ئىزدە قامۇسىنى قوللاڭ

ئىزدە قامۇسى ئومۇمىيلىق ۋە يۈكسەك غايىنى نىشان قىلىپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان ئاساستا، زور ۋاقىت، ئادەم كۈچى ۋە مەبلەغ سەرپ قىلىپ، ئۇيغۇر ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بولغان بۇ بوشلۇقنى تولدۇردى، بىراق ئىزدە قامۇسىنى نىشاندىكى مەخسەتكە يەتكۈزۈش ئۈچۈن جەمئىيەتتىكى (ئىزدە قامۇسى) رولىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن ۋە قوللايدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشىغا توغرا كېلىدۇ.

قوللاش-ھەمكارلىشىش شەكلى

ئۇچۇر، مەلۇمات تەمىنلەڭ

توربېكەت ساندانى تەمىنلەڭ
يۇمشاق دېتال ساندانىنى تەمىنلەڭ
ئۇچۇر مەنبەسى بىلەن تەمىنلەڭ

كىتاب-ماتېرىيال تەمىنلەڭ

كونا كىتاب ژورنال تەمىنلەڭ
بۇرۇنقى مەكتەپ دەرسلىك كىتابلىرى
تەبىئەت، ئىلىم-پەنگە ئائىت ئوقۇشلۇق

سۈرەت، رەسىم تەمىنلەڭ

تارىخى شەخسلەرنىڭ سۈرەتلىرى
رەسىم قوشۇلمىغان سۆزلۈكلەرنىڭ
رەسىملىرى بار بولسا تەمىنلەڭ

كۈچ چىقىرىڭ

ئىزدە قامۇسىغا سۆزلۈك قوشۇڭ
ياخشى يېزىلمىغان سۆزلۈكنى
تەھرىرلەپ تولۇقلاپ قويۇڭ

ھەمكارلىشىپ پائالىيەت قىلىڭ

مۇكاپات بويۇمى بىلەن تەمىنلەڭ
مۇكاپات سوممىسى بىلەن تەمىنلەڭ
ماركىڭىزنى تەشۋىق قىلىڭ
 

باشقا ياردەملەر

ئويلىشىۋاتىمىز ..
 

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقانداق

قانداق ئۇچۇر، مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىسەم بولىدۇ ؟

سىز توربېكەت قۇرغۇچىسى بولۇڭ، ياكى يۇمشاق دېتال ئاچقۇچى بولۇڭ، ئەگەر سىزدە قامۇسقا كىرگۈزۈشكە ماس كېلىدۇ دەپ قارىغان ئۇچۇرلار بولسا، بىزنى ساندان بىلەن تەمىنلىسىڭىز، بىزنىڭ تەھرىر خادىملار ئۇچۇر كېلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا «ئىزدە قامۇسى» غا رەتلەپ كىرگۈزىدۇ.

قانداق كىتاب ماتېرىيال تەمىنلىسەم بولىدۇ؟ قانداق يەتكۈزۈپ بېرىمەن؟

قانونلۇق نەشىر قىلىنغان ھەرقانداق كىتاب، ژورناللار بىلەن تەمىنلىسىڭىز بولىدۇ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك ئوقۇشلۇقلىرى بولسىمۇ بۇلىۋېرىدۇ، كىتابنى تىز يەتكۈزۈش ياكى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بېكىتى ۋەياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن بىزنىڭ ئادرېسىمىزغا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ، مۇشۇ بەتنىڭ ئاستىدا ئادرېسىمىزنى قالدۇردۇق، شۇ ئادرېسقا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.

رەسىملەرنى قانداق يەتكۈزۈپ بېرىمەن؟

ئەگەر سىز تەمىنلىمەكچى بولغان رەسىملەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى بار بولسا ئىلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى بولمىسا پوچتا ، تىز يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.(ئىلخەت ئادرېسىمىز: ( wiki@yahxi.com )

مەن كۈچ چىقىرىشنى خالايمەن، نېمە ئىشلارنى قىلسام بولىدۇ؟

«ئىزدە قامۇسى» ئۇچۇق ئېنسىكلوپېدىيە بولۇپ، ھەرقانداق بىر كىشى ئۆزىدە بار بولغان ماتېرىياللارنى قامۇس ئۆلچىمى بويىچە سۆزلۈك قۇرۇپ كىرگۈزسە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سىز يەنە «ئىزدە قامۇسى» غا يوللىنىپ بولغان سۆزلۈكلەر ئىچىدە تولۇقلاشقا، تۈزىتىشكە تىگىشلىك دەپ قارىغان سۆزلۈكلەرنى ئۇچراتقاندا «تەھرىرلەيمەن» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ كىرىپ، سۆزلۈكنى تولۇقلىسىڭىز، ياكى رەتلەش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.

قامۇس يېزىش ۋە تەھرىرلەش ئىشلىردىن باشقا يەنە قانداق شەكىلدە قوللاشقا بولىدۇ؟

توربېكەت، ئەپ قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىڭىزدا ياكى كىتابخانا، مېھمانخانا، دۇكان-ساراي، ئاشخانا قاتارلىق ئورۇنلاردا تەشۋىقات ئىشلىرىمىزغا ياردەم قىلسىڭىز بولىدۇ. «ئىزدە قامۇسى» ھەممە ئورتاق پايدىلىنىدىغان تور كۈتۈپخانىسى.

ھەمكارلىشىپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈش قانداق بولىدۇ؟

«ئىزدە قامۇسى» قامۇس يازغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئەجرىگە لايىق مۇكاپاتلاش ئۈچۈن، ئەزالارنىڭ سۆزلۈك يازغان ۋە تەھرىرلەش ئېلىپ بارغاندىكى مەشخۇلاتلىرىغا قارىتا جۇغلانما نومۇر ھېسابلاپ، خاتىرىلەپ ماڭىدۇ ۋە جۇغلانمىلارنى مۇكاپات بويۇمىغا ئالماشتۇرىدىغان سەھىپە يولغا قويغان بولۇپ، ئەگەر سىز ئىزدە قامۇسىنى قوللىسىڭىز ۋە مەھسۇلاتىڭىزنى تەشۋىق قىلماقچى بولسىڭىز، بىز بىلەن ھەمكارلىشىپ مۇكاپات بويۇملىرى ياكى مۇكاپات سوممىسى بىلەن تەمىنلىسىڭىز بولىدۇ. تەپسىلاتىنى ئوڭ تەرەپ تىزىملىكتىكى (بىز بىلەن ھەمكارلىشىڭ) دىگەن بېسىپ كىرىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.

ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى

ئىلخەت: wiki@yahxi.com

تېلېفۇن: 0991-2556673

يانفۇن: 18999988404

ئادرېس: ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى داۋان جەنۇبىي يولى 909 نۇمۇر (جىڭيۈۆۋەن) ھىلال ئاي گۈللىكى 5-بىنا 3-دۇكان