سۆزلۈك قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى يېزىش ھەققىدە

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش دىگەن نېمە؟

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش سۆزلۈكنىڭ ئەڭ ئۈستى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، سۆزلۈكنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن تەركىپ تاپقان، سۈكلۈكنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىغان قىسقىچە باياننى كۆرسىتىدۇ. قىسقىچە مەزمۇن ياخشى يېزىلسا ئىسلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن سۆزلۈكنىڭ جەلب قىلىش كۈچى ئاشىدۇ.

قىسقىچە مەزمۇننى قانداق شەكىلدە يازىمىز؟

قىسقىچە مەزمۇنغا نامى، يىلنامە، رايون، كەسپى، يەرمەيدانى، نوپۇسى قاتارلىق مۇھىم ئاساسىي ئۇچۇرلارنى يېزىش ئەڭ مۇۋاپىق

شەخسلەرگە نىسبەتەن

ئازراق، گەۋدىلىك نوقتىلارنى يازسىڭىز بولىدۇ

 

مەمۇرىي رايونلارغا نىسبەتەن

ئىزدە قامۇس سۆزلۈكى

نىمە ئۈچۈن سۆزلۈككە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش يازىمىز؟

قىسقىچە مەزمۇن بىر قىسىم تىز سۈرئەتتە سۆزلۈك ئۇچۇرىنى ئىگەللەش ئىھتىياجى ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. قىسقىچە چۈشەندۈرۈش ياخشى يېزىلغان بولسا ئىسلەتكۈچىلەر قىسقىچە چۈشەندۈرۈشنى ئوقۇپلا سۆزلۈكنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولالايدۇ. ھەمدە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سۆزلۈككە بولغان قىزغىنلىقى ۋە ئىچكىلەرپ تەپسىلىي ئوقۇشىغا تۈرتكە بولالايدۇ.


دىققەت: ھەممىلا سۆزلۈككە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش يازغىلى بولىشى ناتايىن

ئەگەر سۆزلۈك مەزمۇنى ناھايىتى ئاز بولغان شارائىتتا ياكى مەلۇم ئالاھىدە سۆزلۈكلەرگە نىسبەتەن قىسقىچە چۈشەندۈرۈش يازغىلى بولىشى ناتايىن، بىراق مۇرەپككەپ، سۆزلۈك تېكست قىسمى كۆپ سۆزلۈكلەرگە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش يېزىش ئىنتايىن مۇھىم.

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش يازغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش چوقۇم يىغىنچاقلانغان، ئاددىي، چۈشىنىشلىك يېزىلىشى كېرەك

ۋاقىتنى قانداق يازىمىز؟

سۆزلۈكتە ئېنىق بولمىغان، غۇۋا مەنە بېرىدىغان ۋاقىت ئىنىقلىمىلىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، يەنى: بۈگۈن، يېقىندىن بېرى، ئالدىنقى ئايدا دىگەنگە ئوخشاش، ۋاقىت چپقۇم ئېنىق يىل ئاي كۈن بويىچە يېزىلىشى كېرەك، مەسىلەن: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نوقتا

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش يازغاندا ئىمكان بار جۈملىنىڭ باشلىنىشىدىلا چىسلا بىلەن يېزىشنى باشلىماڭ ، چۈنكى قامۇس سۆزلىكى خەۋەر ئەمەس، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قىزىقىدىغىنى ئومۇمىي مەزمۇنى.

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش مەزمۇنىنىڭ ئۇزۇنلىقى

قىسقىچە مەزمۇنغا كۆپ بولغاندا 400 ھەرپلىك مەزمۇن يېزىشقا بولىدۇ.