پايدىلانغان ماتېرىيال ۋە دەلىل كۆرسىتىش

دەلىل دىگەن نېمە؟

دەلىل سۆزلۈكتىكى مەزمۇنلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى كۆرسىتىپ ( دەلىللەپ بېرىشنى )كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە مەزمۇنلارنىڭ قايسى كىتاب،ژورنالدىن كەلگەنلىكىنى ياكى قايسى توربېكىتىدىن ئېلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىسىز.ئەگەر شۇ ماتېرىياللارنىڭ توردا كۆرۈش ئادرېسى بولسا چوقۇم ئۇلانمىسىنى كۆرسىتىپ بېرىسىز.

دەلىل ئىقتىدارىنى قانداق ئىشلىتىمىز ؟

تۆۋەندىكى رەسىمدە يۇرۇتۇلغان «دەلىل» كونۇپكىسىنى باسسىڭىز، «دەلىل» قوشۇش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ.

ئىزدە قامۇس سۆزلۈكى

تۆۋەندىكى رەسىم «دەلىل» قوشۇش كۆزنىكى، سىز بۇ كۆزنەكتىكى «ماتېرىيال ھەققىدە» دىگەن ئورۇنغا پايدىلانغان ماتېرىيالنىڭ نامى، ياكى تېما، ماقالە ماۋۇزسىنى يازىسىز، ئەگەر توردا كۆرۈش ئادرېسى بار بولسا «تور ئادرېسى» دىگەن ئورۇنغا ئۇلانما ئادرېسىنى قوشىسىز.



ئىزدە قامۇس سۆزلۈكى

ئىزدە قامۇسىغا قوشۇلغان مەزمۇنلار چوقۇم چىن، ھەقىقىي مەزمۇنلار كېرەك، ھەمدە بۇنى جامائەت ئېتىراپ قىلىشى كېرەك، شۇڭا دەلىل ئىسپاتى يوق، ئۆزىڭىزنىڭ شەخسى كۆز قارىشىنى ئىزدە قامۇسىغا قوشۇشقا بولمايدۇ.

ئىزدە قامۇسى خەۋەر تارقىتىدىغان ئورۇن ئەمەس، ئىزدە قامۇسى پەقەت ھازىرغىچە بار بولغان بىلىم ۋە ماتېرىياللارنىڭ توپلانغان جايى، بارلىق مەزمۇنلارنىڭ ئۇچۇق-ئاشكارە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا يازغان مەزمۇنىڭىزنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە سۆزلۈك يېزىشتا پايدىلانغان ماتېرىياللارنى چوقۇم ئاشكارىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ.