مەنە تۈرى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى

مەنە تۈرى دىگەن نېمە؟

مەنە تۈرى دىگىنىمىز ھەرخىل مەنە، ئوخشاش نامدىكى سۆزلۈكلەرنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈدىغان ئىقتىدار بولۇپ، ئىزدە قامۇسىدا بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىتىدار ھېسابلىنىدۇ.
مەسىلەن: «ئاماننىساخان» دىگەن مۇشۇ بىر نامدا، شەخىسمۇ بار، شۇ ناملىق دراما بار، يەنە شۇ نامدا تارىخىي رومانمۇ بار، دېمەك بۇ 3 خىل مەنەدىكى مەزمۇننى ئىزدە قامۇسىغا ئايرىم-ئايرىم سۆزلۈك قىلىپ قوشۇش ئۈچۈن، چوقۇم بۇلارنىڭ نېمە مەنەدىكى سۆزلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشىمىز كېرەك ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك.

مەنە تۈرىنى مۇنداق يازىسىز؟

مىسالغا ئىزدە قامۇسىدىكى «ئاماننىساخان» دىگەن سۆزلۈكنى ئالساق، ھازىر ئىزدە قامۇسىغا «ئاماننىساخان» دىگەن نامدا 2 سۆزلۈك يوللىنىپ بولغان، سىز يېڭىدىن «ئاماننىساخان» ناملىق تارىخى روماننى سۆزلۈك قىلىپ قوشۇپ، بۇ رومان ھەققىدە بايان ئېلىپ بارماقچى بولغان بولسىڭىز، سۆزلۈك قۇرۇش كونۇپكىسىنى چىكىپ، سۆزلۈك ماۋزۇسىنى يېزىش بېتىگە كىرىپ، رامكىغا «ئاماننىساخان» دەپ يېزىپ «سۆزلۈك قۇرىمەن» كونۇپكىسىنى باسقاندىن كىيىن، سۆزلۈك يېزىش بېتىگە كىرىسىز، مۇناسىۋەتلىك تۈرنى تاللاپ بېكىتكەندىن كىيىن، تەھرىرلىگۈچ ئۈستى تەرىپىدە تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كۆزنەك كۆرۈنىدۇ ( ھەرقانداق سۆزلۈككە نىسبەتەن ئوخشاش نامدا بۇندىن بۇرۇن ئىزدە قامۇسىدا سۆزلۈك قۇرۇلغانلا بولسا، بۇ مەنە تۈرى قوشىدىغان كۆزنەك ئاپتوماتىك كۆرۈنىدۇ) رەسىمدىكى (بۇ سۆزلۈكنىڭ مەنە تۈرىنى يېزىڭ) دىگەن ئورۇنغا قۇرماقچى بولغان سۆزلۈكىڭىزنىڭ مەنەسىنى يازىسىز.
يەنى: «ئالما» دىگەن سۆزلۈك دەپ پەرەز قىلساق، سىز ياماقچى بولغىنىڭىز «ئالما» ماركىلىق يانفۇنمۇ، ياكى «ئالما» مىۋە-چىۋە تۈرىدىكى ئالما توغرىسىدىكى سۆزلۈك يازماقچىمۇ، ۋە ياكى «ئالما» دىگەن كىنونى يازماقچىمۇ دىگەندەك. رامكا ئاستىدا بۇندىن بۇرۇن ئىزدە قامۇسىغا يوللانغان شۇ نامدىكى سۆزلۈكلەرنىڭ تىزىملىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، شۇلارنى چىكىپ كۆرۈپ بېقىشقا بولىدۇ، ئەگەر سىز يازماقچى بولغان مەنەدىكى سۆزلۈكنى بۇندىن بۇرۇن باشقىلار قۇرۇپ بولغان بولسا، سىزنىڭ يېڭىدىن ئوخشاش مەنەدىكى سۆزلۈكنى قايتا قۇرىشىڭىز ھاجەتسىز.
ئەگەر سىز يازماقچى بولغان مەنەدىكى سۆزلۈكنى باشقىلار يوللاپ بولغان بولسا، سىز شۇ سۆزلۈكنى تەپسىلىي كۆرۈپ، خاتا ياكى تۈزىتىشكە تىگىشلىك دەپ قارىغان نوقتىلار بولسا، ۋەياكى شۇ سۆزلۈككە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر قوشۇلمىغان بولسا ياكى سىزدە شۇ سۆزلۈككە قوشۇلغاندىن باشقا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر بار بولسا «تەھرىرلەيمەن» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ كىرىپ تەھرىرلەش ئېلىپ بارسىڭىز بۇلىدۇ.

ئىزدە قامۇس سۆزلۈكى

مەنە تۈرىنىڭ بەت يۈزىدە كۆرۈنىشى

مەنە تۈرى سۆزلۈك كۆرۈۋاتقان ۋاقتىمىزدا سۆزلۈكنىڭ ئەڭ ئۈستى تەرەپتىكى رامكىدا كۆرسىتىلىپ تۇرىدۇ، ھەمدە شۇ ئۇلانمىلارنى چىكىپ ئوخشاش نام باشقا مەنەدىكى سۆزلۈكلەرنى كۆرۈشكە بولىدۇ

ئىزدە قامۇس سۆزلۈكى