سۆزلۈككە رەسىم ۋە ئالبۇم قوشۇش

سۆزلۈك رەسىمى

سۆزلۈك رەسىمى سۆزلۈك قىسقىچە چۈشەندۈرۈش رەسىمى، سۈرەت ۋە ۋىدىيو بۆلىكىگە قوشۇلىدىغان ئالبۇم، سۈرەت ۋە ھەرقايسى مۇندەرىجە بۆلەكلىرىگە قوشۇلغان ماس ھالدىكى سۈرەت-رەسىملەرنى كۆرسىتىدۇ. سۈرەت بىلەن ئالبۇمغا رەسىم ۋە رەسىم چۈشەندۈرۈشى قوشۇشقا بولىدۇ. سۈزۈك، ئېنىقلىقى يۇقۇرى سۈرەت قوشۇلغان سۆزلۈكلەرنىڭ ئېرىشىدىغان جۇغلانما، تەجىرىبە نومۇرىمۇ كۆپ بولىدۇ، ھەمدە بۇنداق سۆزلۈكلەر زىيارەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا ئېرىشەلەيدۇ.

سۆزلۈك رەسىمىگە قويۇلىدىغان تەلەپ

1. قوشۇلغان رەسىم ۋە رەسىم چۈشەندۈرۈلىشى چوقۇم سۆزلۈك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى، سۆزلۈك مەزمۇنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان بولىشى كېرەك

2. قوشۇلغان رەسىم ئېنىق، پەرىقلەندۈرگىلى بولىدىغان رەسىم بولىشى كېرەك

3. رەسىمگە بەك چوڭ ياكى بەك كۆپ ماركا، Logo ئۇرۇلمىغان بولىشى كېرەك

4. رەسىم ۋە رەسىم چۈشەندۈرۈشىگە تور ئادرېسى، تېلېفۇن نومۇرى، ئىلخەت، QQ( چ چ ) ياكى باشقا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قوشۇلغان رەسىملەرنى قوشۇشقا بولمايدۇ.

لاياقەتسىز رەسىم سۈپەتلىك رەسىم
ئىزدە قامۇس سۆزلۈكى ئىزدە قامۇس سۆزلۈكى

5. مەزمۇنى ساغلام بولمىغان، دۆلەت ۋە جەمئىيەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان رەسىملەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
6.مىللىي بۆلگۈنچىلىك تۈسىنى ئالغان، دىنىي ئەسەبىيلىك تۈسىنى ئالغان رەسىملەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
7. رەسىمنىڭ ھەقىقىي، چىنلىقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ، كىرۈشتۈرۈپ ئىشلىگەن ساختا رەسىملەرنى يوللىماڭ
8. ھەددىدىن زىيادە كىچىك، پايدىلىنىش قىممىتى تۆۋەن رەسىمنى يوللىماڭ.

رەسىم ئورنىنى مۇۋاپىق بېكىتىڭ

قىستۇرغان رەسىم ئورنى سۆزلۈكنىڭ كۆرۈنمە ھالىتىگە بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭا رەسىم قىستۇرغان ۋاقىتتا مۇۋاپىق ئورۇننى تاللاش مۇھىم.

رەسىم يوللاش رامكىسىدا رەسىم ئورنىنى بېكىتىش ئىقتىدارى، سىز بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق رەسىم ئونىنى ئوڭغا، سولغا، ئۈستىگە، ئاستىغا قىىلىپ بېكىتەلەيسىز.



رەسىمنى قانداق قوشىمىز؟

ئىزدە قامۇس سۆزلۈكى

يۇقارقى رەسىمدە يورۇتۇلغان «رەسىم» دىگەننى چەككەندىن كىيىن ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك كۆزنەك كۆرۈنىدۇ. شۇنىڭدىكى «رەسىم تاللاڭ» دىگەننى بېسىپ، قوشماقچى بولغان رەسىمنى كۆرسىتىپ بېرىسىز.

ھازىرچە ئىزدە قامۇسىغا jpg、gif、bmp、tif, قاتارلىق فورماتتىكى رەسىملەرنى يوللاشقا بولىدۇ. رەسىم چوڭلۇقى 5M دىن چوڭ بولماسلىقى كېرەك.

