تۈگمەننىڭ رەسىمى

دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى يانجىپ ئۇن قىلىپ، نان، ئۇنلۇق تاماق قاتارلىق پىششىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلانغان. مۇشۇ ئېھتىياج ئاساسىدا ئۇيغۇرلار ئەڭ دەسلەپ سۇ تۈگمىنىنى كەشپ قىلغان. تۈگمەن ئىنسانلارنىڭ ئوزۇقلىنىش مەدەنىيىتىنى بېيىتىپ، ماددىي تۇرمۇشنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە كۆپ خىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇيغۇرچە نامى تۈگمەن
خەنزۇچە نامى 磨坊

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تارىخ تەتقىقاتچىلىرى تارىم بوستانلىقى ئەتراپلىرى دېھقانچىلىق ئىگىلىكىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئانا ماكانلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ھەممىگە ئايانكى، تارىم بوستانلىقىدا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلار مىلادىدىن خېلى بۇرۇنلا شەھەرلىشىپ، كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن ئولتۇراق دېھقانچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىگە قاراپ يۈزلىنىشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ تۈرى كۆپەيگەن. بۇ ھال دان ئايرىش ۋە يانجىش قوراللىرىنى تەقەززا قىلغان. بۇنىڭ بىلەن دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى يانجىپ ئۇن قىلىپ، نان، ئۇنلۇق تاماق قاتارلىق پىششىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلانغان. مۇشۇ ئېھتىياج ئاساسىدا ئۇيغۇرلار ئەڭ دەسلەپ سۇ تۈگمىنىنى كەشپ قىلغان. تۈگمەن ئىنسانلارنىڭ ئوزۇقلىنىش مەدەنىيىتىنى بېيىتىپ، ماددىي تۇرمۇشنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە كۆپ خىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.


تۈگمەننىڭ رەسىمىئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈگمەننىڭ قاچان، قەيەردە ۋە كىم تەرىپىدىن كەشپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە قولىمىزدا مۇكەممەل تارىخىي ماتېرىيال بولىمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ نامى خېلى بۇرۇنقى تارىخىي ماتېرىياللاردا تىلغا ئېلىنىدۇ. كېرىيە ناھىيە بازىرىنىڭ تەخمىنەن ئىككى يۈز ئوتتۇز كىلومېتر جەنۇبىدىكى كېرىيە دەرياسى بويىغا جايلاشقان مارجانلىق خارابىسى(بۇ شەھەر مىلادى VI-IV ئەسىرلەردە خارابىلىككە ئايلانغان) دىن تۆت پاي تۈگمەن تېشى تېپىلغان. تۇرپان ئاستانە ۋە قاراغوجىدىكى IX-IV ئەسىرلەرگە تەئەللۇق قەبرىلەردىن بۇغداي، بۇغداي ئۇنىدىن تەييارلانغان نان، چۆچۈرە قاتارلىق پىششىق يېمەكلىكلەر تېپىلغان.

مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە «ئۈگىتچى» (ئۇن تارتقۇچى، تۈگمەنچى) ، «ئىتەگو» (تۈگمەندە ئۈستىگە ئايلانغۇچى تاش ئورنىتىلغان ياغاچ قۇلاق) ، «قوغۇش» (قوش، نور) ، «تەگىرمەن قوغۇشى» (تۈگمەن نورى) ، «سىبەك» (سۆۋەك) ، «سۈكەن» ، «چىغرى» (تۈگمەن چاقى) ، «تۈشۈرگۈ» (چۈشۈرگە) ، «يارماش ئۇن» (يۇمشاق تارتىلغان ئۇن) ، «تەگىرمەن تىشەدى» (تۈگمەن تېشىنى چەكتى) (مەھمۇت قەشقەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئۇيغۇرچە نەشرى، بىرىنچى توم، 72-، 184-، 478-، 505-، 549-، 637-بەتلەر ۋە ئۈچىنچى توم، 54-، 364-، بەتلەرگە قاراڭ) قاتارلىق سۆزلەر ئۇچرايدۇ. بۇ ھال بىزگە قاراخانىلار دەۋرىدە تارىم ۋادىسىدا تۈگمەننىڭ كەڭ دەرىجىدە ئومۇملىشىپ كەتكەنلىكىنى چۈشۈندۈرۈپ بېرىدۇ. 

