شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ زېمىن بايلىقىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش نىزامى

زېمىن بايلىقىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ زېمىن بايلىقىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش نىزامى 2009–يىلى 11–ئاينىڭ 27–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15–يىغىنىدا ماقۇللانغان. 

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ زېمىن بايلىقىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2009–يىلى 11–ئاينىڭ 27–كۈنى
ھۆججەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16–نومۇرلۇق ئېلانى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区国土资源监督检查条例
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16–نومۇرلۇق ئېلانى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ زېمىن بايلىقنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش نىزامى» 2009–يىلى 11–ئاينىڭ 27–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15–يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ھازىر ئېلان قىلدۇق.

2009–يىلى 11–ئاينىڭ 27–كۈنى

1–ماددا بۇ نىزام زېمىن بايلىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قېزىلما بايلىق قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2–ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە يەر، قېزىلما بايلىققا دائىر قانۇن-نىزاملارنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە مۇشۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ.

بۇ نىزامدا ئېيتىلغان زېمىن بايلىقىنى نازارەت قىلىپتەكشۈرۈش زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئورۇنلار ياكى شەخسلەرنىڭ يەر، قېزىلما بايلىققا دائىر قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، يەر، قېزىلما بايلىققا دائىر قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشنى بىر تەرەپ قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

3–ماددا زېمىن بايلىقىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىدە قانۇنغا ئاساسلىنىش، ئادىل، لىللا، ئاشكارا بولۇش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

4–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى زېمىن بايلىقىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى زېمىن بايلىقىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە تەشكىللىشى، ماسلاشتۇرۇشى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى ھەمدە مەمۇرىي رەھبەرلىك جاۋابكارلىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك.

يېزىلىق(بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ناھىيىلىك(شەھەرلىك) زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ زېمىن بايلىقىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

5–ماددا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، بىڭتۇەننىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى يەرنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى مۇشۇ نىزامبويىچە ئادا قىلىدۇ، ئۇنىڭ يەرنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى كەسپىي جەھەتتە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ. بىڭتۇەن شىلىرىدىكى يەرنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاپپاراتى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ كەسپىي يېتەكچىلىكى ۋە نازارەتچىلىكىدە بولىدۇ.

بىڭتۇەن سىستېمىسى شەھەر پىلانلانغان رايوندا ئىشلەتكەن يەرنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئادا قىلىدۇ.

6–ماددا ناھىيە(شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىسلاھات-تەرەققىيات، مەمۇرىي تەپتىش، جامائەت خەۋپسىزلىكى، مۇھىت ئاسراش، سودا– سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، كۆمۈر سانائىتى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، زېمىن بايلىقى دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىش بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمى، بىرلىشىپ دېلو بېجىرىش تۈزۈمى ۋە دېلونى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىشى كېرەك.

7–ماددا ناھىيە(شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى زېمىن بايلىقىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ، كونكرېت خىزمەتلەرنى زېمىن بايلىقىغا دائىر قانۇن ئىجراسى مەمۇرىي تەپتىش ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىدۇ.

8–ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ زېمىن بايلىقىغا دائىر قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتى بار، ئۇلار زېمىن بايلىقىغا دائىر قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشقا، شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرىزېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پاش قىلىش تېلېفونى ۋە ئېلېكتىرون خەت ساندۇقىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

ناھىيە(شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پاش قىلىنغان، شىكايەت قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ زور قىلمىشلاردىن تەكشۈرۈشتە راست بولۇپ چىققانلىرىدا پاش قىلغۇچى ۋە شىكايەت قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلىشى كېرەك. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ پاش قىلغۇچى، شىكايەت قىلغۇچىدىن ئۆچ ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پاش قىلغۇچى، شىكايەت قىلغۇچىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قاتتىق مەخپىي تۇتۇشى، پاش قىلغۇچى، شىكايەت قىلغۇچىنى قوغدىشى كېرەك.

