مانى دىنى
بۇ دىن مىلادى Ⅲ- ئەسىردە پىرسىيە يەنى بۈگۈنكى ئىراندا مانى ئاتلىق ئادەم تەرىپىدىن يارىتىلغان بولغاچقا شۇ نامدا ئاتالغان.
مانى دىنى 3-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە قەدىمقى ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر قەدەر كەڭ تارقالغان ۋە چوڭقۇر تەسىر قوزغىغان، شۇنداقلا غەرپتە ئاتلانتىك ئوكياندىن شەرقتە ھىنگان تاغلىرىغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا 10ئەسىرگە يېقىن مەۋجۇت بولغان دۇنيا تارىخىدىكى مۇھىم دىنلارنىڭ بىرى .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مانى دىنى Ⅳ- ئەسىردىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىياغا، ئۇنىڭدىن كېيىن خەنزۇلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئىچىگە تارقىلىش بىلەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە، خانلىق يىمىرىلگەنگە قەدەر دۆلەت دىنى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگلەندىن كېيىن تا Ⅹ -ئەسىرگىچە ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئىلى تەۋەسىدە بۇددا دىنى بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. مانى دىنى «ياخشىلىق-يامانلىق» ، «يورۇقلۇق-قاراڭغۇلۇق» ، «دوزاخ-جەننەت» تىن ئىبارەت ئالەم قارىشىنى دالالەت قىلىدۇ، بۇ دىن بولۇپمۇ «يورۇقلۇق» قا چوقۇنۇش-ئېتىقاد قىلىشنى تەرغىپ بىلىدىغانلىقى ئۈچۈن «يورۇقلۇق دىن» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
مانى مۇخلىسلىرىنىڭ نەزىرىدە :دۇنيا بىنا بولمىغان دەسلەپكى پەيتتە يۇرۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ بولغان، ئۇلار بىر-بىرىگە ئارلاشمىغان، ئارلىقتىكى پەيتكە كەلگەندە ،قاراڭغۇلۇق يۇرۇقلۇقنى بېسىپ كەتكەن. بارلىق ياخشى شەيئىلەر يۇرۇقلۇقتىن،بارلىق يامان شەيئىلەر قاراڭغۇلۇقتىن مەيدانغا كەلگەن. ئارلىقتىكى پەيتنىڭ ئاخىرىدا بىر قېتىملىق بالايى-ئاپەت يۇز بېرىدۇ-دە، ماددى دۇنيا گۇمران بولىدۇ. يۇرۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنىڭ چىگرىسى قايتىدىن ئايرىلىدۇ، ئۇ ۋاقىتقا كەلگەندە ، ئىستىقامەتنى داۋاملاشتۇرغان ياخشى ئادەملەر جەننەتكە، ئەسكىلىك قىلىش نىيىتىدىن يانمىغان يامان ئادەملەر دوزاققا كىرىدۇ دەپ قارىغاچقا ،مانى مۇخلىسلىرى رىيازەت چېكىشنى، ھاراق ئىچمەسلىكنى، گۆش يېمەسلىكنى، ئاغرىپ قالغاندىمۇ دورا ئىچمەسلىكنى، ئوپچە ئاشخانىدا تاماق يەپ، ئوپچە يېتىشنى تەشەببۇس قىلاتتى. ئولگەنلەرنى يالىڭاچ پېتى كېپەنلىمەي دەپنە قىلاتتى.
مانى دىنى سۈرىيەدىن ھالقىپ جەنۇبى ياۋروپا ۋە شىمالى ئافرىقىغىمۇ كەڭ تارقالغان. ئەمما ئۇ يەردە ئوتتۇرا ئاسىيادىدكىدەك بىرەر دۆلەتنىڭ دىنىغا ئايلىنالمىغانلىقتىن 12-ئەسىرنىڭ ئالدى كەينىدىكى ئەھلىسەلپ ھەركىتىدە بىدئەت دىن دەپ قارىلىپ يوقىتىۋېتىلگەن. مانى دىنى يوقالغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ تەسىرى كېيىنكى دىنلاردا بىر خىل بىدئەت شەكلىدە ساقلىنىپ قالغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.