دوستويېۋسكىي

لۇشۈن دوستويېۋسكىي (1821-1881-يىللار) توغرىسىدا توختالغاندا، رەھىمسىز، سوغۇق قان ماقالىلىرى بىلەن قاتتىق روھىي جازا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ روھىنى سوراققا تارتتى، دېگەنىدى.

 دوستويېۋسكىي بىر دوختۇر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1843-يىلى پېتربورگ ھەربىي قۇرۇلۇش مەكتىپىنى پۈتكۈزۈپ، قۇرۇلۇش كارتوگرافىيە ئورنىدا بىر يىل ئىشلىگەن، كېيىن خىزمىتىدىن ئايرىلىپ، مەخسۇس ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى دوستويېۋسكىي
دۆلەت تەۋەلىكى رۇسىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1881-يىل 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
خەنزۇچە ئىسمى 费奥多尔·米哈伊洛维奇·陀思妥耶夫斯基
تۇغۇلغان ۋاقتى 1821-يىل 11-ئاينىڭ 11-كۈنى
كەسپى يازغۇچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇ  1846-يىلى ئېلان قىلىنغان «كەمبەغەل» دېگەن رومانى بىلەن تونۇلغان. بۇ مەكتۇپ شەكلىدىكى روماندا ياشانغان مەمۇر ماكار دېۋىشكىن بىلەن كىچىكىدىلا ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ، پاھىشە بولۇشقا مەجبۇرلانغان ياش قىز ۋارۋارا توبورۇشلىۋانىڭ بىر-بىرىنى ياخشى كۆرگەن ھېكايىسى بايان قىلىنغان. ئۇلار بىر-بىرىگە كۆيۈنىدۇ، بىر-بىرىنى سۆيىدۇ، لېكىن ئىقتىسادىي شارائىت سەۋەبىدىن دېۋىشكىن ۋارۋارانى بۇ دوزاختىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقالمايدۇ، ۋارۋارا ئامالسىز پومېشچىككە كىچىك خوتۇن بولىدۇ. رومان «كىچىك شەخسلەر» گە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلغانلىقى ۋە باش قەھرىماننىڭ پسىخىكىسىنى ئىنچىكە سۈرەتلەپ بەرگەنلىكتىن، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. بېلىنىسكىي بۇ روماننى ماختاپ، رۇسىيە ئەدەبىياتى تارىخىدا «ئىجتىمائىي روماننىڭ تۇنجىسى» دېگەنىدى. 

لېكىن، دوستويېۋسكىينىڭ ئەدەبىي يولى تەكشى بولمىغان. 1849-يىلى ئۇ بىر ئاكتىپ تەشكىلاتنىڭ يىغىلىشىغا قاتناشقانلىقى ۋە بېلىنىسكىينىڭ گوگۇلغا يازغان خېتىنى ئۈنلۈك ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. دەل جازا ئىجرا قىلىنىدىغان چاغدا، چار پادىشاھ كەچۈرۈم بۇيرۇقى چىقىرىپ، ھۆكۈمنى ئېغىر ئەمگەككە سېلىش ۋە ئەسكەرلىككە پالاشقا ئۆزگەرتكەن. شۇڭا، ئۇ سىبىرىيە قاتارلىق جايلاردا تۆت يىل ئېغىر ئەمگەك قىلغان ۋە بەش يىل ئەتراپىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 10 يىلغا يېقىن سەرگەردانلىق تۇرمۇشى ئۇنى جىسمانىي جەھەتتىنلا كاردىن چىقىرىپ قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئېتىقادىنىمۇ تەۋرىتىپ قويغان. 

ئۇ دىننى تەشەببۇس قىلغان، ھەممە ئادەم گۇناھكار، جىنايەتچى» بەختسىز «دېگەننى تەرغىب قىلغان، ھۆكۈمرانلار سىنىپى بىلەن خەلقنى مۇرەسسەگە كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلغان. بۇ ئىدىيىلەر ئۇنىڭ ئەدەبىيات مۇنبىرىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى «چىڭ قول ئېلىشىش»، «ھاقارەتلەنگەنلەر ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار»، «ئەخمەق»، «جىنايەت ۋە جازا»، «ئاكا-ئۇكا كارامازوفلار» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەنگەن.

«جىنايەت ۋە جازا» دوستويېۋسكىينىڭ ۋەكىللىك رومانى. روماندا ئاددىي پۇقرا ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ نامراتلىق تۈپەيلىدىن ئوقۇشتىن توختىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. ئۇ، ئاددىي ئادەملەر قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ باشقىلارنىڭ رايىغا بېقىشى، زورلۇققا بويۇن ئېگىشى كېرەك؛ ئالاھىدە ئادەملەر خالىغىنىنى قىلسا، ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى باشقىلارغا تاڭسا بولۇۋېرىدۇ، دېگەن «نەزەرىيە» نى يەكۈنلەپ چىقىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ «ئالاھىدە ئادەم» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، جازانىگە پۇل بېرىدىغان بىر موماينى ئۆلتۈرۇۋېتىدۇ. لېكىن، دېلونى سادىر قىلىپ بولغاندىن كېيىن، قەلبى يەتكۈدەك ئازابلىنىپ، ئاخىر ئۆزىنى مەلۇم قىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنىدۇ. روماندا، قورقۇنچلۇق، قاتىللىق قاتارلىق كىشىنىڭ يۈرىكىنى سىقىدىغان جىددىي ۋەقەلىك ئارقىلىق، نامراتلىق، قۇللۇق، ھاراقكەشلىك، جىنايەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق رېئال تۇرمۇش كارتىنىلىرى بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزۈش پسىخىكىسى، جەمئىيەتنىڭ ئىدىيىۋى ئېقىمى، ئەدەپ-ئەخلاق قائىدىلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلەر ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، يانچىلىق تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن، كاپىتالىزمنىڭ ھۇجۇمىدا روسىيە جەمئىيىتىدە يۈز بەرگەن تەۋرىنىش ۋە ئۆزگىرىشلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. روماندا باش پېرسوناژنىڭ ئىچكى توقۇنۇشلىرى ئىنچىكە، چىن، چوڭقۇر ۋە مول قاتلاملىق سۈرەتلەپ بېرىلگەن، بولۇپمۇ باش پېرسوناژنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن ۋە كېيىنكى پسىخىكىلىق پائالىيىتىنى تەسۋىرلەش ئۇسۇلى ھېچكىمگە ئوخشىمايدۇ شۇنداقلا ئۇ لۇشۈن ئېيتقاندەك، «روھىي جازا» ئۇسۇلىدۇر. ئاپتور پېرسوناژنى چىدىغۇسىز كەچۈرمىشلەر ئىچىدە تاۋلاپ، ئۇنىڭ كۆرۈنۈشىدىكى پاكلىقنى سويۇۋېتىپ، يەنە ئۇنىڭ قەلبىنىڭ تېگىگە يوشۇرۇنغان جىنايىتىنى تېپىپ چىقىدۇ. دوستويېۋسكىي پېرسوناژ تەسۋىرىدە «ئاڭ ئېقىنى» ئۇسۇلىنى ئەڭ بۇرۇن قوللانغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن مودېرنىزمچى يازغۇچىلار ئۇنى پىر ئۇستاز دەپ ماختاشقان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#