9–ماددا ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۆۋەندىكى دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ:

(1) ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىلىرىنىڭ يەر ئىگىلەشنى قانۇنغا خىلاپ ياكى ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ تەستىقلىغان دېلولار؛

(2) ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ قېزىلما بايلىقنى چارلاشنى قانۇنغا خىلاپ تەستىقلاش ياكى قېزىشنى ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ تەستىقلاش دېلوسى؛

(3) ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە تەسىرى چوڭ دېلولار؛

(4) ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى گوۋۇيۈەننىڭ زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېجىرىشكە تاپشۇرغان دېلولار.

10–ماددا ئوبلاستلىق، شەھەرلىك(ۋىلايەتلىك) زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى تۆۋەندىكى دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ:

(1) ناھىيەلىك(شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر ئىگىلەشنى قانۇنغا خىلاپ تەستىقلاش ياكى ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ تەستىقلاش دېلولىرى؛

(2) ناھىيەلىك(شەھەرلىك) زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ قېزىلما بايلىق چارلاشنى قانۇنغا خىلاپ تەستىقلاش ياكى قېزىشنى ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ تەستىقلاش دېلولىرى؛

(3) شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە تەسىرى چوڭراق دېلولار؛

(4) شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېجىرىشنى تاپشۇرغان دېلولار.

11–ماددا ناھىيىلىك (شەھەرلىك) زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى دېلولارنى ياكى يۇقىرىدىن بېجىرىشكە تاپشۇرغان دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

12–ماددا زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ئارا دېلو باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىدا تالاش-تارتىش كۆرۈلگەندە، باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى ئۇلار ئورتاق قارايدىغان بىر دەرىجە يۇقىرى زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېكىتىپ بېرىدۇ؛ يۇقىرى دەرىجىلىك زېمىن بايلىقى مەسئۇل تارمىقى زۆرۈر تاپقاندا، تۆۋەن دەرىجىلىك زېمىن بايلىقى مەسئۇل تارمىقىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى دېلولارنى بىۋاسىتە بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.

13–ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى تۆۋەندىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇق دائىرىسىدە قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ:

(1) يەر ئىشلىتىشنى ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ تەستىقلاش ياكى يەرنى ئىشلىتىش ئومۇمىي پىلانىدا بېكىتىلگىنى بويىچە تەستىقلىماسلىق؛

(2) يەرنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ ياكى ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق تەستىقلىتىپ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش؛

(3) يەرنى تەستىقلانغان ئىشلىتىش ئورنى بويىچە ئىشلەتمەسلىك ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتىن ئاشۇرۇپ تاشلاپ قويۇش؛

(4) يەرنى ئېلىپ-سېتىش ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىش؛

(5) چارلاش ئىجازەتنامىسى، قېزىش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چارلاش، قېزىش ياكى تەستىقلانغان دائىرىدىن ھالقىپ چارلاش، قېزىش؛

(6) يەرنى دائىرىلىۋېلىپ چارلىماسلىق، چارلاش ئورنىدا قېزىش ياكى بېكىتىلگەن چارلاش لايىھەسى بويىچە چارلىماسلىق؛

(7) قېزىلما بايلىقنى چارلاش، قېزىش ھوقۇقىنى قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىش؛

(8) قېزىلما بايلىق قېزىشتا تەستىقلانغان ئېچىپ پايدىلىنىش لايىھەسىنى قايرىپ قويۇش؛

(9) گېئومۇھىت، گېئوئىزنى بۇزۇش؛

(10) زېمىن بايلىقىغا دائىر قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ باشقا قىلمىشلار.

14–ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ھەرىكەتچان تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، زېمىن بايلىقىغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ۋاقتىدا بايقىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلىرى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي خاتىرىلىشى، تەكشۈرۈش دەپتىرى ۋە كۈندىلىك خاتىرە تۇتۇشى كېرەك.

