۇس سۆزلۈكى