ئانار
ئانار (Punica granatium Linn) ئانار ئائىلىسى (Punicaceae) ئانار ئۇرۇقدىشى (Punica L) غا تەۋە مېۋىلىك دەرەخ. تارىخىي مەلۇماتلارغا قارغاندا ئانار شىنجاڭدا بۇنىڭدىن 2000 يىل ئىلگىرىلا ئانار ئۆستۈرۈلگەن ھەم شىنجاڭ ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تارقالغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئانار دەرىخىنىڭ ئۆسۈشى ئوتتۇراھال ، شاخلىنىشى كۈچلۈك ، چاتقال شەكلىدە توپلىشىپ ئۆسىدۇ . چېچەك كاسسىسى ئۇزۇن ، تۈز، رەڭگى قىزىل، مېۋە شەكلى يۇمىلاق ، ساپىقىغا يىقىن جاي كۆتۇرۈلۇپ چىققان ، دانىسى چوڭ ، مېۋە يۈزى پارقىراق ئەمەس ، تومپىيىپ چىققان قىرلىرى بار ، پوستى رەڭگى سۆسۆن ،ئىچكى قىسمى تۆت ، بەش ، ئالتە بۆلۈنمىگە بۆلۈنگەن ، ئايرىغۇچى پەردىسى نىپىز، مېۋە ئۇرۇقى چوڭ ، ھەر قايسى تۈردىكىلىرىنىڭ تەمى ئوخشاش ئەمەس.
ئانارنىڭ ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا سەككىزخىل سورتى بار، بۇنىڭ ئىچىدە تاتلىق ئانار، ئاچچىق ئانار، ناخۇش ئانار، خوتەن پىيالما 1 - نومۇر، خوتەن پىيالما 2 - نومۇر قاتارلىق بەش خىل سورتى ئىستېمال قىلىش ئۈچۈن ئۆستۈرۈلىدۇ، ئەتتىرگۈل ئانار، سېرىق ئانار، ھېقىق تاشسىمان ئانار سورتى مەنزىرە ئۆسۈملۈكى ئورنىدا ئۆستۈرۈلىدۇ.
تاتلىق ئانار
تاتلىق ئانارتاتلىق ئانارنىڭ مېۋىسى چوڭ، يۇمىلاق، ئوتتۇرىچە دانە ئېغىرلىقى 450 گرام، ئەڭ چوڭلىرى بىر كىلوگرام كېلىدۇ. پوستى نېپىز، مېۋە يۈزى سىلىق، ئوچۇق قىزىل، ئۇرۇقى چوڭ ھەم ئوچۇق قىزىل، ئۇرۇقخانىسى ئالتە بۆلەك، ئايرىغۇچى پەردىسى ئوتتۇراھال قېلىن، بۇ خىل سورت سۈپەتلىك، شىرنىسى كۆپ تاتلىق بولۇپ ئېرىشچان قاتتىق ماددىسىنىڭ مىقدارى % 15 كە يېتىدۇ. 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرى پىشىدۇ. مەھسۇلاتى يۇقىرى.
ئاچچىق ئانار
ئاچچىق ئانارئاچچىق ئانارنىڭ مېۋە شەكلى يۇمىلاق ، ساپىقىغا يىقىن جاي كۆتۇرۈلۇپ چىققان ، دانىسى چوڭ ، يەككە ئېغىرلىقى 270 گرام ، چېچەك كاسسىسى ئۇزۇن ، تۈز ، مېۋە يۈزى پارقىراق ئەمەس ، تومپىيىپ چىققان قىرلىرى بار ، پوستى رەڭگى سۆسۆن ، ئالتە بۆلۈنمىگە بۆلۈنگەن ، ئايرىغۇچى پەردىسى ئوتتۇراھال قېلىن ، مېۋە ئۇرۇقى چوڭ ، تەمى ئاچچىق ، ئېرىشچان قاتتىق ماددىسىنىڭ مىقدارى %16.5 . دەرىخىنىڭ ئۆسۈشى ئوتتۇراھال ، شاخلىنىشى كۈچلۈك ، توپلىشىپ ئۆسىدۇ . مېۋىسى توشۇش ، ساقلاشقا چىداملىق ، دورىلىق قىممىتى يۇقىرى .