15–ماددا زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلىرى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا ئىككىدىن كەم بولماسلىقى ھەمدە رەتلىك كىيىنىشى، قانۇننى مەدەنىي ئىجرا قىلىشى، قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى، قېلىپلاشقان قانۇن ئىجرا قىلىش ھۆججىتىنى ئىشلىتىشى كېرەك.

16–ماددا ناھىيە(شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇن ئىجرا قىلىش ئاساسى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش تەرتىپىنى ئاشكارىلاپ، قانۇن ئىجراسى جاۋابكارلىق تۈزۈمى ۋە خاتالىق جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى ھەمدە جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

17–ماددا ناھىيە(شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ:

(1) تەكشۈرۈلىدىغان ئورۇن ياكى شەخسلەردىن ئالاقىدار مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىش؛

(2) ئالاقىدار ھۆججەت، كىنىشكا، ھېسابات دەپتىرى، مەلۇمات جەدۋىلى قاتارلىق ماتېرىياللارنى كۆرۈش، كۆپەيتىۋېلىش؛

(3) تەكشۈرۈلىدىغان نەق مەيدانغا كىرىپ تەكشۈرۈش؛

(4) قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى، دەپ گۇمان قىلىنغان ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ تەستىق، تىزىم رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرمەسلىك؛

(5) قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان گۇماندارنى تەكشۈرۈش مەزگىلىدە دېلوغا ئالاقىدار بۇيۇم قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى بۇزۇۋەتمەسلىك، سېتىۋەتمەسلىك، يۆتكىۋەتمەسلىككە بۇيرۇش؛ قانۇن بويىچە ئالدىن تىزىملاپ ساقلاپ قويۇش؛

(6) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىشقا بۇيرۇش؛ توختاتمىغانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا سالغان ئىمارىتى، يەر يۈزىدىكى قوشۇمچە نەرسە ۋە باشقا ئەسلىھەلىرىنى چېقىۋېتىش؛ زۆرۈر تېپىلغاندا قانۇنغا خىلاپ ھەرىكىتىگە ئىشلەتكەن ماشىنا، سايمان، ئۈسكۈنە ۋە بىناكارلىق ماتېرىيالى قاتارلىق ئەسلىھەلىرىنىمۇ پېچەتلەش ياكى تۇتۇپ قىلىش؛

(7) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا تەدبىرلەر.

18–ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پېچەتلەش، ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشتا، شۇ تارماقنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

پېچەتلەنگەن، ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىنغان نەرسىنى زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ساقلاپ قويىدۇ،ساقلاپ قويغان مەزگىلدە شۇ نەرسىنى ئۆتۈنۈپ بەرمەسلىك، يۆتكىۋەتمەسلىك، بۇزۇۋەتمەسلىك، دېلو ئاياغلاشقاندا قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛ ئوبدان ساقلىماي زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

19–ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.

مەمۇرىي جازا قارارى چىقارغاندا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئالاقىدارلارغا ئىسپات ئاڭلاشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك؛ ئالاقىدارلار ئىسپات ئاڭلاشنى تەلەپ قىلسا، ئىسپات ئاڭلاشقا تەشكىللەش لازىم:

(1) شەخسكە 500 يۈەن، ئورۇنغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى جەرىمانە قويۇلىدىغان بولسا؛

(2) چارلاش ئىجازەتنامىسى، قېزىش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدىغان بولسا؛

(3) يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىنىدىغان بولسا؛

(4) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

20–ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى زېمىن بايلىقىغا دائىر قانۇن– نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىغاندا، نەق مەيدانغا ۋاقتىدا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، دېلو ئېچىلغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىشى كېرەك؛ دېلو مۇرەككەپ بولسا، شۇ تارماقنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن، 30 كۈن ئۇزارتىلسا بولىدۇ. سۈرۈكى ئۇزارتىلغان دېلولارنى بىر دەرىجە يۇقىرى زېمىنبايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

21–ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۆۋەن دەرىجىلىك زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى زېمىن بايلىقىغا دائىر دېلولارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغانلىقىنى بايقىسا، سۈرۈك ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرۇشى كېرەك؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ بىر تەرەپ قىلمىسا ياكى ئوبدان بىر تەرەپ قىلمىسا، مۇشۇ نىزامنىڭ 11-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىنى تەتبىقلاپ بىر تەرەپ قىلسا ھەمدە بىۋاسىتە مەسئۇل خادىم ۋە باشقا جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرسە بولىدۇ.

