زەرنەپ

زەرنەپ ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، قىزىتما قايتۇرۇش، چىش مىلىكىنى چىڭىتىش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى زەرنەپ
ئەرەبچە نامى سەرۋى
ئىنگلىزچە Branchlet and leaf of japanese yew
تونۇش شىمالىي زەرنەپ دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقى
تەمى تەمى ئاچچىق، خۇش پۇراق بولىدۇ
خەنزۇچە ئاتىلىشى 紫杉zi shan
پارسچە نامى زەرنەب
ئوردۇچە نامى سەرۋى تۈركىستانى، تالىس پەتتەر
شەكلى يوپۇرماقنىڭ شەكلى چىۋىقسىمان، رەڭگى يېشىل
ۋاقتى ھەممە پەسىللەردە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئۈچ ئۆلكىدىن، يەنە بىنگال، جەنۇبىي ھىندىستان قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.

ئائىلىسى

زەرنەپ ئائىلىسىدىكى ئېگىزلىكى 20 مېتىردىن ئېگىز ئۆسىدىغان، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ.

زەرنەپ دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقى

ئۈنۈملۈك تەركىبى

يوپۇرمىقى تەركىبىدە تاكسىنىن (Taxinine)، تاكسىنىنA، تاكسىنىنH، تاكسىنىنK،  تاكسىنىن Lقاتارلىقلار بار.

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

سوپۇپى زەرنەب.

جىگەر، تال، ئاشقازان ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، كۆڭۈلنى خۇش قىلىش، پەي ۋە مۇسكۇللارنى كۈچلەندۈرۈش، يەل تارقىتىش، قورۇش، بەلغەم بوشىتىش، يۆتەل پەسەيتىش، زىيادە ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش، ئاغرىق توختىتىش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، قىزىتما قايتۇرۇش، چىش مىلىكىنى چىڭىتىش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتى بار.

يۈرەك ئاجىزلىقى، يۈرەك قوزغىلىش، يۈرەك رېتىمسىزلىقى، ئاشقازان ئاجىزلىقى، ئىشتىھاسىزلىق، ھېق تۇتۇش، يۆتەل، دەم سىقىلىش، مېڭە ۋە ئەسەبىي كېسەللىكلەر جۈملىدىن پالەچ، لەقۋا، ئىچى سۈرۈش، چىش مىلىكى بوشاپ كېتىش، ھەرخىل ئىچكى - تاشقى قاناشلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىش تەسىرى: زەرنەپ ئالكولوئىدىنى يۇقىرى شېكەرلىك قان كېسەللىكلىرىگە ھەر كىلوگرام بەدەن ئېغىرلىقى ئۈچۈن 1~5 مىللىگرامدىن ھېسابلاپ، تېرە ئاستى ياكى ۋېناغا ئوكۇل قىلىنسا، قاندىكى قەنتنى تۆۋەنلىتىدۇ.

2. باشقا تەسىرى: زەرنەپ ئىشقارى ئارىلاشما ئىشقارلار بولۇپ، تاكسىنىن) Aبۇ ياۋروپادىن چىقىدىغان تاكسوس Txus baccata ئىچىدىن ئېلىنغان) نىڭ زەھەرلىك تەسىرى چوڭ ئەمەس، تاكسىنىن B ئوكۇلى ئازراق زەھەرلەيدۇ. يەنى بۇ يۈرەك مۇسكۇلىغا نىسبەتەن بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭ ئۈنۈملۈك قويۇقلۇقى ھەر بىر مىللىلىتىردا 80 مىللىگرام بولىدۇ.

خاس تەسىرى

جىگەرنىڭ توسالغۇسىنى ئېچىش، ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇش، ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، قىزىتما قايتۇرۇش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش.

ئورۇنباسارى 

 لاچىندانە، دارچىن، كاۋاۋىچىن

ئەكىس تەسىرى 

ئىسسىق مىزاجلىقلارغا ۋە تېنى ئاجىز كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

قۇرۇق يۇمغاقسۈت

1. زەرنەپ ، ئۈستىقۇددۇس، بادىرەنجى بۇيا، گاۋزىبان، قەلەمپۇر، ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ چايلىق تەييارلاپ ئىچسە، يۈرەك قوزغىلىش، يۈرەك رېتىمسىزلىقى، پالەچ، لەقۋا كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ.

2. زەرنەپ،  موزا، ئاقاقىيا، كات ھىندى، 5 گرامدىن، ئانارگۈلى 2 گرام. سوقۇپ سۇپۇپ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم چىش تۈۋىگە سەپسە، چىش مىلىكى قاناشقا شىپا بولىدۇ، چىشنى چىڭىتىدۇ.

يىغىش 

يىلنىڭ ھەممە پەسىللىرىدە شاخ ۋە يوپۇرماقلىرىنى يىغىۋېلىشقا بولىدۇ.[0]

قۇرۇق يۇمغاقسۈت

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=310

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#