ئەتىرگۈل ئانار
ئەتىرگۈل ئاناربۇ بىرخىل ئەتىرگۈل ئانار مەنزىرە ئۆسۈملۈكى بولۇپ ، دەرىخى پاكار ، شاخچىلىرى ئىنچىكە ، يوپۇرماقلىرى تار ، گۈلى كىچىك ، ئوچۇق قىزىل ، سۇس قىزىل ، ئاق سېرىق رەڭلەردە بولىدۇ ، مېۋىسى پىشقاندا رەڭگى سۇس قىزىل ياكى قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ ، يېگىلى بولمايدۇ .
بۇ خىل ئانار دەرىخى ئائىلىلەردە تەشتەكتە ئۆستۈرۈلىدۇ ، گۇلىنىڭ ئېچىلىش مەزگىلى 5 - ئايدىن 7 -ئايغىچە ، مېۋىسى 6 - ئايدىن 12 - ئايغىچە ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ .
ئانار دەرىخى ئىللىق ، كۈنگەي مۇھىتتا ئۆسۈشى ياخشى، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، ھۆلچىلىككە، سوغۇققا چىدىمايدۇ، شۇنداقلا ئۈنۈمسىز تۇپراقتىمۇ ئۆسەلەيدۇ ، لېكىن سۇ چىقىرىشى ياخشى بولغان قۇم ئارىلاش ئۆستۈرۈش شارائىتى بولسا تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ .
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
ئانارئانارنىڭ قەنت مىقدارى %16.8 - 11.0 بولۇپ ، تەركىبىدە يەنە ئالما كىسلاتاسى ۋە لىمۇن كىسلاتاسى بار. چۈچۈمەللىك دەرىجىسى مېۋە پوستى ۋە پىشىشىىنىڭ ئىلگىرى - كېيىنلىكىگە ئاساسەن ئادەتتە %1.0 - 0.4، تەخمىنەن %0.77 بولىدۇ ، تەكشۇرۇشكە ئاساسلانغاندا ھەر 100 گرام ئانار تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى 11 مىللىگرام بولۇپ، ئالما ۋە نەشپۈتلەرگە سېلىشتۇرغاندا بىر ھەسسىدىن ئىككى ھەسسىگىچە يۇقىرى.
دورىلىق قىممىتى
ئانارنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىدە يۇرەكنى كۈچلەندۇرۇش ، قان تولۇقلاش، مېڭىنى قۇۋەتلەش ، قان تازلاش رولى بار، ئىچى سۈرۈش، ئاشقازان ئاجىزلىقى، ئىشتىھاسىزلىق، ھەزىم ئاجىزلىقى، تولغاق، چىش تۈۋى بوشاپ قېلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
تاتلىق ئانار
تاتلىق ئانار يۈرەك، جىگەر ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش، قان كۆپەيتىش، ھارارەت پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، كۆكرەك ۋە گالنىڭ يىرىكلىكىنى ياخشىلاش، ئوزۇقلۇق تولۇقلاش،سۈيدۈك ھەيدەش، ئىچنى توختىتىش، مەددە قۇرت ئۆلتۈرۈش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاچچىق ئانار
ئاچچىق ئانار ئاساسلىق ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشەش، قان تازىلاش ، يۈرەك، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، جىگەر ھارارىتىنى پەسەيتىش، يۈرەك چالاڭغۇراش كەيىپ قىلىشتىن بولغان مەسلىكنى يېشىش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى بار. ئاچچىق ئانار، ۋاسالغۇ ئۈزۈم، زىرە قاتارلىقلاردىن 2 گرامدىن ئېلىپ تالقانلاپ ئىچسە قۇسۇشنى توختىتىدۇ.
ئاچچىق ئانار پوستى
1.ئاچچىق ئانار پوستىدىن 10 گرام، تاباشىردىن 10گرامنى ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ 7 مىللىلىتىر، تۆمۈر داغمال سۈيى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە غەيرىي تەبىئىي قان ۋە سەپرا خىلىتىدىن بولغان ئىچى سۈرۈشكە شىپا بولىدۇ.
2. ئاقاقىيا، بۇغا مۈڭگۈزى، ئەنجىباھار، ئانار پوستى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىنى10 گرامدىن ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ جاراھەت بار ئورۇنغا سەپسە جاراھەتنى پۈتتۈرىدۇ.