ئىزدە قامۇس سۆزلۈكى

رەسىم يوللىغاندا ھەر بىر پارچە رەسىمگە مۇۋاپىق «رەسىم چۈشەندۈرۈشى» قوشۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

رەسىم يوللاپ بولغاندىن كىيىن «كىيىنكى قەدەم» گە ئۆتۈشتىن ئىلگىرى سىز رەسىمنىڭ ئورنىنى بېكىتەلەيسىز. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

ئىزدە قامۇس سۆزلۈكى

رەسىم يوللىغاندا تۆۋەندىكى نوقتىلار دىققەت قىلىڭ

رەسىم يوللانغاندا سېستىما رەسىمنى ئاپتوماتىك تەڭ نىسبەتتە كىچىكلىتىپ كۆرسىتىدۇ، بىراق ئەنسىرمەڭ، سۆزلۈك يوللانغاندىن كىيىن رەسىمنى چەكسىڭىز ئەسلىدىكى چوڭ رەسىم كۆرۈنىدۇ.

ھەرقايسى بۆلەكلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، شۇ مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان رەسىملەرنى تاللاپ قوشسىڭىز بۇلىدۇ.

ئالبۇم دىگەن نېمە؟

ئالبۇم بىرقانچە پارچە رەسىمنى بىر رامكا ئىچىگە يوللاشنى كۆرسىتىدۇ، (خۇددى ئۆيىمىزدىكى رەسىم ئالبۇمىغا ئوخشاش)، ئەگەر سۆزلۈككە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر كۆپ بولسا، رەسىملەرنى تۈرگە ئايرىپ، ھەر بىر تۈرنى بىر ئالبۇم قىلىپ يوللىسىڭىز بولىدۇ.

ئالبۇمغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر

1. ئالبۇمغا قوشۇلغان رەسىملەر چوقۇم ئىزدە قامۇسى رەسىم قوشۇش ئۆلچىمىگە لايىق بولىشى، ئېلان تۈسىنى ئالمىغان بولىشى كېرەك.
2. ئالبۇمدىكى رەسىملەر بلەن سۆزلۈك مۇناسىۋەتلىك بولىشى كېرەك، يېزىۋاتقان سۆزلۈكىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز رەسىملەرنى ئالبۇمغا يوللاشقا بولمايدۇ.
3. يەككە بىر تاللا رەسىمنى ئالبۇم قىلىپ قۇرۇشقا بولمايدۇ، ئەگەر شۇ بۆلەككە مۇناسىۋەتلىك رەسىمدىن بىر پارچىلا بولسا، ئالبۇم قۇرماي، رەسىم يوللاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ رەسىم يوللىسىڭىز بۇلىدۇ.
4. ئالبۇمغا قوشۇلغان رەسىملەر چوقۇم ھەممىسى سۆزلۈككە مۇناسىۋەتلىك بولىشى كېرەك، باشقا مۇناسىۋەتسىز رەسىملەرنى ئارىلاشتۇرۇپ قوشۇشقا بولمايدۇ.
مۇناسىۋەتسىز رەسىملەرنى قوشماقاڭ:

ئىزدە قامۇس سۆزلۈكى

6. ئالبۇمدىكى رەسىملەرنىڭ ھەر بىرىگە ماس كېلىدىغان ئايرىم-ئايرىم چۈشەندۈرۈش يېزىڭ

7. سۆزلۈككە قوشقان رەسىملىرىڭىز ئىمكان بار تەكرار قوشۇلمىسۇن.
ئالبۇملارنى مۇندەرىجە ماۋزۇسىغا ئاساسەن يوللىسىڭىز بولىدۇ، مەسىلەن: «ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق چاغلىرى» «ئابدۇللا ئابدۇرېھىم يىپەك يولى ساداسى پىروگراممىسىدا» «ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ۋە ئائىلىسىدىلەر» دىگەنگە ئوخشاش
8. بىر ئالبۇمغا 5-20 گىچە رەسىم قوشۇشنى، بىر سۆزلۈككە ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 ئالبۇم قوشۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئالبۇمنى قانداق قوشىمىز؟

تۆۋەندىكى رەسىمدە يورۇتۇلغان «ئالبۇم» دىگەننى چەككەندىن كىيىن ئالبۇمغا رەسىم يوللاش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ.

ئىزدە قامۇس سۆزلۈكى

ئاستىدىكىسى ئالبۇم يوللاش كۆزنىكى كۆرۈنمە ھالىتى، ئالبۇم يوللاش كۆزنىكىدىكى «يوللاڭ» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ، ئالبۇمغا قوشماقچى بولغان رەسىملەرنى تاللاپ رەسىم يوللىسىڭىز بۇلىدۇ، رەسىملەر يوللىنىپ بولغاندا، ئاستى تەرەپتىكى «جەزىملە» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ئالبۇم قوشۇشنى تاماملىسىڭىز بۇلىدۇ.

ئىزدە قامۇس سۆزلۈكى