دوللار

ئامېرىكا دوللىرى(United States dollar  پۇلنىڭ قىسقارتىلمىسى:USD پۇلنىڭ ISO 4217 كودى:USD؛ بەلگىسى: $ ) بولسا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ پۇل بىرلىكى. نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقىنى 1929-يىلىدىن باشلاپ تارقىتىلغان ھەرخىل نۇسخىدىكى پۇللار بۇلۇپ، 1792-يىلى «ئامېرىكا قۇيما پۇل قانۇنى» ماقۇللانغاندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن.

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى ئامېرىكا دوللىرى
ئېنگلىزچە ئاتىلىشى United States dollar
قەغەز پۇل بىرلىكلىرى $1 $2 $5 $10 $20 $50 $100
ئىشلىتىدىغان رايۇن ئامېرىكا
بىرلىكى دوللار(dollar)سېنت(cent)
خەنزۇچە ئاتىلىشى 美元
تارقاتقان ئورگان U.S Federal Reserve Bank قوشما شىتات زاپاس پۇل كومىتىتى
تەڭگە پۇل بىرلىكلىرى 1¢ 5¢ 10¢ 25¢ 50¢ $1
كودى USD
ئايرىباشلاش نىسبىتى 1دوللار=6.5004يۇەن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئامېرىكا دوللىرى(United States dollar  پۇلنىڭ قىسقارتىلمىسى:USD پۇلنىڭ ISO 4217 كودى:USD؛ بەلگىسى: $ ) بولسا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ پۇل بىرلىكى. نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقىنى 1929-يىلىدىن باشلاپ تارقىتىلغان ھەرخىل نۇسخىدىكى پۇللار بۇلۇپ، 1792-يىلى «ئامېرىكا قۇيما پۇل قانۇنى» ماقۇللانغاندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن.نۆۋەتتىكى دوللارنى ئامېرىكا قوشما شىتات زاپاس پۇل كومىتىتى ( يەنى ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى) باشقۇرىدىغان بولۇپ، 1913-يىلىدىن باشلاپ  قوشما شىتات زاپاس پۇل كومىتىت تۈزۈمى بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، قوشما شىتات زاپاس پۇلى تارقىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان پۇلنىڭ %99 دىن ئارتۇقى قوشما شىتات زاپاس پۇلى.

دوللارنىڭ تارقىتىلىشىنى باشقۇرىدىغان باش ئورگان بولسا دۆلەت مەجلىسى، كونكىرىت تارقىتىلىش مۇلازىمىتىگە قوشما شىتات زاپاس پۇل كومىتىتى مەسئۇل بولىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياۋروپادىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ بېسىم ئىشلىتىشى ئاستىدا خالقئارالىق پۇل ئوبوروتىدا  چۇقۇم دوللارنى بىرلىك قىلىشقا قۇشۇلدى، شۇنىڭ بىلەن دوللار زاپاس پۇل سۈپىتىدە ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتلەردىمۇ كەڭ كۆلەمدا ئىشىلىتىلىشقا باشلىدى.

1792-يىلى، ئامېرىكىنىڭ 13مۇستەملىكە رايۇنىدا پۇل ئوبوروت رايۇنى شەكىللەندى، ئەينى چاغدا ئامېرىكا پەقەتلا 4مىليۇن نوپۇسى بار دۆلەت ئىدى. تەرەققىيات 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى. 1914-يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي سوممىسى باشقا ئەڭ چوڭ ئۈچ دۆلەت: ئەنگىلىيە، گېرمانىيە ۋە فرانسىيەلەرنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ ئىدى. بۇخىل ئەھۋال ئامېرىكا دوللىرنىڭ مەرتىۋىسىنى كۈنسايىن ئۈستۈن قىلىۋاتاتتى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، ياۋرۇپادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالتۇنلىرى جەڭ ماتېرىياللىرىنى سېتىۋىلىش ئۈچۈن كۆپلەپ ئامېرىكىغا ئېقىپ كىردى. ئامېرىكا قوشما شىتات زاپاس پۇل بانكىسى بۇ ئالتۇنلارنى قانۇنلۇق پۇل قىلىپ بېكىتتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 1914-يىلىدىن 1920-يىلىغىچە ئامېرىكىدا مال باھاسى بىر ھەسسە ئۆرلەپ كەتتى. كېيىن ئامېرىكا قوشما شىتات زاپاس پۇل بانكىسى پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلەشنى قارار قىلدى ۋە شۇ ئارقىلىق مال باھاسىنى ئەسلى ھالەتكە ئەكىلىشنى نىيەت قىلدى. شۇ تەرىقىدە بىر مەزگىل پۇل قىسىنچىلىق كۆرۈلدى، مال باھاسى 1920-يىلى بىر يىل ئىچىدە 200دوللاردىن 140 دوللارغا چۈشۈپ، %30 تۆۋەنلىدى، مانا بۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ پۇل قىسىنچىلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

گەرچە ئالتۇن بىرلىك تۈزۈمىدىكى 35 يىل ۋاقىت كاپىتالىزىمنىڭ ئەڭ گۈللەپ-ياشنىغان ئالتۇن دەۋرى بولسىمۇ، پېرىۋوت نىسبىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ خەلقئارالىق سودا ۋە ئىناۋەتلىك قەرز بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى ھېسابلاشنى ئاددىيلاشتۇرۇش، خەلقئارالىق مەبلەغ سېىلىش خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئارتۇقچىلىقلىرى بار ئىدى. مەلۇم نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ خەلقئارالىق سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. ھالبۇكى، قاتتىق بولغان مۇقىم پېرىۋوت نىسبىتى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلەت ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، پايدىلىق پۇل سىياسىتى تۇزۈشىگە توسقۇنلۇق قىلغانىدى، شۇنداقلا ئىقتىسادىي ئېشىشنى زور دەرىجىدە چەكلەپ قويغانىدى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە سېستىمىسى قالايمىقانلىشىپ ئۇماچ بۇلۇپ كەتتى. بۇخىل مالىمانچىلىقنى بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن، 1943-يىلى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى ۋايىت بىلەن ئەنگىلىيە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى كېيىنس قاتارلىقلار ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنيا پۇل مۇئامىلە سېستىمىسىنى لايىھەلەپ چىقتى ۋە ئىككى خىل ئوخشىمىغان لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى «ۋايىت پىلانى» ۋە «كېيىنس پىلانى» قاتارلىقلاردۇر.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#