3. ئانار پوستىدىن 100 گرام، فۇفەلدىن 20 گرام ئېلىپ، ئابزەن قىلىپ بەرسە مەقئەت چىقۇقى، ئاق خۇن كۆپىيىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. ئانار پوستىدىن 3 گرامنى 9 گرام سەرخىس بىلەن قاينىتىپ ئىچكۈزۈلسە تۆتۈ قۇرتىنى چۈشۈرىدۇ. 1 كلوگرام ئانار پوستىنى 6 گرام تازىلانغان شور بىلەن قاينىتىپ سۈيىگە شېكەر قوشۇپ ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ ئىچكۈزۈلسە ئۈچەيدىكى سازاڭسىمان قۇرتنى چۈشۈرىدۇ.
ئانار گۈلى
1. قاينىتىپ ۋاننا قىلىنسا، مەقئەت چىقىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. ئانار گۈلى، قىزىلگۈل ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە ئېغىزنى خۇش پۇراق قىلىپ، بەتبۇيلىقنى يوقىتىدۇ ھەم بەدەننى يۇسا تەر پۇرقىنى يوقىتىدۇ.
3. ئانار گۈلى، ئاقاقىيا، رۇسۇت قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ تالقانلاپ، يەرلىك ئورۇنغا سەپسە، تاشقى ئەزالاردىكى قاناشلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. قۇرۇتۇلغان ئانار گۈلىنى يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ، كۈندە 3 قېتىم ھەرقىتىمدا 5 گرامدىن ئىستېمال قىلسا، ئېغىز جاراھەتلىرىگە، ئىچ ئۆتكۈ كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. يەرلىك ئورۇنغا سەپسە ھەر خىل جاراھەتلەرنى پۈتتۈرىدۇ.
5. ئانار گۈلى، ئاقىرقەرھالارنىڭ ھەر بىرىدىن 15 گرامدىن، موزىدىن 12 گرام ئېلىپ سوقۇپ تالقانلاپ، چىش تۈۋىگە سېپىپ بەرسە، چىش مىلىك ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ
مەنزىرە قىممىتى
ئانارنىڭ سىرتقى شەكلى كۆركەم ، تەمى شېرىن يېيىشلىك ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ، چۈچۈمەل تاتلىق بولغاندىن تاشقىرى دەرىخىمۇ كۆركەم بولغاچقا ، كىشىلەر ئۇنى ھويلا ئاراملارغا تىكىپ ئۆستۈرۈپ مۇھىتنى گۈزەللەشتۇرىدۇ .
ئانارنىڭ گۈلى چىرايلىق، چېچەك مەزگىلى ئۇزۇن ، مېۋىسى شېرىن بولغاچقا، كىشىلەر يەنە تەشتەكلەردە ئۆستۈرۈرپ ھويلا - ئاراملارغا ئۆيلەرگە قويۇپ ھوزۇرلىنىدۇ.
ئانارئانارنىڭ ئەسلى ماكانى ئوتتۇرا ئاسىيا ،ئېران ، ئافغانىستان قاتارلىق جايلار بولۇپ ، ھازىرمۇ ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيىدە كەڭ كەتكەن ياۋا ئانار ئورمانلىقى بار . تارىخىي مەلۇماتلارغا قارغاندا شىنجاڭدا بۇنىڭدىن 2000 يىل ئىلگىرىلا ئانار ئۆستۈرۈلگەن ھەم شىنجاڭ ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تارقالغان . ئانار شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ . بولۇپمۇ خوتەن ، قەشقەر ، ئاتۇش ، يەكەن قاتارلىق جايلاردا كۆپ ئۆستۈرۈلىدۇ .
ئانارئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئۇزاق مەزگىل ئانار شەربىتى ئىچىپ بېرىش خىزمەت بېسىمىنى يەڭگىللىتىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئانار شەربىتى خىزمەت بېسىمىنى يەڭگىللىتىشتىن سىرت يەنە خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىق ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكىمۇ پايدىلىق ئىكەن. ساپ ئانار شەربىتىنىڭ نۇرغۇنلىغان رولى بار بولۇپ، ئۇ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، يۈرەك كېسىلى، سەكتە ۋە بۆرەك كېسىلىگە پايدىلىق ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت ھەر خىل مېۋە شەربىتىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق رولى بار، مەسىلەن، تاۋۇز شەربىتى ھەزىمنى ياخشىلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىشتىھانى ئاچىدىكەن، ئالما شەربىتى ئاشقازان-ئۈچەينى تازىلاپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. لېكىن شەربەتنى تاماقنىڭ ئالدى-كەينىدە ئىچمەسلىك، تاماق يەپ بىر سائەتتىن كېيىن ئىچىش كېرەككەن.[1][0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.