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئوزۇقلۇق ئادىتىدە ئۇندىن ياسالغان تاماقلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇ ئەنئەنە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇ ئەھۋالمۇ سۇ تۈگمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كەشپىياتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ

سۇ تۈگمىنىئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈگمەنچىلىك مەخسۇسلاشقان ھۈنەر-كەسپ بولۇپ، سۇ تۈگمىنى ئەمەلىيەتتە، سۇ ئىلمى، مېخانىكا ئىلمى، بىناكارلىق، دېھقانچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، ئىقتىساد قاتارلىق ئىلىم-پەنگە ئالاقىدار بولغان مۇرەككەپ تېخنىكىلىق قۇرۇلما ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئېرىق-ئۆستەڭ شارقىراتمىلىرىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. سۇنىڭ كۆپ-ئازلىقىغا قاراپ بىر تاشلىق تۈگمەن، ئىككى تاشلىق تۈگمەن. . . . دەپ ئايرىلىدۇ. بىر تاشلىق تۈگمەن ئېھتىياجلىق بولغان سۇنىڭ مىقدارى بەلگىلىك بولغاچقا، ئەگەر ئۆستەڭدە ئارتۇق سۇ بولسا تۈگمەن نورىنىڭ يېنىدىكى چۈشۈرگە ئارقىلىق تەڭشەيدۇ. ئادەتتىكى تۈگمەن تۈگمەنخانا(ئۈگۈت تازىلاپ تەييارلانغان دان قويۇش ئۆيى، ئۇن تارتىشقا كەلگەنلەر ياتىدىغان ئۆي ۋە ئۇن تارتىش ئۆيى قاتارلىق بۆلەكلەرگە بۆلۈنىدۇ) ، نور، تاقاق، چاق، تاش، سۈكەن، چاناق، چېقىلدۇرۇق، خامپا، ئەلگەك، قوپارغۇ. . . . قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ. تۈگمەنچى بەلگىلىك ھۈنەر-تېخنىكىغا ئىگە بولغان كىشى بولۇپ، ئۇ بەلگىلىك ھۈنەر-تېخنىكىغا ئىگە بولغان كىشى بولۇپ، ئۇ بەلگىلىك قەرەلدە تاشنى چۈشۈرۈپ چېكىپ تۇرىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ سۈپەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان يېزا-كەنتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىدە سۇ تۈگمىنى بولۇپ، زامانىۋى ئۇن زاۋۇتلىرى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن خەلقىمىز ئاساسەن تۈگمەنگە تايىنىپ ئوزۇقلىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. جەنۇبىي شىنجاڭدا «تۈگمەنبېشى» ، «تۈگمەنلىك» ، «ياقىتۈگمەن» ، «تۈگمەنئېرىق» ، «قوشتۈگمەن» ، «سايتۈگمەن» ، «يارتۈگمەن» ، «بەشتۈگمەن» ، «جاڭگالتۈگمەن» ، «قىرىقتۈگمەن» قاتارلىق تۈگمەنگە ئالاقىدار نام بىلەن ئاتىلىدىغان يېزا-كەنتلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ بولۇشىغىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ئادەتلىرى ئىچىدە تۈگمەنچىلىكنىڭ ئالاھىدە رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، يەرلىك تۈگمەنلەرنىڭ سانى بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئازلاپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن خەلق ئاممىسى زاۋۇت ئۇنىغا قارىغاندا تۈگمەن ئۇنىنى ئەتىۋارلىق بىلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#