22–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ زېمىن بايلىقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە مەسئۇل خادىم ۋە باشقا جاۋابكارلارنى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ:

(1) شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە زېمىن بايلىقىغا دائىر دېلو سادىر قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛

(2) زېمىن بايلىقىغا دائىر دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئارىلىشىۋېلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛

(3) زېمىن بايلىقىغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى توسمىغان، بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇيۇشتۇرمىغانلار؛

(4) زېمىن بايلىقىغا دائىر دېلولارنى مەلۇم قىلمىغان، يالغان مەلۇم قىلغان، باستۇرۇپ قويغانلار.

زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرىدىن خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زېمىن بايلىقىنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپ قىلمىشىنى بايقىغانلىرى تۈزىتىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىشى؛ تۈزەتمىسە، بىر دەرىجە يۇقىرى زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا سۇنۇشى كېرەك.

23–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن ياكى زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرىدىن يەر ئېلىش، يەر ئىشلىتىش ياكى قېزىلما بايلىقنى چارلاش، ئېچىش ھوقۇقىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا تەستىقلىغانلىرىنىڭ تەستىق ھۆججىتى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، مەسئۇل تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى بىۋاسىتە مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

قانۇنغا خىلاپ تەستىق بىلەن ئېلىنغان ۋە ئىشلىتىلگەن يەر ياكى قېزىلما بايلىقنى چارلاش، قېزىش ھوقۇقى قايتۇرۇۋېلىنىدۇ، ئالاقىدارلارغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئالاقىدارلاردىن قايتۇرمىغانلىرى قانۇنسىز يەر ئىگىلىگەن ياكى قانۇنسىزچارلىغان، قازغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

24–ماددا ناھىيە(شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەمۇرىي جازا بېرىشتە تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، مەسئۇل تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى بىۋاسىتە مەسئۇل خادىم ۋە باشقا جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ:

(1) قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازا ئاساسى بولماسلىق؛

(2) مەمۇرىي جازانىڭ تۈرىنى ۋە دائىرىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋېتىش؛

(3) قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازا تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلىش؛

(4) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

25–ماددا ناھىيە(شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، زېمىن بايلىقى قانۇن ئىجراسى مەمۇرىي تەپتىش ئاپپاراتىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا مەسئۇل تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلماي، دېلونى تەكشۈرۈش، قاراپ چىقىشتا چوڭ سەۋەنلىك پەيدا بولۇشقا سەۋەبچى بولغانلار؛

(2) دېلو ماتېرىيالىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر؛

(3) دەلىل-ئىسپاتنى ئويدۇرۇپ چىققان،يوقىتىۋەتكەن، يوشۇرۇۋالغانلار؛

(4) ئالاقىدارلارغا دېلو ئەھۋالىنى ئاشكارىلاپ ياكى پاش قىلغۇچى، شىكايەت قىلغۇچىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛

(5) خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشلار.

26–ماددا ناھىيە(شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىدىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى قانۇن قوغدايدۇ. قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئارىلىشىۋېلىپ،كاشىلا سېلىپ ئامانلىق باشقۇرۇش تەرتىپىنى بۇزغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 

27–ماددا بۇ نىزام 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1997-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-يىغىنىدا ماقۇللانغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەر مەمۇرىي تەپتىشلىكى نىزامى» بىكار قىلىنىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uyghur.news.cn/2012-04/26/c_131553704.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#